|
ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى14 پوچتىخانا 25 – ئاپرېلدىن باشلاپ كوچا ئاپتوبۇسىنىڭ IC كارتىسىغا قىممەت تولۇقلاش ھەم كوچا ئاپتوبۇسىنىڭ IC كارتىسىنى بېجىرىش كۆزنىكى تەسىس قىلىپ، ئاممىغا قۇلايلىق يارىتىپ بەردى.
ئىگىلىنىشىچە، 8 – ئاپرېل ئۈرۈمچى شەھەرلىك قاتناش گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى بىلەن ئۈرۈمچى شەھەرلىك پوچتا ئىدارىسى ‹‹كەسىپ ۋاكالەتچىلىكى كېلىشىمى›› ئىمزالىغان بولۇپ، بۇ كېلىشىمگە ئاساسەن، تەڭرىتاغ، سايباغ، يېڭىشەھەر، بۇلاقتاغ رايونلىرىدىكى ‹‹دوستلۇق›› يولى تارماق پوچتىخانىسى، ‹‹ياڭزىجياڭ›› يولى تارماق پوچتىخانىسى، ‹‹يىنچۇەن›› يولى تارماق پوچتىخانىسى قاتارلىق 14 پوچتىخانىدا 25 – ئاپرېلدىن باشلاپ كوچا ئاپتوبۇسىنىڭ IC كارتىسىنى بېجىرگىلى، ئوقۇغۇچىلار كارتىسى، ياشانغانلار كارتىسى، ئېلېكترونلۇق ھەميان قاتارلىقلارغا قىممەت تولۇقلىغىلى بولىدىكەن. ھازىرقى قىممەت تولۇقلاش نۇقتىلىرىمۇ نورمال تىجارەت قىلىدىكەن.
|