|
ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئۇنىۋېرسال نىشانلىق باشقۇرۇش، باھالاش كومىتېتى ئىشخانىسىدىن ئىگىلىنىشىچە ، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئۇنىۋېرسال نىشانلىق باھالاش تارماقلىرى ۋە ھەر قايسى نىشانلىق باشقۇرۇشتىكى نۇقتىلىق باشلامچى تارماقلار ھەر قايسى رايون، ناھىيىلەرنى 2007–يىلىدىكى 14 تۈرلۈك ئاساسلىق كۆرسەتكۈچ بويىچە ئۇنىۋېرسال باھالىغان ، ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا كەسپى تەرەققىيات رايونى باھالاشتا 1–بولدى.
بۇلتۇر ، ئۈرۈمچى يۇقىرى ، يېڭى تېخنىكا كەسپى تەرەققىيات رايونىدا غوللۇق كارخانىلار كۆپەيدى . كارخانىلارنىڭ كۆلىمىمۇ كېڭەيدى . يېڭىدىن كۆپەيگەن كۆلەمدىن يۇقىرى كارخانا بەشكە يېتىپ، ئومۇمىي سانى 42 گە يەتتى. يىللىق سانائەت مەھسۇلات قىممىتى 100 مىليون يۈەنگە يەتكەن كارخانىلار يېتەكچى ئورۇننى ئىگىلىدى . يىللىق سانائەت مەھسۇلات قىممىتى 100 مىليون يۈەندىن ئاشقان كارخانىلار ئورۇندىغان سانائەت ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى 4 مىليارد 352 مىليون يۈەنگە يەتتى.
بۇلتۇر، ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا كەسپى تەرەققىيات رايونىنىڭ ئاساسلىق ئىقتىساد كۆرسەتكۈچلىرى تېز ئاشتى ھەمدە يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىندى. تىجارەت ئومۇمىي كىرىمى 30 مىليارد 290 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن 30.79 پىرسەنت ئاشتى؛ سانائەت ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى 5 مىليارد 576 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن 47.67 پىرسەنت ئاشتى ؛ سانائەت ئاشۇرۇلما قىممىتى 1 مىليارد 505 مىليون يۈەنگە يېتىپ، 59.6 پىرسەنت؛ تاپشۇرغان باج سوممىسى 1 مىليارد 351 مىليون يۈەنگە يېتىپ، 60.64 پىرسەنت؛ مالىيە كىرىمى 617 مىليون يۈەنگە يېتىپ، 32.69 پىرسەنت ئاشتى؛ مۇقىم مۈلۈككە سېلىنغان مەبلەغ 1 مىليارد 664 مىليون يۈەنگە يېتىپ، 45.71 پىرسەنت ئاشتى؛ تاشقى سودا ئىمپورت - ئېكسپورت ئومومىي سوممىسىمۇ 507 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتتى؛ ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 1 مىليارد 216 مىليون يۈەنگە يېتىپ، 15.48 پىرسەنت ئاشتى؛ سودىگەر ۋە مەبلەغ جەلب قىلىش ئارقىلىق كىرگۈزۈلگەن مەبلەغ 6 مىليارد 900 مىليون يۈەنگە، ئەمەلىيلەشتۈرۈلگىنى 4 مىليارد 840 مىليون يۈەنگە يەتتى.
|