باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئىقتىسادىي خەۋەرلەر
15 – ئاپرېل نيويورك تاۋار بېرژىسىدا خام نېفىت قەرەللىك باھاسى ئەڭ يۇقىرى نۇقتىغا چىقتى
2008- 04- 17 12:40 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى

     خام نېفىت بىلەن تەمىنلەش مىقدارىنىڭ ئازىيىشى قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىدە، مۇشۇ ئاينىڭ 15 – كۈنى نيويورك تاۋار بېرژىسىدا خام نېفىت قەرەللىك باھاسى ئارىلىقتا ۋە بازار يىغىلىدىغاندا ئەڭ يۇقىرى نۇقتىغا چىقتى. بۇ كۈنى، نيويورك تاۋار بېرژىسىدا 5 – ئايدا مال تاپشۇرىلىدىغان ھەر تۇڭ سۇيۇق خام نېفىتنىڭ قەرەللىك باھاسى ئالدىنقى سودا كۈنىدىكىدىن 2.03 ئامېرىكا دوللىرى ئۆرلەپ، بازار 113.79 ئامېرىكا دوللىرىلىق باھادا يېپىلدى. باھا ئارىلىقتا بىر مەھەل 113.99 ئامېرىكا دوللىرىغا چىقتى. لوندون خەلقئارا نېفىت سودا بېرژىسىدا 5 – ئايدا مال تاپشۇرىلىدىغان شىمالىي دېڭىز برونت خام نېفىتىنىڭ قەرەللىك باھاسى 1.47 ئامېرىكا دوللىرى ئۆرلەپ، بازار 111.31 ئامېرىكا دوللىرىلىق باھادا يېپىلدى. ئۇنىڭدىن باشقا، نيويورك تاۋار بېرژىسىدا 5 – ئايدا مال تاپشۇرىلىدىغان ھەر گالون بىنزىننىڭ قەرەللىك باھاسى ئالتە سىنت ئۆرلەپ، بازار 2.881 ئامېرىكا دوللىرىلىق باھادا يېپىلىپ،  يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى. 5 – ئايدا مال تاپشۇرىلىدىغان ئىسسىنىشقا ئىشلىتىلىشىدىغان ھەر گالون ماينىڭ قەرەللىك باھاسى 7.1 سىنت ئۆرلەپ، بازار 3.2739 ئامېرىكا دوللىرىلىق باھادا يېپىلدى. 5 – ئايدا مال تاپشۇرىلىدىغان ھەر مىڭ كۇپ ئىنگىلىز چىسى تەبىئى گازنىڭ قەرەللىك باھاسى 15.9 سىنت ئۆرلەپ، بازار 10.212 ئامېرىكا دوللىرىلىق باھادا يېپىلدى.

 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ