|
مۇخبىرنىڭ 9 – ئاپرېل شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئۈرۈمچى شەھەرلىك تەرەققىيات – ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، ئۆي سېتىۋالغۇچىلارنىڭ ئېنىق چۈشەنچىگە ئىگە بولۇشى ۋە خاتىرجەم ئۆي سېتىۋېلىشى ئۈچۈن، بۇ شەھەر ‹‹ئۆي باھاسى››نى ئەنگە ئېلىش ۋە باھانى ئېنىق يېزىش تۈزۈمىنى يولغا قويىدىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرى يېقىندا ‹‹ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تاۋار ئۆي سېتىش باھاسىنى ئەنگە ئېلىش بەلگىلىمىسىنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى››نى تارقاتقان. ئۆي – زېمىن تەرەققىيات كارخانىلىرى بۇنىڭدىن كېيىن قۇرۇلۇش تەننەرخى، بازاردىكى تەمىنلەش – تەلەپ ئەھۋالى ۋە تاۋار ئۆي سېتىش باھاسى قاتارلىقلارغا ئاساسەن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك تەرەققىيات – ئىسلاھات كومىتېتىدا ئەنگە ئېلىشى ھەم ئۈرۈمچى شەھەرلىك تەرەققىيات – ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ تور پونكىتىدا ئېلان قىلىشى كېرەك؛ ئۆي – زېمىن تەرەققىيات كارخانىلىرى ئەنگە ئېلىشقا يوللىغان تاۋار ئۆيلەرنىڭ سېتىلىش باھاسىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسا، ئون خىزمەت كۈنىدىن ئىلگىرى ئەنگە ئالدۇرغان ئاپپاراتقا سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈشى ھەم ئەنگە ئالدۇرۇش مەزمۇنىنى قايتىدىن ئۆزگەرتىشى كېرەك.
ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى بارلىق ئۆي – زېمىن كارخانىلىرى ئۆي سېتىش ئورنىدىكى كۆزگە كۆرۈنەرلىك ئورۇنغا ‹‹تاۋار ئۆي باھاسى مۇندەرىجىسى››نى چاپلاپ، ئورۇنلارنىڭ قۇرۇلۇش كۆلىمىنىڭ سېتىلىش باھاسى، يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنىڭ خاراكتېرى ۋە ئەنگە ئالدۇرغان ۋاقتى قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئېلان قىلىشى كېرەك.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك تەرەققىيات – ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق دېدى: تاۋار ئۆي باھاسىنى ئەنگە ئېلىش ۋە باھاسىنى ئېنىق يېزىش ئارقىلىق ئۆي – زېمىن كارخانىلىرىنىڭ تاۋار ئۆي باھاسىنى بېكىتىشىنى تېخىمۇ قېلىپلاشتۇرغىلى ۋە ئىشەنچكە ئىگە قىلغىلى بولىدۇ. تەننەرختىن باشقا ئامىللار سەۋەبىدىن ئۆي – زېمىن بازىرىنىڭ ساغلام، تەرتىپلىك راۋاجلىنىشىغا تەسىر كۆرسىتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ھۆكۈمەتمۇ ئۆي – زېمىن باھاسىنىڭ ئۆزگىرىشىدىكى ھەقىقىي سەۋەبنى ۋاقتىدا ئىگىلەپ، ۋاقتىدا مۇناسىپ تەدبىر قوللىنالايدۇ.
ئىگىلىنىشىچە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك تەرەققىيات – ئىسلاھات كومىتېتى تاۋار ئۆي باھاسىنى ئەنگە ئېلىش ۋە توردا ئاشكارىلاش خىزمىتىنى رەسمىي ئىشلەشكە باشلىغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھۆكۈمەتنىڭ كۆپ تارماقلىرىدىن تەشكىللەنگەن تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى شەھەر دائىرىسىدىكى ئۆي ساتقۇچى تارماقلار ۋە ۋاكالىتەن ساتقۇچى تارماقلارنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈۋېتىپتۇ.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى
|