باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئىقتىسادىي خەۋەرلەر
ئىقتىسادىي خەۋەرلەر
2008- 04- 17 12:32 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى

     . مالىيە مىنىستىرلىكى مۇشۇ ئاينىڭ 15 – كۈنى ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، بۇنىڭدىن ئىلگىرى جۇڭگو نېفىتچىلىك گورۇھى شىركىتى ۋە جۇڭگو نېفىت خېمىيە سانائېتى گورۇھى شىركىتىگە قارىتا يولغا قويۇلغان تەييار ماي ئىمپورت ئاشۇرۇلما قىممەت بېجىنى ئاۋال يىغىپ ئاندىن قايتۇرۇشتىن ئىبارەت ئېتىبار سىياسىتىنى 2 – پەسىلنىڭ ئاخىرىغا قەدەر داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى. بۇنىڭغا قارىتا، جۇڭگو نېفىت –خېمىيە سانائېتى گورۇھى چەكلىك شىركىتىدىكى مۇناسىۋەتلىك خادىم مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىمپورت قىلىنىدىغان تەييار ماينىڭ مىقدارى ئاز بولغانلىقتىن، شىركەتكە ئانچە چوڭ تەسىر قىلىپ كېتەلمەيدۇ، شىركەت مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا خام نېفىت ئىمپورت تاموژنا بېجىغا قارىتا ئالدى بىلەن باج يىغىپ ئاندىن قايتۇرۇش سىياسىتىنى يولغا قويۇشنى ئىلتىماس قىلدى، نۆۋەتتە مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار بۇ ئىلتىماسنى تەتقىق قىلىۋاتىدۇ.

     .مۇشۇ ئاينىڭ 15 – كۈنى تاموژنا باش مەھكىمىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، 3 – ئايدا دۆلىتىمىزنىڭ تۆمۈر رۇدىسى ۋە تاللانغان رۇدا ئىمپورت مىقدارى 35 مىليون 680 مىڭ توننىغا، قىممىتى 4 مىليارد 495 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئۈچ ئېيىدىكى تۆمۈر رۇدىسى ئىمپورت مىقدارى 110 مىليون توننىغا، قىممىتى 14 مىليارد 132 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، بۇلتۇرقىنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىسىدىن ئايرىم ھالدا 10.5 پىرسەنت ۋە 99.5 پىرسەنت ئاشقان. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئۈچ ئېيىدا ھەر توننا تۆمۈر رۇدىسىنىڭ ئىمپورت ئۇنۋېرسال ئوتتۇرىچە باھاسى 128.47 ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، 81.4 پىرسەنت ئاشقان. 

     .مۇشۇ ئاينىڭ 15 – كۈنى سودا مىنىستىرلىكىنىڭ سىياسەت تەتقىقات ئىشخانىسى ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، كەلگۈسى بىر مەزگىلگىچە، خەلقئارا ئاشلىق باھاسىنىڭ يۇقىرى بولۇش دەۋرىنى كۈتىۋالىدىكەن، كەلگۈسى 10 يىلدا خەلقئارادا ئاشلىق باھاسى 10 پىرسەنتتىن 20 پىرسەنتكىچە ئۆرلەيدىكەن، دۆلىتىمىزگە تەسىرى بىر قەدەر چوڭ بولغىنى ئاساسلىقى ئىمپورتقا تايىنىش دەرىجىسى 68 پىرسەنتكە يېتىدىغان پۇرچاق ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك مەھسۇلاتلار ئىكەن.

     .يەككە تىجارەتچىلەر ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ بىرىنچى پەسىلدىكى كىرىمىنىڭ ئېشىشى ئەڭ تېز بولغان كىشىلەر توپى بولۇپ قالدى.يېقىندا ئۈرۈمچى شەھەرلىك شەھەر تەكشۈرۈش ئەترىتىدىن  ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئۈچ ئېيىدا، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى يەككە تىجارەتچىلەرنىڭ كىشى بېشى كىرىمى 2 مىڭ 104 يۈەن 7 مو 1 پۇڭ بولۇپ، بۇلتۇرقىنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىسىدىن 45.86 پىرسەنت ئاشقان.

     .يېقىندائۈرۈمچى شەھەرلىك قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى بازىرىدىن  ئىگىلىنىشىچە، 2007 – يىلىنىڭ ئاخىرىدىن ھازىرغىچە، ئۆي – مۈلۈك بازىرىنى ئېچىش زور بولغانلىقتىن، خىش باھاسى پەيدىنپەي ئۆرلىگەن. مەلۇم ئۆي – مۈلۈك شىركىتىدىكى مال سېتىۋالغۇچىنىڭ تونۇشتۇرىشىچە، بۇلتۇر ئەتىيازدا 3 مولۇق بىر دانە خىشنى ھازىر ئەڭ تۆۋەن دېگەندىمۇ 7 موغا سېتىۋالىدىكەن. 2 – ئايدا ھەر بىر دانەخىشنىڭ  باھاسى  بىر يۈەنگە چىققان، 3 – ئايدا ھەر قايسى ئۆي –  مۈلۈك ئېچىش شىركەتلىرىنىڭ نەق پۇلغا خىش سېتىۋېلىشىمۇ تەسكە توختىغان.

     .ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ھەر قايسى بەش خىل مىتال، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى بازارلىرىدىن ئىگىلىنىشىچە، 3 – ئاينىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ، تۈرلۈك خام ماتېرىياللارنىڭ باھاسى ئومۇمىيۈزلۈك ئۆرلەپ، ئۆرلەش دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 20 پىرسەنتكە يەتكەن، بۇ ھال ئۆي بىزەكچىلىك كەسپىدە باھانىڭ ئۆرلەپ كېتىشىگە سەۋەپ بولغان.  

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ