باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئۈرۈمچى خەۋەرلىرى
ئۈرۈمچى شەھىرىدە بۇ يىل مۇھىت ئاسراش قۇرۇلۇشىغا 2 مىليارد670 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىدۇ
2008- 04- 14 16:07 شىنجاڭ گېزىتى

      ئۈرۈمچى شەھىرى بۇ يىل شەھەر ئىسسىقلىق تورى قۇرۇلۇشى، پار قازانلارنى چېقىش– بىرلەشتۈرۈش، ئېنېرگىيە تېجەيدىغان ئىمارەت، پاسكىنا سۇنى بىر تەرەپ قىلىش زاۋۇتى قۇرۇلۇشى، سانائەتتە بۇلغىما چىقىرىشنى ئازايتىش قاتارلىق نۇقتىلىق مۇھىت ئاسراش تۈر  قۇرۇلۇشىغا 2 مىليارد 670 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، تېخنىكىلىق تەركىبى يۇقىرى، ئىقتىسادىي ئۈنۈمى ياخشى، ئېنېرگىيە سەرپىياتى تۆۋەن، مۇھىتنى ئاز بۇلغايدىغان يېڭى سانائەتلىشىش يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرىدۇ.

     مۇخبىرنىڭ يېقىندا چاقىرىلغان ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ مۇھىت ئاسراش خىزمىتى يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، شەھەرلىك ھۆكۈمەت بۇ يىل مۇھىت سۈپىتىنى داۋاملىق تىرىشىپ ياخشىلاپ، ھاۋا سۈپىتى 2 –دەرىجە ۋە 2– دەرىجىدىن ياخشى  بولغان  كۈن سانىنى% 70 كە يەتكۈزۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش، بىرلىكGDP  ئېنېرگىيە سەرپىياتىنى% 4.4 تۆۋەنلىتىش، 20 مىڭ توننا گۈڭگۈرت تۆت ئوكسىدنى چىقىرىش، 3800 توننا خىمىيىگە ئېھتىياجلىق ئوكسىگېننى چىقىرىشنى ئازايتىش نىشانىغا يېتىشكە كاپالەتلىك قىلىدىكەن.

     ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇۋەققەت شەھەر باشلىقى جارۇللا ھېسامىدىن يىغىندا مۇنداق دېدى: ‹‹ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يەر ۋە سۇ بايلىقى كەمچىل، ئېكولوگىيىلىك مۇھىتى ئىنتايىن ئاجىز. شۇڭا يېڭىچە سانائەتلىشىش قۇرۇلۇشى داۋامىدا ئېنېرگىيە تېجەش، ئېنېرگىيە سەرپىياتىنى تۆۋەنلىتىش ۋە مۇھىت ئاسراشنى 1–ئورۇنغا قويۇش، ئىقتىساد تەرەققىيات رايونى، مىچۈەن –كۆكتاغ خىمىيە سانائەت رايونى ۋە ‹‹1–ئاۋغۇست›› پولات –تۆمۈر شىركىتى، ئۈرۈمچى نېفىت خىمىيە زاۋۇتى، جۇڭخې قاتارلىق كارخانىلارنىڭ ئايلانما ئىقتىسادنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى نۇقتىلىق چىڭ تۇتۇپ، مۇھىتنى ئېغىر دەرىجىدە بۇلغايدىغان كارخانا، مەھسۇلات ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلىنى قەتئىي شاللاپ، باشقا رايونلاردىكى مۇھىتنى ئېغىر دەرىجىدە بۇلغايدىغان كارخانا ۋە قالاق ئىشلەپچىقىرىش تۈرلىرىنىڭ شەھىرىمىزگە يۆتكىلىشىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش كېرەك. ‹‹مۇھىت تەسىرىنى باھالاش چارىسى›› ۋە ‹‹قۇرۇلۇش تۈرلىرىدە مۇھىت ئاسراشنى باشقۇرۇش نىزامى››دىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، قۇرۇلۇش تۈرلىرىنىڭ مۇھىت ئىجازىتى ئۆتكىلىنى قەتئىي چىڭ تۇتۇپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىش شەكلىگە تۈرتكە بولۇشتا، مۇھىتنى بۇلغاش بەدىلىگە ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئاساس قىلىشنى مۇھىت ئارقىلىق ئىقتىسادنىڭ ئېشىش شەكلىنى سەرخىللاشتۇرۇشنى ئاساس قىلىشقا ئۆزگەرتىش كېرەك.
 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ