باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>تەنتەربىيە خەۋەرلىرى
ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئاز سانلىق مىللەت مىللەت كىچىك ئەلچىلىرى ئولىپمىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى سەپىرى پائالىيىتىگە قاتنىشىدۇ
2008- 04- 14 17:38 ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى

       8-ئاپرېل ئاپتونوم رايونلۇق مېيىپلار بىرلەشمىسى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاۋ لى مۇنداق دېدى : جۇڭگو مېيىپلار بىرلەشمىسى ئاپتونوم رايونىمىزغا 2008- يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكلىي  كومىتېتى بىلەن جۇڭگو مېيىپلار بىرلەشمسى بىرلىكتە ئۆتكۈزىدىغان ئاز سانلىق مىللەت كىچىك ئەلچىلىرى (مېيىپ ياش – ئۆسمۈرلەر) بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى سەپىرى پائالىيىتىگە قاتنىشىشقا سەككىز سان بەردى ، ئۇلار 1-ئىيۇننىڭ ئالدى- كەينىدە بېيجىڭغا بېرىپ بۇ پائالىيەتكە قاتنىشىدۇ .

      بۇ پائالىيەت ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مېيىپ ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇپلا قالماي ، ‹‹ئوخشاش بىر دۇنيا ، ئوخشاش بىر ئارزۇ-ئىستەك ›› تىن ئىبارەك ئولىمپىك ئىدىيىسىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ ھەمدە ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئۆزئارا مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشى ، شۇنداقلا پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ مېيىپ ئۆسۈرلەرگە بولغان غەمخورلىقىنى گەۋدىلەندۈرىدۇ .

     ئىگىلىنىشىچە ، بۇ پائالىيەت ھەر مىللەت مېيىپ ئۆسمۈرلىرىنى ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە يېقىنلاشتۇرۇش ، مېيىپلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە ئەھمىيەت بەرگۈزۈش ، ئۆزئارا چۈشىنىش ، دوستلۇقىنى كۈچەيتىش ، جەمئىيەتنىڭ ئىللىقلىقىنى ۋە مېھىر- مۇھەببىتىنى ھېس قىلدۇرۇشنى مەقسەت قىلىدىكەن . بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە سەككىز ياشتىن 14 ياشقىچە بولغان ئاز سانلىق مىللەت ئۆسمۈرلىرى تاللىنىدىكەن ، ئاڭلاش ، كۆرۈش ئىقتىدارى ئاجىز ، پۇت - قولى مېيىپ ، ئۆگىنشى ۋە ئەخلاق-پەزىلىتى ياخشى ئوقۇغۇچىلار تاللىنىدىكەن .

 

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ