باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>تەنتەربىيە خەۋەرلىرى
رونالدىنىئو AC مىلان كوماندىسىغا ئالمىشىدىغان بولدى
2008- 04- 15 18:32 شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى

   

       2007-/2008- يىللىق ئىتاليە A دەرىجىلىكلەر پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى ۋە ياۋروپا چېمپىيونلۇق لوڭقىسى پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە ئىپادىسى ياخشى بولماي كەلگەن AC مىلان كوماندىسى بۇ يىل يازدا داڭلىق پۇتبول چولپىنى رونالدىنىئو بىلەن شېچىنكونى كوماندىغا تەكلىپ قىلىپ ، كوماندىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى زورايتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ بىر نەچچە كۈن ئۆتۈپلا ، 11-ئاپرىل AC مىلان كۇلۇبى رونالدىنىئو بىلەن ئىككى يىللىق توختام تۈزگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى .

     AC مىلان پۇتبول كۇلۇبىنىڭ مۇئاۋىن رەئسىى گالىيانى بۇ خەۋەرنى ئاشكارلىدى . ئىگىلىنىشىچە ، رونالدىنىئونىڭ يىللىق مائاشى 8 مىليون ياۋرۇ قىلىپ بېكىتىلگەن ، باشقا تەپسىلاتلار ۋاقتىنچە ئاشكارىلانمىغان ، بارسېلونا كۇلۇبى 2007-/2008-يىللىق ياۋروپا چېمپىيونلۇق لوڭقسى پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى ئاياغلاشقاندىن كېيىن، بۇ خەۋەرنى ئېلان قىلىشنى تەلەپ قىلغان . ئىتالىيە ئاخبارات ۋاستىلىرى رونالدىنىئونىڭ كۇلۇب ئالمىشىش ھەققى 22 مىليون ياۋرۇدىن 30 مىليون ياۋرۇغىچە بولۇشى مۇمكىن دېيىشمەكتە .

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ