|
چېن شياۋخۈي
ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شەخسىي ئۆيلەرنى توردا سېتىش سىستېمىسى 1 – ئاپرېلدىن باشلاپ رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. بۇنىڭدىن كېيىن سېتىلىدىغان ئۆيلەر ئومۇميۈزلۈك نازارەت قىلىپ باشقۇرۇلىدۇ، جۈملىدىن مەيلى ئۆي – جاي ۋاسىتىچى ئاپپاراتلىرى ئارقىلىق ئۆي سودىسى قىلىدىغانلار بولسۇن ياكى ئۆي ساتقۇچى، سىتېۋالغۇچى تەرەپ ئۆز ئالدىغا سودىلاشقان بولسۇن، ھەممىسى ‹‹ئۆي – جاي بازىرى›› تورىدا ئېلان قىلىنىشى شەرت، شۇنىڭ بىلەن بىللە، بانكا مەبلىغىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنىڭ يولغا قويۇلۇشى ئۆي سېتىۋېلىش پۇلىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش رولىنى ئوينايدۇ.
مۇخبىر 8 – ئاپرېل ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئۆي – جاي سودىسىنى باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ مەسئۇلىنى زىيارەت قىلىپ، ئوقۇرمەنلەر كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ئۈرۈمچى شەھىرىدە شەخسىي ئۆيلەرنى توردا سودىلىشىشقا ئالاقىدار مەسىلىلەرنى تەپسىلىي ئىگىلىدى.
سوئال: قانداق ئۆيلەرنى ۋىۋىسكا ئېسىپ ئېلان بېرىش شەكلى ئارقىلىق سېتىشقا بولىدۇ؟
جاۋاب: 2008 – يىلى 1 – ئاپرېلدىن باشلاپ، ئومۇمەن ئۈرۈمچى شەھىرى دائىرىسىدىكى سىتېلىدىغان شەخسىي ئۆيلەرنى ئۆي – جاي سودىسىنى باشقۇرۇش مەركىزى بېكىتكەن ئورگان ۋە ئېلان قىلىش ئارقىلىق سالاھىيەتكە ئېرىشكەن ئۆي – جاي ۋاسىتىچى ئاپپاراتلىرى ئارقىلىق جەمئىيەتكە ئۆي – جاي ئۇچۇرى ۋە سودىلىشىش شەرتلىرىنى ئېلان قىلىشقا بولىدۇ. ھۆكۈمەت ئۆيلىرى سودىسىدا ئاساسەن ‹‹ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شەخسىي ئۆيلەرنى توردا سىتېش مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش چارىسى››(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ چارە دېيىلىدۇ) تەدبىقلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بىۋاسىتە ‹‹ئۆي – جاي بازىرى›› تور پونكىتى(WWW.fcdbz.con )غا چىقىپ، ۋىۋىسكا ئېسىپ سېتىش ئېلانىدىكى ئۇچۇرلاردىن پايدىلىنىشقىمۇ بولىدۇ.
سوئال: ئۆي – جاي تارماقلىرى ۋىۋىسكا ئېسىپ سېتىلىدىغان ئۆيلەر ئۇچۇرىنىڭ توغرىلىقىغا قانداق كاپالەتلىك قىلىدۇ؟ ۋىۋىسكا ئېسىپ سېتىلىدىغان ئۆيلەرنىڭ قەرەلى بارمۇ؟
جاۋاب: ۋىۋىسكا ئېسىپ سېتىلىدىغان ئۆيلەرنى ئۆي – جاي سودىسىنى باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكۈزۈش كېرەك. بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان ئۆيلەرنى ۋىۋىسكا ئېسىپ سېتىشقا بولمايدۇ. تەكشۈرۈش ئارقىلىق ۋىۋىسكا ئېسىپ سېتىشقا رۇخسەت قىلىنغان ئۆيلەرنىڭ مۇددىتى ئۈچ ئاي بولىدۇ.
سوئال: شەخسىي ئۆينى ئۆي – جاي ۋاسىتىچى ئاپپاراتلىرىغا سېتىشقا ھاۋالە قىلغاندا نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟
جاۋاب: بىرىنچىدىن، ‹‹ئۆي – جاي بازىرى››تورىدا شۇ ئاپپاراتنىڭ ۋىۋىسكا ئېسىپ سېتىش سالاھىيىتى بار – يوقلىقىنى تەكشۈرۈش كېرەك؛ ئىككىنچىدىن، ئۆي ئىگىسى ئۆينى سېتىشقا ھاۋالە قىلىش توختامى ئىمزالاشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق، ئۆي ئىگىسى توختامدا مۇددەت بەلگىلىشى ھەم ‹‹ئۆي – جاي بازىرى›› تورى ئارقىلىق ۋىۋىسكا ئېسىپ ئېلان قىلغان ئۇچۇرنىڭ توغرا – خاتالىقىنى؛ ئۈچىنچىدىن، ئۆي – جاي ۋاسىتىچى ئاپپاراتىنىڭ ‹‹توردا ۋىۋىسكا ئېسىپ قوبۇل قىلىش گۇۋاھنامىسى››نى تەكشۈرۈشى كېرەك.
سوئال: ئۆينى ۋىۋىسكا ئېسىپ سېتىشتا قانداق ماتېرىياللارنى تەييارلاش كېرەك؟
جاۋاب: كىملىك، ‹‹ئۆي ئىگىدارلىق ھوقۇقى گۇۋاھنامىسى››، ‹‹ئۆيگە ئورتاق ئىگىدارلىق قىلىش ھوقۇقى گۇۋاھنامىسى››نى ھازىرلاش كېرەك. ئۆينى سېتىش – سېتىۋېلىشقا پۈتۈشكەندىن كېيىن، ئۆينى ۋىۋىسكا ئېسىپ ساتىدىغان ئاپپاراتتىن توردا توختام تۈزۈشنى تەلەپ قىلىش كېرەك.
سوئال: ئۆي – جاي ۋاسىتىچىلىك ئاپپاراتلىرى ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلسا قانداق قىلىش كېرەك؟
جاۋاب: تۇردا ۋىۋىسكا ئېسىپ سېتىش ۋە توردا توختام تۈزۈش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىيەلەيدىغان ئۆي – جاي ۋاسىتىچىلىرى ‹‹چارە››دىكى بەلگىلىمىلەرگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئاپپاراتلار بولۇپ، ئۆي – زېمىن باشقۇرۇش ئىدارىسىدا ئەنگە ئېلىنغان ھەم ئىشەنچلىك ئارخىبى تۇرغۇزۇلغان. بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلار بايقالسا، تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغاندىن كېيىن ئاگاھلاندۇرۇش، تىجارىتىنى ۋاقتىنچە توختىتىش، ئەنگە ئېلىنغانلىقى ۋە توردا مەشغۇلات قىلىش سالاھىيىتىنى بىكار قىلىش جازاسى بېرىلىدۇ.
سوئال: سودا سوممىسىنىڭ بىخەتەرلىكىگە قانداق كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؟
جاۋاب: سودىلاشقان ئىككى تەرەپنىڭ سودا سوممىسىنى ئاجرىتىپ بېرىش شەكلى ئارقىلىق راسچوت قىلىپ، ئۆي پۇلىنى ياكى ئۆينى بىخەتەر تاپشۇرۇۋېلىشقا كاپالەتلىك قىلىشىنى تەشەببۇس قىلىمىز. ئۆي – جاي ۋاسىتىچى ئاپپاراتلىرى ئارقىلىق ئۆي ساتقان ياكى سېتىۋالغانلار ‹‹چارە››دىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، سودا سوممىسىنى ئاجرىتىپ بېرىش شەكلى ئارقىلىق راسچوت قىلىشى كېرەك. سودىلاشقان ئىككى تەرەپ ئۆز ئالدىغا پۈتۈشۈپ، مەبلەغنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشتىن ۋاز كەچكەن بولسا، ئىككى تەرەپ سودا رەسمىيىتىنى بېجىرىشتىن بۇرۇن جەزمەن ‹‹خۇسۇسىي ئۆي سودىسىدىكى راسچوت مەبلىقىنى ئۆز ئالدىغان ئاجرىتىپ بېرىش باياناتى›› ئىمزالاپ، سودا سوممىسىنى ئىككى تەرەپ ئۆز ئالدىغا راسچوت قىلىشى كېرەك.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئۆي – جاي سودىسىنى باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ مەسئۇلى تولۇقلاپ مۇنداق دېدى: ‹‹توردا توختاملىشىش، ۋىۋىسكا ئېسىش ھەقسىز. بىراق، ۋىۋىسكىدا باھادا يۈزتۇرا كېلىشىمىز، دەپ يېزىشقا بولمايدۇ، جەزمەن ئاساسىي باھا يېزىلغان بولۇشى كېرەك››. بۇ مەسئۇل كىشى مۇنداق دېدى: ‹‹بۇ ئۇسۇلنى ئىلگىرىكىگە سېلىشتۇرغاندا، ئۆي مەنبەسى ئۇچۇرلىرى ئېنىق، رەسمىيەت ئىخچام بولۇپلا قالماستىن، مەبلەغ بىخەتەرلىكىگە تېخىمۇ كاپالەتلىك قىلىنغان بولۇپ، قارا نىيەت ۋاسىتىچى ئاپپاراتلار ۋە قانۇنسىز ۋاسىتىچىلەرگە ئىمكانىيەت قالدۇرۇلمىغان، ئۆي ئىگىلىرىنىڭ مەنپەئىتى ھەقىقىي قوغدالغان. ››
ھازىر سودا بانكىسى بىلەن سودا – سانائەت بانكىسى مەبلەغنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشقا مەسئۇل، تۇنجى تۈركۈمدە توردا خۇسۇسىي ئۆي سودىسى بىلەن شۇغۇللانسا بولىدۇ، دەپ بېكىتىلگەن مۇلازىمەت ئاپپاراتىدىن يەتتىسى، توردا خۇسۇسىي ئۆي سودىسى قىلىش سىستېمىسى بويىچە ھوقۇق بېرىلگەن ئۆي –جاي ۋاسىتىچى ئاپپاراتتىن 13ى بار، ھاجەتمەن سۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق ئۆزىگە قۇلايلىق بولغان توردا سودىلاشسا بولىدۇ.
|