|
چۆچەك شەھەرلىك 5–باشلانغۇچ مەكتەپ يېقىندا نەچچە مىڭ ئوقۇغۇچى قاتناشقان ئولىمپىكنى كۈتىۋېلىش تەقلىدىي مەشئەل يەتكۈزۈش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.
مۇشۇ ئاينىڭ 16– كۈنى چۈشتىن كېيىن، چۆچەك شەھىرىدىكى ھەرقايسى ئاساسىي كوچىلار قىزغىن كەيپىياتقا تولدى. مەشئەل يەتكۈزۈش پائالىيىتى مەشئەل يەتكۈزۈش ئەترىتىدىكىلەرنىڭ ھىمايىسى ئاستىدا ئېلىپ بېرىلدى. مەشئەل يەتكۈزۈش پائالىيىتى— ئولىمپىك تەنھەركەت مۇسابىقىسى مۇقەددەس مەشئىلىنىڭ پۈتۈن دۇنيادىكى يەتكۈزۈش لىنىيىسىنى تەقلىد قىلىپ، چۆچەك شەھىرىدىكى ئاساسلىق كوچىلاردا 20 نۇقتا تەسىس قىلدى. ھەر بىر نۇقتىدا تاللاپ چىقىلغان مەشئەل يەتكۈزگۈچىدىن بىرى ۋە بىر قانچە ساۋاقداشتىن تەشكىل تاپقان مەشئەل يەتكۈزۈش ئەترىتى بار بولۇپ، مەشئەل يەتكۈزۈش ۋەزىپىسىنى يېڭىلا ئورۇنداپ بولغان چۆچەك شەھەرلىك 5–باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى چى خۇڭۋىي ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: ‹‹مەشئەل يەتكۈزگۈچى بولۇپ تاللانغانلىقىمدىن تولىمۇ پەخىرلىنىمەن. بۇنىڭدىن كېيىن، ئولىمپىك روھى ئارقىلىق ئۆزۈمگە ئىلھام بېرىپ، تىرىشىپ ئۆگىنىپ، بەدەن چېنىقتۇرۇپ، كەلگۈسىدە ۋەتەنگە، خەلققە ياراملىق ئادەم بولۇشقا تىرىشىمەن›› .
مەشئەل يەتكۈزۈش ئەترىتىنىڭ ئۆزلۈكسىز زورىيىشى نۇرغۇن شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ دېققىتىنى قوزغىدى. بىر قىسىم شەھەر ئاھالىلىرى‹‹بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەركەت مۇسابىقىسى پۈتۈن جۇڭگولۇقلارنىڭ ئۈمىدى بولۇپ، بۈگۈنكى بۇ خىل تەشۋىقات پائالىيىتى تولىمۇ ياخشى بوپتۇ. ھەر بىر جۇڭگولۇق ئولىمپىك تەنھەركەت مۇسابىقىسىنى قوللىشىمىز ۋە تەشۋىق قىلىشىمىز كېرەك›› .
|