|
مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى 4 – ئاينىڭ 8 – ئاپرېل ئاچقان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك خ خ ئىدارىسى ساقچى ئىشلىرىنى نازارەت قىلىش بۆلۈمى قۇرۇلغان بىر يىلدىن بۇيان، ج خ ئورگىنى، شۇنداقلا خەلق ساقچىلىرىنىڭ قانۇنغا ئاساسەن ۋەزىپە ئۆتەش ھوقۇقىنى توغرا يۈرگۈزۈش ۋە تەرتىپكە بويسۇنۇشتا ئۈلگە بولۇش ئەھۋاللىرىنى نازارەت قىلىش ۋە تەكشۈرۈپ تۈزىتىشتىن ئىبارەت مۇھىم رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرغان.
ساقچى ئىشلىرىنى نازارەت قىلىش بۆلۈمىنىڭ نەق مەيداننى نازارەت قىلىش، ئەرز – شىكايەتلەرنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش، خەلق ساقچىلىرىنىڭ قانۇننى ئىجرا قىلىش ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداش، قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش ۋە قوشۇن باشقۇرۇش، ساقچى ئىشلىرىنى مۇزاكىرە قىلىش قاتارلىق خىزمەت فۇنكسىيىسى بار بولۇپ، بۇ بۆلۈم ئۆتكەن بىر يىلدا 400 قېتىمدىن ئارتۇق نەق مەيدان نازارەتچىلىكىنى يۈرگۈزگەن، 1500 دىن ئارتۇق ساقچى ئاجرىتىپ، ئامما مەلۇم قىلغان 300 دېلونى قوبۇل قىلىپ، 19 پارچە نازارەت قىلىش ئۇقتۇرۇشى تارقىتىپ، سەككىز ساقچىنى ۋەزىپە ئىجرا قىلىشتىن توختاتقان. 222 پارچە ئەرز – شىكايەتنى قوبۇل قىلغان. بۇ بۆلۈم يەنە ئاممىنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى يەنىمۇ كاپالەتلەندۈرۈش ئۈچۈن، خىزمەت سۈپىتىنى يەنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئاممىغا تېخىمۇ ياخشى جاۋاب قايتۇرۇشقا تىرىشىدىكەن. ئەگەر سىزنىڭ ساقچى ۋە ساقچى ئىشلىرىغا قارىتا ئەرز – شىكايىتىڭىز بولسا 4918354(0991)كە ياكى110 غا تېلېفون ئۇرۇپ، ساقچى ئىشلىرىنى نازارەت قىلىش بۆلۈمى بىلەن ئالاقىلەشسىڭىز بولىدۇ.
|