باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>پەن–مائارىپ
چۆچەك شەھەرلىك 5- باشلانغۇچ مەكتەپ يېقىندا نەچچە مىڭ ئوقۇغۇچى قاتناشقان ئولىمپىكنى كۈتۈۋېلىش تەقلىدىي مەشئەل يەتكۈزۈش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى
2008- 04- 21 12:07 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى

     مۇشۇ ئاينىڭ 16- كۈنى چۈشتىن كېيىن، چۆچەك شەھىرىدىكى ھەرقايسى ئاساسىي كوچىلار قىزغىن كەيپىياتقا تولدى. مەشئەل يەتكۈزۈش پائالىيىتى مەشئەل يەتكۈزۈش ئەترىتىدىكىلەرنىڭ ھىمايىسى ئاستىدا ئېلىپ بېرىلدى. مەشئەل يەتكۈزۈش پائالىيىتى-- ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مۇقەددەس مەشئىلىنىڭ پۈتۈن دۇنيادىكى يەتكۈزۈش لىنىيىسىنى تەقلىد قىلىپ ، چۆچەك شەھىرىدىكى ئاساسلىق كوچىلاردا 20 نۇقتا تەسىس قىلدى. ھەر بىر نۇقتىدا تاللاپ چىقىلغان مەشئەل يەتكۈزگۈچىدىن بىرى ۋە بىر قانچە ساۋاقداشتىن تەشكىل تاپقان مەشئەل يەتكۈزۈش ئەترىتى بار بولۇپ، مەشئەل يەتكۈزۈش ۋەزىپىسىنى يېڭىلا ئورۇنداپ بولغان چۆچەك شەھەرلىك 5- باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى چى خۇڭۋىي ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: ‹‹ مەشئەل يەتكۈزگۈچى بولۇپ تاللانغانلىقىمدىن تولىمۇ پەخىرلىنىمەن. بۇنىڭدىن كېيىن، ئولىمپىك روھى ئارقىلىق ئۆزۈمگە ئىلھام بېرىپ، تىرىشىپ ئۆگىنىپ، بەدەن چېنىقتۇرۇپ، كەلگۈسىدە ۋەتەنگە، خەلققە ياراملىق ئادەم بولۇشقا تىرىشىمەن.
      مەشئەل يەتكۈزۈش ئەترىتىنىڭ ئۆزلۈكسىز زورىيىشى نۇرغۇن شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ دېققىتىنى قوزغىدى. بىر قىسىم شەھەر ئاھالىلىرى ‹‹بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى پۈتۈن جۇڭگولۇقلارنىڭ ئۈمىدى بولۇپ، بۈگۈنكى بۇ خىل تەشۋىقات پائالىيىتى تولىمۇ ياخشى بولۇپتۇ ، ھەر بىر جۇڭگولۇق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى قوللىشىمىز ۋە تەشۋىق قىلىشىمىز كېرەك ، دېدى .

 

( مۇھەررىر : قەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ