|
چۇاڭۋېي گۇرۇھىنىڭ شىنجاڭدىكى شىركىتى تۈنۈگۈن ئۈرۈمچى شەھەرلىك بالىلار پاراۋانلىق ئورنىغا قىممىتى 20 مىڭ يۈەنگە يېتىدىغان كرىستاللىق تېلېۋىزور ئىئانە قىلدى.
دۇنيادىكى 10 چوڭ داڭلىق ماركىلىق رەڭلىك تېلىۋىزور ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسى قاتارىغا كىرگەن چۇاڭۋېي گۇرۇھى قۇرۇلغان 20 يىلدىن بۇيان، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئىشلىرىنى پائال قوللاپ كەلدى. چۇاڭۋېي گۇرۇھىنىڭ شىنجاڭدىكى شىركىتى 2004–يىلى 8–ئايدىن ئېتىبارەن شىنجاڭدا ‹‹ ساغلاملىق، يورۇقلۇق ئاتا قىلىش ›› قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، ئۈرۈمچى، قەشقەر، خوتەن قاتارلىق جايلاردىكى كۆزىگە ئاق چۈشكەن 100 كېسەلگە كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئوپىراتسىيسى قىلدى.
|