|
20– ئاپرېل 2008– يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغان كوماندىلار بېيجىڭدا چەك تارتىپ گۇرۇپپىلارغا بۆلۈندى، جۇڭگو ئولىمپىك پۇتبول كوماندىسى يېڭى زېللاندىيە، بېلگىيە، برازىلىيە كوماندىلىرى بىلەن بىرگە C گۇرۇپپىغا بۆلۈندى .
چەك تارتىش مۇراسىمىغا خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىس برات قاتارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار قاتناشتى .2008–يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىگە ئەرلەر گۇرۇپپىسى بويىچە 16 كوماندا ، ئاياللار گۇرۇپپىسى بويىچە 12 كوماندا قاتنىشدۇ .
ئەرلەر گۇرۇپپىسى بويىچە كوتې دى ئىئوۋېر ، ئارگېنتىنا، ئاۋسترالىيە ، سېربىيە كوماندىلىرىA گۇرۇپپىغا ؛ گوللاندىيە ، نىگېرىيە، ياپونىيە ، ئامېرىكا كوماندىلىرى B گۇرۇپپىغا؛ جۇڭگو ، يېڭىزېلاندىيە ، بېلگىيە، برازىلىيە كوماندىلىرى C گۇرۇپپىغا ؛ كورىيە ، كامېرون ، ھوندۇراس، ئىتالىيە كوماندىلىرىD گۇرۇپپىغا بۆلۈندى . جۇڭگو كوماندىسى 7– ئاۋغۇست شېنياڭدا يېڭى زېلاندىيە كوماندىسى بىلەن، 10– ئاۋغۇست بېلگىيە كوماندىسى بىلەن، 13– ئاۋغۇست چىڭخۇاڭداۋدا برازىلىيە كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ .
شۇ كۈنكى چەك تارتىپ گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈشتە ئاياللار پۇتبول كوماندىسى شۋېتسىيە ، ئارگېنتىنا ، كانادا كوماندىلىرى بىلەن بىرگەE گۇرۇپپىغا بۆلۈندى . بۇ گۇرۇپپىدىكى جۇڭگو كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشدىغان كوماندىلارنى ئانچەكۈچلۈك دەپ كەتكىلى بولمايدۇ .
ئاياللار گۇرۇپپىسى بويىچە يەنە چاۋشيەن ،نىگېرىيە ، گېرمانىيە ، برازىلىيە كوماندىلىرى Fگۇرۇپپىغا ؛ نورۋېگىيە ، ئامېرىكا ، ياپونىيە ، يېڭى زېلاندىيە كوماندىلىرى G گۇرۇپپىغا بۆلۈندى .جۇڭگو كوماندىسى 6– ئاۋغۇست تيەنجىندە شۋېتسىيە كوماندىسى بىلەن ، 9– ئاۋغۇست كانادا كوماندىسى بىلەن ، 12– ئاۋغۇست چىڭخۇاڭداۋدا ئارگېنتىنا كوماندسى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ .
شىنخۇا ئاگېنتلىقى
|