|
مۇخبىرنىڭ 3 – تۈركۈمدىكى شىنجاڭنىڭ ئاز سانلىق مىللەت پەن – تېخنىكا تايانچلىرىنى ئالاھىدە تەربىيىلەش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، 2006 – يىلىدىن بۇيان، 3 – تۈركۈمدىكى شىنجاڭنىڭ ئاز سانلىق مىللەت پەن – تېخنىكا تايانچلىرىنى ئالاھىدە تەربىيىلەشتە 1000غا يېقىن كۇرسانت تەربىيىلەنگەن، ئالاھىدە تەربىيىلەش خىزمىتى تەرەققىي قىلىپ بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، ئاپتونوم رايونىمىزدا كۆپ مىللەتتىن بولغان، ياش، پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىغا ۋە ئەمەلىي خىزمەت ئىقتىدارىغا ئىگە ئاز سانلىق مىللەت پەن – تېخنىكا تايانچ قوشۇنى زورايغان.
3 – تۈركۈمدە ئالاھىدە تەربىيىلەشكە قاتناشقان كۇرسانتلارنى تاللاپ ئەۋەتىش دائىرىسى كەڭ بولۇپ، كۆپ مىللەتتىن تەركىب تاپقان، كۇرسانتلار ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 236 ئورۇندىن كەلگەن بولۇپ، ئۇيغۇر، قازاق، موڭغۇل، قىرغىز، ئۆزبېك، تاجىك، تاتار، خۇيزۇ، زاڭزۇ، مانجۇ، شىبە قاتارلىق 11 مىللەت كىشىلىرى بار؛ ياش كۇرسانتلارنىڭ نىسبىتى كۆپ بولۇپ، 30 ياشتىن 45 ياشقىچە بولغان كۇرسانتلار كۇرسانتلار ئومۇمىي سانىنىڭ ئاز كەم %90 ىنى ئىگىلىگەن؛ كۇرسانتلارنىڭ ئوقۇش تارىخى قاتلىمى خېلى يۇقىرى بولۇپ، %97 كۇرسانت تولۇق كۇرسىتىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە، %98.3 كۇرسانت ئوتتۇرا، ئالىي دەرىجىلىك كەسپىي تېخنىكا ئۇنۋانىغا ئىگە.
ئىككى يىلدىن بۇيان، ئالاھىدە تەربىيىلەش خىزمىتى ئارقىلىق ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلمىسى ياخشىلىنىپ، كەسپىي تېخنىكا خادىملىرىنىڭ ئومۇمىي ساپاسى ئۆسكەن. كۆپلىگەن ئوتتۇرا، ئالىي دەرىجىلىك ئاز سانلىق مىللەت پەن – تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرى يېتىشتۈرۈلگەن. ئوقۇشنى تاماملاپ شىنجاڭغا قايتقان كۇرسانتلارنىڭ بەزىلىرى دۆلەت دەرىجىلىك تېمىغا مەسئۇل بولغان، بەزىلىرى ئۆلكە، مىنىستىرلىك دەرىجىلىك تېمىنى ئۈستىگە ئالغان؛ كۇرسانتلار يەنە تەربىيىلىگەن ئالىي مەكتەپ ۋە ئورۇنلار بىلەن ئالاقە باغلاپ، ئەڭ يېڭى ئۇچۇرنى ۋاقتىدا ئىگىلەپ، ئىلىم ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، ئۆز ساھەلىرىنىڭ پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشىغا تۈرتكە بولغان ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرگەن، ئۇلار ئۈلگە كۆرسىتىش رولىنى ئوينىغان ۋە ياخشى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئۈنۈم ھاسىل قىلغان.
|