باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئىقتىسادىي خەۋەرلەر
ئوتتۇرا ئاسىيا سودىگەرلىرى ئۈرۈمچىگە كۆپلەپ مەبلەغ سالماقتا
2008- 04- 15 10:30 شىنجاڭ گېزىتى

     مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك سودا ئىشلىرى ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، 2007 – يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ كارخانىسى 46 غا يەتكەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 40 كارخانا 2005 – يىلىدىن كېيىن كىرگۈزۈلگەن، بۇ ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى كارخانىلىرىنىڭ %87 ىنى ئىگىلەيدىكەن، ئەمەلىي ئىشلەتكەن چەت ئەل مەبلىغى 24مىليون 758مىڭ دوللار بولۇپ، بۇ ئۈرۈمچى شەھىرى ئەمەلىي ئىشلەتكەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى مەبلەغ ئومۇمىي سوممىسىنىڭ %73 ىنى ئىگىلەيدىكەن.

     بۇ ئىدارىنىڭ تاشقى مەبلەغ، تاشقى ئىقتىساد باشقارمىسىدىكى خىزمەتچىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ھازىر ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىكى شىنجاڭغا مەبلەغ سالغان كارخانىلار ئۈرۈمچىدىكى چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سالغان كارخانا ئومۇمىي سانىنىڭ% 19ىنى، ئەمەلىي ئىشلەتكەن چەت ئەل مەبلىغى ئۈرۈمچى     شەھىرى ئەمەلىي ئىشلەتكەن ئومۇمىي مەبلەغنىڭ %4.4 ىنى ئىگىلىگەن. ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ كارخانىلىرى ئىچىدە، قازاقىستاننىڭ 37 كارخانىسى بار بولۇپ، ئومۇمىي ساننىڭ%80 ىنى، ئەمەلىي ئىشلەتكەن چەت ئەل مەبلىغى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى مەبلەغ ئومۇمىي سوممىسىنىڭ %99.7ىنى ئىگىلىگەن؛ قىرغىزىستاننىڭ ئالتە كارخانىسى، ئۆزبىكىستاننىڭ ئۈچ كارخانىسى بار ئىكەن.

     ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى كارخانىلىرىنىڭ% 70ى ئاساسلىقى ئىمپورت – ئېكسپورت كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بولۇپ، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تاشقى سودىسىدىكى يېڭى كۈچ بولۇپ قالغان. 2007 – يىلى ئىمپورت – ئېكسپورت تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان 37 كارخانا ئىچىدە، 17 كارخانىنىڭ ئىمپورت – ئېكسپورت سوممىسى 40مىليون 880مىڭ دوللار ئاشقان بولۇپ، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئىمپورت – ئېكسپورت سودىسىنىڭ ئېشىشىغا تۆھپە قوشقان.

     بۇ ئىدارىنىڭ تاشقى مەبلەغ، تاشقى ئىقتىساد باشقارمىسىدىكى خىزمەتچى مۇنداق دېدى: 2004 – يىلىدىن بۇيان، دۆلەت سودا مىنىستىرلىكىنىڭ ‹‹چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سالغان سودا ساھەلىرىنى باشقۇرۇش چارىسى›› ۋە باشقۇرۇشقا ئالاقىدار بىر يۈرۈش قوشۇمچە بەلگىلىمىلەرنى تۈزۈپ، چەت ئەل مەبلىغىدىن پايدىلىنىش سىياسەت مۇھىتى ۋە چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سالغان كارخانىنىڭ تىجارەت مۇھىتىنى قويۇۋېتىشى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ چەت ئەل مەبلىغىدىن پايدىلىنىشىنى كۆپەيتىش، بولۇپمۇ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ مەبلىغىنى جەلپ قىلىشتا تۈرتكىلىك رول ئوينىدى. ئۆزگىچە ئورۇن، بايلىق ئەۋزەللىكى ھەم كۈندىن – كۈنگە ياخشىلىنىۋاتقان مەبلەغ سېلىش مۇھىتى ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە يۈزلەنگەن ‹‹كىرگۈزۈش››، ‹‹چىقىرىش››تا قوش يۆنىلىشلىك مەبلەغ سېلىش، باراۋەر راۋاجلىنىشتەك ياخشى ۋەزىيەتنى نامايان قىلدى.
 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ