|
15 – ئاپرېل 103 – نۆۋەتلىك جۇڭگو ئىمپورت – ئېكىسپورت تاۋارلىرى سودا يەرمەنكىسى گۇاڭجۇدا باشلاندى. بۇ نۆۋەتلىك يەرمەنكە مۇشۇ ئاينىڭ 30 –كۈنى ئاخىرلىشىدىغان بولۇپ،بۇ تارىختا كۆلىمى ئەڭ چوڭ بىر قېتىملىق گۇاڭجۇ سودا يەرمەنكىسى ھېساپلىنىدىكەن. بۇ كۈنى، سودا مىنىستىرى چېن دېمىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 1 –ئايدىن 3 – ئايغىچە بولغان تاشقى سودا سانلىق مەلۇماتىدىن قارىغاندا، دۆلىتىمىزنىڭ ئىمپورت– ئېكىسپورت ۋەزىيىتى بىر قەدەر ياخشى، نۆۋەتتىكى تاشقى سودا ئىمپورت – ئېكىسپورتىدىكى ئۆزگۈرۈشنى يەنىلا نورمال دىيىشكە بولىدۇ.
|