|
* مۇشۇ ئاينىڭ 17- كۈنىدىن بۇيان كۆرۈلگەن بوران چىقىش، قار يېغىش، تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەش قاتارلىق ھاۋارايى ئۆزگىرىشلىرى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق ئىشلىرىغا بەلگىلىك زىيانلارنى ئېلىپ كەلدى. نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى جايلار ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش تەدبىرلىرىنى پائال يولغا قويۇپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە ياردەم بەردى.
* بۇ قېتىمقى ئاپەت خاراكتىرلىك ھاۋارايى ئۆزگىرىشىدە ، بىڭتۈەن يېزا ئىگىلىك 6- شىسى شىنخۇ دېھقانچىلىق مەيدانىدىكى 3 مىڭ 500 مو يەرگە تېرىلغان كېۋەز، شوخلا ۋە 1 مىڭ 500 مو يەردىكى ئۈزۈم ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە ئۈششۈك ئاپىتىگە ئۇچرىدى. ئاپەت يۈز بەرگەندىن كېيىن، شىنخۇ دېھقانچىلىق مەيدانى دەرھال خادىملارنى تەشكىللەپ ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇشى ۋە ئۆز ئۆزىنى قۇتقۇزۇشىغا ياردەم بەردى. شىنخۇ دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ باشلىقى لى پېڭ مۇنداق دېدى: ‹‹ كۆتۈرۈلۈپ كەتكەن سولياۋ يوپۇق، تامچىلىتىپ سۇغىرىش تاسمىسى قاتارلىقلارنى ئۇلىغىلى بولسىلا ئۇلاپ چىقتۇق. زىيانغا ئۇچراش كۆلىمى زىيادە كەڭ بولغان يەرلەردە ماشىنا بىلەن قايتا تېرىپ چىقتۇق. ھازىر، تەييارلانغان ئىشلەپچىقىرىش ۋاستىلىرىنىڭ ھەممىسى ئورنىغا كېلىپ بولدى. دېھقانچىلىق مەيدانى پارتكومى ھەر قايسى ئورۇنلاردىن مۇشۇ ئاينىڭ 25- كۈنىگىچە، بۇ قېتىمقى ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش، ئۆز- ئۆزىنى قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى تاماملىشىنى تەلەپ قىلدى ››.
* بۇ قېتىمقى بوران چىقىش ۋە تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەش قاتارلىق ھاۋارايى ئۆزگىرىشلىرىنىڭ تەسىرىدە ، بورتالا شەھىرىدىكى 50 نەچچە مىڭ مو يەردىكى دېھقانچىلىق زىرائىتى ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە زىيانغا ئۇچرىدى. بۇ ئەھۋالغا قارىتا ، بورتالا شەھىرى 300دىن ئارتۇق يېزا ئىگىلىك پەن- تېخنىكا خادىمىنى ھەر قايسى كەنت ۋە گۇرۇپپىلارغا بېرىپ ، دېھقانلارنىڭ ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇشى ۋە ئۆز - ئۆزىنى قۇتقۇزۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىشقا تەشكىللىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، قىزىلچىنى قايتا تېرىغان ۋە يېڭىدىن تېرىغان دىھقانلارنى ئۇرۇقلۇق بىلەن ھەقسىز تەمىنلىدى ھەمدە ھەر مو يەرگە 20 يۈەندىن ماشىنا ئارقىلىق مەشغۇلات ئېلىپ بېرىش ياردىمى بەردى. ئاپەتكە ئۇچرىغان دېھقانلارنى بازار باھاسىدىن تۆۋەن بولغان باھادا كۆممىقۇناق ئۇرۇقلۇقى ۋە كېۋەز چىگىتى بىلەن تەمىنلەپ ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە ياردەم بەردى. نۆۋەتتە ، بورتالا شەھىرى كېۋەز چىگىتىدىن 600 توننا ، كۆممىقۇناق ئۇرۇقلۇقىدىن 87 توننا ، قىزىلچا ئۇرۇقلۇقىدىن 23 توننا تەييارلاپ، دېھقانلارنىڭ قايتا تېرىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشقا تىرىشتى.
* يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، كۆنەس ناھىيىسىدە ئومۇمىيۈزلۈك ئوتتۇرا ھال يامغۇر يېغىپ، كېيىن قارغا ئۆزگەردى. تاغلىق رايونلاردا قاتتىق قار يېغىپ ، 83 مىڭ مودىن ئارتۇق يەردىكى زىرائەت، 70 پارنىك ۋە 16 مىڭ 420 مو يەردىكى ئىقتىسادىي ئورمان، 452 ئېغىل- قوتان ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە زىيانغا ئۇچرىدى. 300 تۇياقتىن ئارتۇق چارۋا- مال ئۆلدى. بىۋاستە ئىقتىسادىي زىيان 78 مىليون 490 مىڭ يۈەنگە يەتتى. ئاپەت يۈز بەرگەندىن كېيىن، كۆنەس ناھىيىلىك پارتكوم ، خەلق ھۆكۈمىتى رادىئو ــ تېلېۋىزىيە قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق ، ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇمات بېرىش ۋە ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىدى. ناھىيە دەرىجىلىك رەھبەرلەر ۋە ناھىيىگە بىۋاستە قاراشلىق تارماقلار خىزمەت گۇرۇپپىسىدىن 11نى تەشكىللەپ، دېھقانچىلىق- چارۋىچىلىق رايونلىرىغا بېرىپ، ئاپەت ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ، ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش، ئۆز- ئۆزىنى قۇتقۇزۇش ۋە ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىپ ، زىياننى ئازايتىشقا تىرىشتى.
* مۇشۇ ئاينىڭ 17- كۈنىدىن 20- كۈنىگىچە، قاتتىق بوران ۋە يامغۇر، قار، ئۈششۈك قاتارلىق ھاۋارايى ئۆزگىرىشلىرىنىڭ تەسىرىدە، بىڭتۈەن يېزا ئىگىلىك 7- شىسىدىكى 123- تۈەن، 125- تۈەن قاتارلىق 10 تۈەن - مەيداندىكىلەر تېرىغان كېۋەز، شوخلا قاتارلىق دېھقانچىلىق زىرائەتلىرى ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە زىيانغا ئۇچرىدى. ئاپەتكە ئۇچرىغان يەر كۆلىمى 300 مىڭ مودىن ئاشتى. ئاپەت يۈز بەرگەندىن كېيىن، بىڭتۈەن يېزا ئىگىلىك 7- شىسىدىكى ھەر قايسى تۈەن مەيدانلار ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش، ئۆز- ئۆزىنى قۇتقۇزۇشقا پائال ئاتلاندى. نۆۋەتتە ، تولۇقلاپ تېرىش، سولياۋ يوپۇق تولۇقلاش خىزمىتى جىددىي ۋە تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلماقتا. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، بىڭتۈەن يېزا ئىگىلىك 7- شىسىدىكى ھەر قايسى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى ۋە سۇغۇرتا شىركىتىدىكى خىزمەتچى خادىملار ھەر قايسى تۈەن مەيدانلارغا بېرىپ ، ئاپەت زىيىنىنى ئىستاتىستىكىلاش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى. ئۇلار ئەمەلىي ئاپەت ئەھۋالىغا ئاساسەن، تۆلەم پۇلىنى دېھقانلارنىڭ قولىغا بىۋاستە تاپشۇرىدۇ.
* تۈنۈگۈن چۈشتىن بۇرۇنغىچە، قۇمۇل ۋىلايىتىدە مۇشۇ ئاينىڭ 18- كۈنىدىن باشلاپ كۆرۈلگەن قاتتىق بوران، قار ۋە ئۈششۈك قاتارلىق ھاۋارايى ئۆزگىرىشىنىڭ تەسىرىدە 3 مىڭ 300 تۇياقتىن ئارتۇق چارۋا- مال ئۆلدى. 10 ئېغىل- قوتان ئۆرۈلۈپ چۈشتى. ئاپەت يۈز بەرگەندىن كېيىن، قۇمۇل ۋىلايىتىدىكى ھەر دەرىجىلىك چارۋىچىلىق ئىدارىلىرى دەرھال خىزمەت گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، ئاپەتكە ئۇچراش ئەھۋالى ئېغىر بولغان چارۋىچىلىق نۇقتىلىرىغا بېرىپ ، ئاممىنىڭ ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇشى، ئۆز- ئۆزىنى قۇتقۇزۇشى ۋە ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە ياردەم بەردى. قۇمۇل ۋىلايەتلىك چارۋىچىلىق ئىدارىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى جاڭ شياڭتاۋ مۇنداق دېدى: ‹‹ۋىلايىتىمىز 100دىن ئارتۇق ئادەمنى ھەر قايسى يېزا ، بازارلاردىكى ئاپەتكە ئۇچراش ئەھۋالى ئېغىر بولغان چارۋىچىلىق نۇقتىلىرىغىچە ئەۋەتىپ ، ئەمەلىي تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ ، چارۋىچىلارنىڭ تۆل ئېلىش ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئارقىلىق ئۆز- ئۆزىنى قۇتقۇزۇشىغا ياردەم بەردى. ئۇنىڭدىن باشقا ، ئاپەتكە ئۇچراش ئەھۋالىغا ئاساسەن ، سىرتتىن ئوت- چۆپ ۋە يەم- خەشەك توشۇپ كەلمەكچى بولىۋاتىمىز ››.
* مۇشۇ ئاينىڭ 17- كۈنىدىن بۇيانقى قاتتىق بوران ، قار، ئۈششۈك قاتارلىق ھاۋارايى ئۆزگىرىشلىرىنىڭ تەسىرىدە ، جىمىسار ناھىيىسىنىڭ دېھقانچىلىق ، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئىقتىسادىي زىيىنى 23 مىليون يۈەنگە يەتتى. ئاپەت يۈز بەرگەندىن كېيىن، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ پائال تەدبىر قوللىنىپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە ياردەم بېرىشى بىلەن بىر ۋاقىتتا، جۇڭگو ئۆمۈر سۇغۇرتىسى مال- مۈلۈك سۇغۇرتىسى شىركىتىنىڭ جىمىسار ناھىيىلىك تارماق شىركىتى جىددىي يىغىن ئېچىپ ، يوللۇق تۆلەپ بېرىش بويىچە تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى. جۇڭگو ئۆمۈر سۇغۇرتىسى مال- مۈلۈك سۇغۇرتىسى شىركىتى جىمىسار ناھىيىلىك تارماق شىركىتىنىڭ دىرېكتورى سۇ لىڭ مۇنداق دېدى: ‹‹ خەلق ئاممىسى ئاپەتكە ئۇچرىغاندىن كېيىن ، قاراپ ئولتۇرساق قەتئىي بولمايدۇ. بىز ئەڭ زور كۈچىمىز بىلەن خەلق ئاممىسىغا ياردەم بېرىپ ، بۇ قېتىمقى ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇشقا تىرىشىمىز. نۆۋەتتە، بىز 8 يېزا ، بازار ۋە 21 كەنتنى ئومۇمىيۈزلۈك تەكشۈردۇق ››.
|