باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئىجتىمائىي خەۋەرلەر
ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ ، ‹‹كاۋاپ پىشۇرۇش ئارقىلىق ئەيدىز ۋىرۇسى تارقىتىش›› توغرىسىدىكى خەۋەرنىڭ پۈتۈنلەي يالغان ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى
2008- 04- 22 11:38 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى

      21- ئاپرېل چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ ، يېقىندىن بۇيان ، يانفون قىسقا ئۇچۇرى ئارقىلىق تارقالغان ‹‹كاۋاپ پىشۇرۇش ئارقىلىق  ئەيدىز ۋىرۇسى تارقىتىش›› توغرىسىدىكى خەۋەرنىڭ پۈتۈنلەي يالغان ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
      يېقىندىن بۇيان، بىر قىسىم كىشىلەر ئاپتونوم رايونىمىزدا كاۋاپ ئارقىلىق ئەيدىز ۋىرۇسى تارقىتىش ئەھۋالى بارلىقى توغرىسىدىكى يانفون قىسقا ئۇچۇرلىرىنى تاپشۇرۇپ ئالدى. بىر قىسىم كىشىلەر بۇنى راست دەپ بىلىپ، ئۇرۇق- تۇغقان، دوست- بۇرادەرلىرىگە ئېيتىپ بەردى. 21- ئاپرېل چۈشتىن كېيىن ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسى ئاچقان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئاپتونوم رايونلۇق ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش خىزمىتى كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جۈرئەت كېرەم مۇنداق دېدى: ‹‹ بۇ سېپى ئۆزىدىن يالغان ئۇچۇر بولۇپ ، ئەيدىز پەقەت قاندىن يۇقۇش ، ئانىدىن بالىغا يۇقۇش، جىنسىي مۇناسىۋەتتىن يۇقۇش قاتارلىق 3 خىل يول ئارقىلىقلا تارقىلىدۇ. كاۋاپ پىشۇرۇش-- يۇقىرى تېمپېراتۇرا شارائىتىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان بولغاچقا ، ئەيدىزنىڭ كاۋاپ ئارقىلىق تارقىلىشى مۇمكىن ئەمەس. ھازىرغىچە، ئەيدىزنىڭ ھەزىم قىلىش يولى ئارقىلىق تارقىلىدىغانلىقى ئىسپاتلانغىنى يوق. بۇ يەردە شۇنى ئىسپاتلىماقچىمەنكى، ئەيدىزنىڭ كاۋاپ ئارقىلىق تارقىلىشى مۇمكىن ئەمەس ››. 
      جۈرئەت كېرەم تۇنۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ‹‹ ئاپتونوم رايونىمىزدا ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىش نىسبىتى بىر قەدەر يۇقىرى بولۇپ ، يۇقۇملانغۇچىلار سانى جەھەتتە مەملىكەت بويىچە 2- ئورۇندا؛ دوكلاتتا كۆرسىتىلگەن ئومۇمىي سان مەملىكەت بويىچە 4- ئورۇندا تۇرىدۇ. ئەمما، دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى نەتىجىسىدە، ئەيدىزنىڭ يامراش سۈرئىتى ئۈنۈملۈك كونترول قىلىندى. ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئىلمىي بولۇش تولىمۇ مۇھىم ›› .


 

( مۇھەررىر : قەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ