|
ماكرولۇق تەڭشەش – تىزگىنلەش ۋە باھانى نازارەت قىلىش – تەكشۈرۈش تەدبىرىنىڭ تەدرىجىي ئەمەلىيلىشىشىگە ئەگىشىپ، ئۈرۈمچى شەھىرىدە مال باھاسىنىڭ ئۆسۈشى سەل پەسەيدى. ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭCPI (ئىستېمال باھاسى كۆرسەتكۈچى)سى فېۋرالدىكى% 11.6تىن مارتتا% 8.9كە چۈشتى.
بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا، بۇ يىل مارتتا ئۈرۈمچى شەھىرىدە يېمەكلىكلەر باھاسى% 23.5 ئۆسكەن، گەرچە باھا كۆرسەتكۈچى يەنىلا ئۆرە بولسىمۇ، گۆش ۋە كۆكتات قاتارلىق يېمەكلىكلەرنىڭ باھاسى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىگەن. شەھەرلىك سودا ئىدارىسىنىڭ 4 – ئاپرېلدىكى ستاتىستىكىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىدە گۆش باھاسى خېلى تۆۋەنلىگەن، قوي ۋە كالا گۆشىنىڭ ھەر كىلوگرامىنىڭ توپ سېتىلىش باھاسى 26.3 يۈەن ۋە 24.5 يۈەن بولۇپ، 9.21 ۋە 4.85 پىرسەنت پوئېنت تۆۋەنلىگەن. كۆكتات ۋە مېۋە، باھاسىمۇ 8.11 ۋە 2.86 پىرسەنت پوئېنت تۆۋەنلىگەن. گۈرۈچ، ئۇن ۋە ماي باھاسى بىر ئاز تۆۋەنلىگەن، 4 – ئاپرېل ‹‹بېييۈەنچۈن›› توپ سېتىش بازىرىدا قىچا مېيىنىڭ ھەر لېتىرىنىڭ باھاسى 16 يۈەنگە چۈشكەن بولۇپ، ئالدىنقى ئايدىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا 3.03 پىرسەنت پوئېنت تۆۋەنلىگەن. بىردىنبىر باھاسى ئۆسكىنى تۇخۇم بولۇپ، پارچە سېتىلىش باھاسى 8 پىرسەنت پوئېنت ئۆسكەن.
كۈندىلىك سانائەت ئىستېمال بۇيۇملىرى، مەسلەن: كىيىم – كېچەك، رەقەملىك ئېلېكترونلۇق مەھسۇلاتلار، يان تېلېفون قاتارلىق مەھسۇلاتلارنىڭ باھاسى ئۇزاقتىن بۇيان مۇقىم بولغان ھەم باھاسى تۆۋەنلەشكە يۈزلەنگەن. مارتتا كىيىم – كېچەك باھا كۆرسەتكۈچى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن% 1.9 ، قاتناش ۋە ئالاقە مۇلازىمىتىنىڭ باھاسى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن% 2.8 ، كۆڭۈل ئېچىش، مائارىپ، مەدەنىيەت بۇيۇملىرى باھاسى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن% 0.3 چۈشكەن. ئەمما، يېمەكلىك، ھاراق – تاماكا، داۋالاش – ساقلىق ساقلاش ۋە شەخسىي لازىمەتلەر، ئائىلە ئۈسكۈنىلىرى ۋە رېمونت قىلىش مۇلازىمىتى، تۇرالغۇنىڭ باھاسى ئۆسكەن.
ئۈرۈمچى شەھىرى مال باھاسىنىڭ تېز ئۆسۈشىنى توسۇش ئۈچۈن، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىشىنى يۆلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، شەھەر مىقياسىدا بازارنى نازارەت، كونترول قىلىپ، نۇرغۇن تەدبىر قوللىنىپ مال باھاسىنىڭ ئۆسۈشىنىڭ ئالدىنى ئالدى . ئۈرۈمچى شەھەرلىك سودا ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ‹‹ماگېزىن ۋە تاللا بازىرىدىكى ئاشلىق، ماي، تۇز، گۆش، تۇخۇم قاتارلىق تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى ئالاھىدە باھادا سېتىشنى تېزلىتىش قاتارىغا كىرگۈزۈشكە بولمايدۇ. ئۇلاردا ئاشلىق – ماي تۈرىدىكىلەرنى سېتىشنى تېزلىتىشنى ئەنگە ئالدۇرۇش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ. ھازىر، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئاشلىق – ماي قاتارلىق قوشۇمچە يېمەكلىكلەر بازىرىدا باھا ئومۇميۈزلۈك مۇقىملاشتى، ئاساسلىق تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى بىلەن تەمىنلەش يېتەرلىك، ئاھالىلەرنىڭ ئىستېمال قىلىشى مۇقىم، مال باھاسى مۇقىملاشماقتا.››
|