|
مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئورمان(باغ – ئورمان) كېسەل ۋە ھاشارات زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش – يوقىتىش، كارانتىن پونكىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل ئەتىيازدا ئۈرۈمچى شەھىرىدە تۈن پەرۋانىسى، باھار گەزلىمە قۇرۇتى قاتارلىق دەل – دەرەخ يوپۇرماق كېسەللىكى ۋە ھاشارات زىيىنى كەڭ دائىرىدە كۆرۈلىدىكەن، مۇداپىئە كۆرۈش دائىرىسى 200 مىڭ مودىن ئاشىدىكەن. ھازىر ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئورمان زىيانداش جانلىقلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش – يوقىتىش خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلۇپتۇ.
بۇ پونكىتنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى گو شياۋفاڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ يىل ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئىللىق قىش بولغانلىقتىن، لىچىنكىنىڭ قىشتىن ئۆتۈش ئاساسىي سانى ناھايىتى زور بولغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە دەرەخلىك كۆلىمى كۆپەيگەنلىكى ۋە دەرەخ تۈرلىرى ئاساسەن ئوخشاش بولغانلىقتىن، بۇ يىل ئورماندا ئېغىر كېسەللىك ۋە ھاشارات ئاپىتى كۆرۈلۈپ، ئاپەت بالدۇر، كەڭ دائىرىدە يۈز بېرىشى ئېھتىمالى بار ئىكەن. شەھەر ئەتراپى دېھقانچىلىق رايونلىرىدىكى ئېتىز ئىھاتە ئورمانلىقى، شەھەردىكى باغچىلار، يول بويىدىكى دەرەخلەر، قاقاس تاغلىقتىكى ئورمان بىنا قىلىش رايونى، ھويلا كۆكەرتىش ۋە ‹‹ئۈچ شىمال ئىھاتە ئورمانلىقىنىڭ 4 – قارارلىق›› ئورمان بىنا قىلىش رايونلىرى ھاشارات ئاپىتى ئېغىر بولىدىغان رايون بولىدىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە، قىش پەسلىنىڭ ئۇزۇن بولۇشى مېۋىلىك دەرەخلەردە كەڭ دائىرىدە ئۈششۈكتىن بولغان چىرىش كېسەللىكى، پوستىلاقخور كۈيىنى پەيدا قىلىپ، چاشقان، توشقان تۈرىدىكى ئورمان زىيانلىق جانلىقلىرى ئاپىتى داۋاملىق كۈچىيىدىكەن.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئورمانچىلىق ئىدارىسى ۋە ئورمان(باغ – ئورمان) كېسەللىكى ۋە ھاشارات ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش – يوقىتىش، كارانتىن قىلىش پونكىتىدىكىلەر شەھەردىكى رايونلار، ناھىيىلىك ئورمانچىلىق ئىدارىسى، باغچىلار، قورۇسى بار ئىدارىلەرنىڭ قارا نۇرلۇق ھاشارات يوقىتىش چىرىغى ئورنىتىش، دەرەخ غولىغا سۇلياۋ يۆگەش، دورا پۈركۈش، ھاكلاش ۋە شېكەر سىركىسى قويۇش قاتارلىق فىزىكىلىق ئالدىنى ئېلىش – يوقىتىش خىزمىتىنى ئەستايىدىل ئىشلىشىنى؛ خىمىيىلىك ئالدىنى ئېلىش – يوقىتىش خىزمىتىگە كېرەكلىك دېھقانلىق دورىلىرىنى زاپاس ساقلاش ۋە ماشىنىلارنى رېمونت قىلىش خىزمىتىنى ئالدىنئالا ياخشى ئىشلەپ، بارلىق دەرەخلەرنى ھاكلاپ، كۆكەرتىش بەلبېغىنى رەتلەش ۋە پۇتاشنى كۈچەيتىپ، قىشتا ئۈششۈگەن، سۇنغان شاخلارنى بىر تەرەپ قىلىپ، كېسەللىك ۋە ھاشارات ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش – يوقىتىش ئۇچۇرى قاتارلىق خىزمەتلەرنى ۋاقتىدا مەلۇم قىلىشىنى تەلەپ قىلدى.
|