باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئۈرۈمچى خەۋەرلىرى
ئۈرۈمچىدە يېڭىدىن سېلىنىدىغان ئىمارەتلەرگە ئىسسىقلىق مىقدارىنى ئائىلە بويىچە ھېسابلاش قۇرۇلمىسى ئورنىتىلىدۇ
2008- 04- 16 11:11 شىنجاڭ گېزىتى

     مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش ساھەسىنى باشقۇرۇش ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرى بۇ يىلدىن باشلاپ يېڭىدىن سېلىنىدىغان ئىمارەتلەرنىڭ ئىسسىتىش سىستېمسىغا ئىسسىقلىق مىقدارىنى ئائىلىلەر بويىچە ھېسابلاش ۋە تېمپېراتۇرىنى كونترول قىلىش قۇرۇلمىسىنى مەجبۇرىي ئورنىتىدىكەن. بۇ يېڭىدىن سېلىنىدىغان ئىمارەتلەردە بۇنىڭدىن كېيىن ئىسسىنىش ھەققىنىڭ ئەمەلىي ئىشلىتىلگەن ئىسسىقلىق مىقدارى بويىچە ھېسابلىنىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

     ئىگىلىنىشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرى ئاپتونوم رايون بۇ يىل چۈشۈرگەن ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش مىقدارىنى ھېسابلاش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشنىڭ روھىغا ئاساسەن، بۇ يىلدىن باشلاپ يېڭىدىن قۇراشتۇرۇلىدىغان ئىسسىتىش سىستېمىسىغا ئىسسىقلىق مىقدارىنى ھېسابلاش تېخنىكىلىق ئۆلچىمىگە يېتىش تەلىپىنى قويىدىكەن؛ يېڭىدىن سېلىنىدىغان ئىمارەت (تۇرالغۇ ۋە ئاممىۋى ئىمارەت)لەرنىڭ ئىسسىنىش سىستېمىسىغا ئىسسىقلىق مىقدارىنى ھېسابلاش تېخنىكىلىق ئۆلچىمىگە يېتىش، ئىسسىقلىق مىقدارىنى ھېسابلاش ۋە تېمپېراتۇرىنى كونترول قىلىش قۇرۇلمىسى سەپلەش تەلىپىنى قويىدىكەن؛ ھازىر بار ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش سىستېمىسىنى ‹‹11 – بەش›› يىل مەزگىلىدە تېخنىكىلىق ئۆزگەرتىش ئارقىلىق ئىسسىقلىق مىقدارىنى ھېسابلاش تېخنىكىلىق ئۆلچىمىگە يەتكۈزىدىكەن. بۇ مەجبۇرىي بەلگىلىمىنى قۇرۇلۇشنى لايىھىلەش، قۇرۇلۇش چېرتيوژىنى تەكشۈرۈش، قۇرۇلۇش قىلىش، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ۋە قۇرۇلۇش پۈتكەندە تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش قاتارلىق ئىش ھالقىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشقا تەتبىقلاپ، ئىسسىقلىق مىقدارىنى ھېسابلاش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىش كۆلىمىنىڭ تەدرىجىي كېڭىيىشىگە كاپالەتلىك قىلىدىكەن.

     ئىسسىقلىق مىقدارىنى ھېسابلاپ ھەق ئېلىشتا، قۇرۇلۇشنى لايىھىلەشتىن قۇرۇلۇش قىلىشقىچە بولغان بارلىق ھالقىلاردا ئېنېرگىيە تېجەش، ئىسسىق ساقلاشنى نىشان قىلىپ، ئىسسىق ساقلاش، ئېنېرگىيە تېجەش ماتېرىياللىرىنى ئىشلىتىش ئارقىلىق ئاساسىي سىرت تام، پول قاتارلىقلارنىڭ ئىسسىق ساقلاش ئىقتىدارىغا كاپالەتلىك قىلىش تەلەپ قىلىنىدۇ. يېڭىدىن قۇرۇلىدىغان ئىسسىتىش سىستېمىسى ياكى ئۆزگەرتىلىدىغان ئىسسىتىش سىستېمىلىرىدا ئىسسىقلىق مەنبەسى، ئىسسىقلىق ئېنېرگىيىسى پونكىتى، تۇرۇبا تورى، ئىمارەت قاتارلىقلارغا ئايرىم – ئايرىم ھېسابلاش قۇرۇلمىسى ئورنىتىپ كونترول قىلىش ۋە بۆلەكلەر بويىچە ھېسابلاش، يېڭىدىن سېلىنىدىغان ئىمارەتلەردە ئائىلىلەر بويىچە ھېسابلاش ۋە تېمپېراتۇرىنى كونترول قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش تەلەپ قىلىنىدۇ.

     ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش ساھەسى ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 2008 – يىلى   1 –  ئاپرېلغىچە تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىنمىغان ياكى پۈتمىگەن تۈرلەردە قۇرۇلۇش قىلغۇچى تەرەپ ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش، ئىسسىنىش لايىھىسىنى تاكى ئائىلىلەر بويىچە ھېسابلاش تەلىپىگە يەتكۈچە ئۆزگەرتىشى كېرەك. تەلەپكە يەتمىگەنلىرى تۈزەشكە بۇيرۇلىدۇ؛ تۈزىگەندىن كېيىنمۇ لاياقەتسىز بولسا، ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ ھەم مۇناسىۋەتلىك نىزام بويىچە ئالاقىدار ئورۇن ۋە خادىمنىڭ جاۋابكارلىقى  سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.  

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ