|
16–ئاپرېل ئاسىيا پۇتبول بىرلەشمىسى كېلەر يىلى ئاسىيادا ئۆتكۈزىلىدىغان ئاساسلىق پۇتبول مۇسابىقىلىرىنىڭ ۋاقىت جەدۋىلىنى ئېلان قىلدى . جۇڭگو پۇتبول كوماندىسىنى مۇھىم مۇسابىقىلەر كۈتۈپ تۇرماقتا .
بۇ يىل ئېلىمىزدە 2008– يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلىدۇ . شۇڭا ئېلىمىزنىڭ بۇ يىللىق تەنتەربىيە خىراجىتى ناھىيىتى جىددىي ھەم مۇھىم ، ئەمما كېلەر يىلى مۇھىم مۇسابىقىلەر ئۆتكۈزىلىدۇ . كېلەر يىلى 2010–يىللىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى ئاسىيا رايونى تاللاش مۇسابىقىسى ۋە 2011–يىللىق ئاسىيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى تاللاش مۇسابىقىسى ؛ 18–فېۋرالدىن 7– نويابىرغىچە 2009–يىللىق ئاسىيا چېمپىيونلۇق لوڭقىسى پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلىدۇ .
ئۇنىڭدىن باشقا ، 30–سىنتەبىردىن 11– ئۆكتەبىرگىچە ئاسىيا ئاياللار ياشلار پۇتبول لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى ؛ 1–نويابىردىن 15– نويابىرغىچە ئاسىيا ئاياللار 16—U پۇتبول مۇسابىقىسى ، 1–نويابىردىن 15– نويابىرغىچە ئاسىيا ئەرلەر 16—U پۇتبول مۇسابىقىسى قاتارلىق مۇسابىقىلەر ئۆتكۈزۈلىدۇ .
|