باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئىجتىمائىي خەۋەرلەر
بېيجىڭ خۇڭلوسى ئوتتۇرا مەكتىپىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى رۇپىيا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى نۇر بەكرىگە خەت يازدى
2008- 04- 22 12:09 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى

       يېقىندا، بېيجىڭ شەھەرلىك خۇڭلوسى ئوتتۇرا مەكتىپىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىنىڭ تەييارلىق 2 - سىنىپىدىكى قازاق ئوقۇغۇچى رۇپىيا يېقىندا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇر بەكرىگە خەت يېزىپ، ئۆزى ۋە ساۋاقداشلارنىڭ بېيجىڭغا كەلگەندىن بۇيانقى ئىدىيە، ئۆگىنىش ۋە تۇرمۇش ئەھۋالىنى دوكلات قىلدى، خېتىدە، رۇپىيە پارتىيە، ھۆكۈمەتكە بولغان مىننەتدارلىقى ھەمدە مەكتەپ رەھبەرلىكى ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مېھرى - شەپقىتىگە بولغان تەشەككۇرىنى بىلدۈردى.
       مۇشۇ ئاينىڭ 11 - كۈنى، رەئىس نۇر بەكرى ئۆز قولى بىلەن ساۋاقداش رۇپىياغا خەت يېزىپ، ساۋاقداشلارنى ئىچكىرىدىكى تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىدا ئوقۇشتەك قىممەتلىك پۇرسەتنى قەدىرلەپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئۈمىدىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، تىرىشىپ ئۆگىنىپ، بالدۇرراق ئاپتونوم رايونىمىز ۋە دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇشىدىكى لاياقەتلىك ئىختىساس ئىگىلىرى بولۇشقا ئىلھام بەردى.
       نۇر بەكرى خېتىدە مۇنداق كۆرسەتتى، ئىچكىرى ئۆلكىلەردە شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىنى تەسىس قىلىش --- مەركەزنىڭ شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ ئىختىساس ئىگىلىرىنى تەربىيىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم ستراتېگىيىلىك تەدبىر، شۇنداقلا ھازىر جاپالىق ئىشلىنىدىغان، كېيىن ئۈنۈمىنى كۆرىدىغان ئەلرايى قۇرۇلۇشى بولۇپ، پارتىيە، دۆلەت ۋە مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ شىنجاڭغا بولغان غەمخورلۇقى ۋە قوللىشىنى تولۇق نامايەن قىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بىلەن خەلق ھۆكۈمىتى سىللەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىڭلارغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىدۇ ھەمدە سىللەردىن زور ئۈمىد كۈتىدۇ. سىللەردىن ئىچكىرىدىكى تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىدا ئوقۇشتەك تېپىلغۇسىز پۇرسەتنى ئىنتايىن قەدىرلەپ، ئاتا - ئانىلار ۋە شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئۈمىدىنى ئەستە چىڭ ساقلىشىڭلارنى، مەكتەپنىڭ ئىنتىزام، بەلگىلىمىلىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلىپ ، پەن ، مەدەنىيەت بىلىملىرىنى تىرىشىپ ئۆگىنىپ ، ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي ۋە گۈزەللىك جەھەتتىن ئومۇميۈزلۈك يېتىلىشىڭلارنى، ئاپتونوم رايونىمىز ۋە دۆلىتىمىز قۇرۇلۇشىغا بالدۇرراق قاتنىشىپ ، ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرىدىغان لاياقەتلىك ئىختىساس ئىگىلىرىدىن بولۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

 

( مۇھەررىر : قەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ