|
787 تىپلىق خىيالدىكى ئايروپىلان ـــــ بىرىنچى تۈركۈمدىكى بويىن 787 تىپلىق خىيالدىكى ئايروپىلاننىڭ ئاللىقاچان يولۇچى توشۇشنى باشلىغىنىغا بىر يىل بولۇپ قالدى. ئەللىك ئاۋىئاتىسيە شىركىتى 250 ئورۇندۇقلۇق ، چوڭ دېرىزىلىك ، ھاۋا بېسىمى ياخشى، نەملىك دەرىجىسى يېتەرلىك بولغان ھەمدە پۇت قويىدىغان بوشلۇق كەڭرى بولغان بۇ خىل ئايروپىلاندىن 710 زاكاس قىلدى. بۇلارنىڭ ئومۇمىي قىممىتى 120 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدۇ . بويىن 787 تىپلىق يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ 50 پىرسەنتلىك بىرىكمە قۇرۇلمىسى ئۇنى مۇھىت ئاسرايدىغان ، يېقىلغۇ سەرپىياتى ئوخشاش تىپتىكى باشقا ئايروپىلانغا سېلىشتۇرغاندا %20 ئاز بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە قىلغان. ‹‹ بىرىكمە گەۋدىلىك›› گاز پۈركۈگۈچلۈك ئايروپىلان ــــ ئامېرىكا ئاۋىئاتسىيە ئىدارىسى ۋە ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيە تەتقىقاتخانىسىنىڭ ياردىمىدە، بويىن زاۋۇتى ‹‹بىرىكمە گەۋدە›› دەپ ئاتىلىدىغان سېلىشتۇرما نىسبىتى 0.5% بولغان ئايروپىلاننى سىناق قىلىپ ئۇچۇرغان. بويىن شىركىتى ئۇنىڭ يوقىرى ئۈنۈملۈك يېقىلغۇ ئىقتىدارى بار، تېنىچ ھەم چوڭ سىغىملىق، كۆپ ئىشلىتىشچانلىققا ئىگە ھەربىي ئايروپىلان بولىشىنى ئارزۇ قىلغان. بۇ خىل ئايرۇپىلاندىن پايدىلىنىپ تىرانسىپورت، بومباردىمان قىلىش ۋە ئاخبارات توپلاش قاتارلىق تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى تاماملىغىلى بولىدۇ. يىراقتىن تېزگىنلىنىدىغان يىڭناغۇچ ــــــ يىڭناغۇچ ۋوۋې شىركىتىنىڭ ئۇچۇش تېخنىكىسى بويىچە تۇنجى تۈركۈمدىكى ئىلگىرلەتكۈچ ئىشلىتىلمەي قانات قېقىش ئارقىلىق كۆككە ئۆرلەيدىغان يىراقتىن تېزگىنلىنىدىغان ئويۇنچۇقتىن ئىبارەت . كاربۇنلاشتۇرۇلغان تالالىق ئايروپىلان گەۋدىسى ئۇنىڭ زىچلىقىنى زور دەرىجىدە تۈۋەنلەتكەن. ئۇ ئىنتايىن پۇختا بولۇپ ، نەچچە قېتىم يەرگە چۈشۈپ كەتسىمۇ ھېچنىمە بولمايدۇ. ئالەم بوشلىقىدىكى ماي قاچىلاش پونكىتى ـــــ ئالەم بوشلىقىدا ماي قاچىلاش پونكىتىنى تېپىش ئىنتايىن قېيىن، ئەمما ئالەم بوشلىقىدا مېتان گازى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، بۇ خىل گاز نۇرغۇن پىلانىتلار ۋە سۈنئىي ھەمراھلاردا كۆپ. ئامېرىكا ئالەم ئاۋىئاتسىيە ئىدارىسى مېتان گازىنى يېقىلغۇ قىلىدىغان راكېتاغا بۇ نوقتىدىن تولۇق پايدىلانغان. كەلگۈسىدىكى تەكشۈرگۈچى ئەسۋاپلارغا ئازراقلا يېقىلغۇ قاچىلاپ ئېغىرلىقىنى يىنىكلىتىپ، خۇددى ئۇزۇن يوللۇق ئاپتوموبىلغا ئوخشاش ئالەم بوشلىقىدا ئۆزلۈكسىز ماي قاچىلاشقا بولىدۇ. يېڭى تىپتىكى ئېلاستىك ئالەم بوشلۇقى كىيىمى ـــــ شامالسىز بەلۋاغلاردا مەشغۇلات قىلىدىغان ئالەم بوشلىقى ئېكىسپىدىتسىيىچىلىرى ياكى ئامېرىكا ئالەم ئاۋىئاتسىيە ئىدارىسىنىڭ ئالەم ئۇچقۇچىلىرى يېڭى تىپتىكى بىر يۈرۈش سەپلىمىلەرگە مۇھتاج بولغان. بۇ بىر يۈرۈش ئالەم بوشلىقى كىيىمىنى ماسساچۇستىس سانائەت ئىنىستىتوتىدىكى ئالەم بوشلىقى پەنلىرى پروفىسسورى داۋا خېۋمان تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان. ئۇ بىر خىل بەدەنگە دەل كېلىدىغان ئالەم بوشلىقى كىيىمى بولۇپ ، ھەركەتچانلىقنى يوقىرى كۆتۈرىدىغان ئېلاستىك پولېمىردىن ياسالغان. ئۇ ھاۋا بېسىمىنى بىۋاستە تېرىگە چۈشۈرەلەيدۇ، ھازىرقى ئالەم بوشلىقى كىيىمىدەك ئىچىگە بېسىم بېرىلىپ ھەجمى چوڭيتىلمىسىمۇ بولىدۇ، شۇڭا ئۇنىڭ ئېغىرلىقىمۇ ئادەتتىن تاشقىرى يىنىك.
ئامەت فوتو ئاپپاراتى ـــــ بۇ ئاپپارات خابو تۈرىدىكى ئالەم تېلىسكوپلىرىغا ئوخشاش سەزگۈر ھەم ئوچۇق بولۇپ، ئاتموسفىرا ئۇنى توسالمايدۇ. بىراق باھاسى ئىنتايىن قىممەت. بۇ خىل ئامەت فوتو ئاپپاراتى بۇرۇنقى يەر ئۈستىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان تېلىسكوپ بىلەن بىللە ئىشلىتىلىدۇ. ئۇ ھەر سېكونىتىغا 20 پارچە رەسىم تارتالايدۇ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ياخشى تارتىلغان بىرسىنى تاللاپ ھەمدە ئۇنى خابو تارتقان تېخىمۇ ئېنىق سۈرەت بىلەن بىرىكتۈرۈپ چىققاندا، مەبلەغ پەقەت خابونىڭ 50 مىڭدىن بىرىگە توغرا كېلىدۇ.
ئاپتوماتىك ئاپتوموبىل ـــــ كۆپلىگەن يېشىل تۈرىدىكى ئاپتوموبىللاردا مەۋجۈت بولۇۋاتقان مەسىلە ئۇلارغا قەرەللىق ھالدا تەستە ئېرىشكىلى بولىدىغان ھېدروگىن ۋە ئالكوگول يېقىلغۇسىنى تولۇقلاپ تۇرۇشتىن ئىبارەت. ئۆزىنى ئۆزى قوزغىتىدىغان ماتورلۇق ماشىنا پەقەت باتارىيە تاختىسى ۋە بىر شامال كۈچى بىلەن ھەركەتلىنىدىغان چاقنىڭ ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچ بىلەن تەمىنلىشىگە ئېھتىياجلىق. شامال كۈچى ۋە قۇياش ئېنىرگىيىسى يىتەرلىك بولمىغاندا، بىر زاپاس ئېلىكتىر مەنبە قۇرۇلمىسى بۇ خىل ئۈچ ئورۇندۇقلۇق ئاپتوموبىلغا توك تولۇقلىيالايدۇ، بۇنىڭ بىلەن يەنە بەش سائەت يول يۈرگىلى بولىدۇ.
قاتلىنىدىغان ئاپتوموبىل ـــــ ئامېرىكا ماسساچۇستېس شتاتى تەبىئىي پەنلەر ئىنىستىتوتى بىر خىل قاتلىغىلى بولىدىغان ئاپتوموبىلنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان. ئۇنىڭ بىلەن ئايرودرومدا ئىتتىرىدىغان يۈك قاچىلاش ھارۋىسىغا ئوخشاش نەرسىلەرنى توشۇغىلى، ئاندىن شەھەرگە بارغىلى بولىدۇ، بۇنداق بولغاندا بۇنىڭ بىلەن قۇلاي شەھەر قاتنىشى ئۆز ئارا بىرىكىپ كېتىدۇ. بۇ خىل ئاپتوموبىلنىڭ ھەر بىر چاقى ئۈستىدىكى ئېلېكترو ماتور ئۇنى يەنە مېخانىك كۈچ بىلەن ھەركەتلىنىدىغان ئەنئەنىۋى ئىتتىرىش كۈچىگە ئېھتىياجلىق قىلمايدۇ، ئۇزۇنلۇقى بىر يېرىم مېتر كېلىدىغان ئىككى ئورۇندۇقلۇق بۇ ئاپتوموبىلنىڭ تىزلىكى سائىتىگە تەخمىنەن 90 كلومېترغا يېتىدۇ.
ئارلاشما پار ئاپتوموبىلى ــــــ كەلگۈسىدىكى ئاپتوموبىل تېخنىكىسى بەلكىم ئىلگىرىكى تېخنىكىلارنىڭ يىغىندىسىدىن كېلىشى مۇمكىن. مۇسابىقە ئاپتوموبىلى لايىھىلىگۈچى بىروئوكنىس كوللوۋىين بىر خىل ئارلاشما پار ئاپتوموبىلىنى لايىھىلىگەن. بۇ خىل ئاپتوموبىلنىڭ ئىچىدىكى سۇ ئەنئەنىۋى بېنزىن بىلەن ھەركەتلىنىدىغان سۇيۇقلۇق بېسىم كۈپىگە سىقىپ چىقىرىلىپ، ئارتۇقچە ئىسسىقلىقنى ئىشلەتكىلى بولىدىغان ئېنېرگىيىگە ئايلاندۇرىدۇ. بۇ جەرياندا پەيدا بولغان ئېنېرگىيە بىر كالون بېنزىن بىلەن يۈرەلەيدىغان ئارلىقتىن %40 ئۇزۇن بولىدۇ.
تاشيول ۋە تۆمۈر يولدا ماڭالايدىغان ئاپتوموبىل ــــــ دۇنيانىڭ بەزى جايلىرىغا نىسبەتەن تاشيول ، تۆمۈر يولدا ماڭالايدىغان ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش كىشىنى ئىنتايىن خۇشال قىلىدىغان ئىش. ئۆتكەن يىلى 4- ئايدا، ياپونىيە شىمالىي دېڭىز تۆمۈر يول پايچەكلىك شىركىتى ئۆزىنىڭ تاشيول، تۆمۈر يولدا ماڭالايدىغان ئاپتوموبىلىنى سىناق قىلىشقا باشلىدى. بۇ خىل چىرايلىق سېرىق رەڭلىك ترامۋاي رېلىس يوق جايغا كەلگەندە رېلىس چاقىنى يىغىپ ، تاشيولدا ماڭالايدۇ. بۇ خىل ئۆزگەرتىش جەريانىغا تەخمىنەن 10 سىكونت ۋاقىت كېتىدۇ . بۇ خىل ئاپتوموبىل ئەڭ ئاۋۋال ساياھەتچىلەرنىڭ ئىشلىتىشىگە سۇنىلىدۇ.
|