|
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 8 – ئاپرېل تېلېگراممىسى. ئۈرۈمچى شەھىرى داڭقىنى يەنىمۇ چىقىرىش ئۈچۈن، بۇ يىل 4 – ئايدا داڭلىق دۆڭكۆۋرۈكنى ئۇنىۋېرسال تۈزەشكە تۇتۇش قىلىپ، يول بويىدىكى نۇرغۇن يايمىكەشنى مۇقىم سورۇن بىلەن تەمىنلىدى.
مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىدىن ئىگىلىشىچە، ئۇنىۋېرسال تۈزەش ھەرىكىتىگە دائىر بەلگىلىمىگە ئاساسەن، دۆڭكۆۋرۈك سودا چەمبىرىكىدىكى كوچا بويىدىكى يايمىچىلار بۇنىڭدىن كېيىن يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن سەككىز چوڭ بازارغا ھەقسىز ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، دۆڭكۆۋرۈك سودا چەمبىرىكىدە كوچا بويىغا يايما يېيىشقا رۇخسەت قىلىنمايدىكەن. ھازىر سەييارە يايمىچىلارنى تىزىملاش ھەم ئەتراپتىكى يېڭى سېلىنغان بازارغا تارقاقلاشتۇرۇش خىزمىتى باشلىنىپتۇ، بۇنىڭدا دۆڭكۆۋرۈك سودا چەمبىكىرىنى بىخەتەر، پاكىز، رەتلىك، راۋان، تەرتىپلىك، مۇلازىمەت مۇئەسسەسىلىرى مۇكەممەل، مىللىي ئالاھىدىلىكنى گەۋدىلەندۈرىدىغان، سەرخىل بازار چەمبىرىكى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش مەقسەت قىلىنغان.
ئۇزۇنلۇقى 1200 مېتىر كېلىدىغان دۆڭكۆۋرۈك مىللىي ئۆرپ – ئادەت كوچىسى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان، ئۇ يەردە دۇكان، يايما كۆپ، تۈرلۈك مىللىي خاسلىققا ئىگە تاۋارلارنى مەخسۇس ساتىدىغان دوكان، سودا – ساراي، بازار ۋە ئاشخانىدىن 200 نەچچىسى بار، تىجارەت كۆلىمى 200 مىڭ كۋادرات مېتىرغا يېتىدۇ، مىللىي كېيىم – كىچەك، مىللىي چالغۇ ئەسۋاب، شىنجاڭ مېۋىلىرى، مىللىي تېبابەت دورىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نەچچە مىڭ خىل تاۋار داڭلىق دۆڭكۆۋرۈك سودا چەمبىرىكىنى شەكىللەندۈرگەن.
ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى قويۇق مىللىي پۇراققا ئىگە بۇ قەدىمىي كوچا دۆڭكۆۋرۈك خاسلىقى بىلەن نۇرغۇن چەت ئەللىك ساياھەتچىنى جەلپ قىلدى. ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى: ‹‹دۆڭكۆۋرۈكتىكى سەييارە يايمىچىلارنى بىر تۇتاش باشقۇرىدىغان يېڭى بازارغا ئورۇنلاشتۇرغاندا، تىجارەتنى قېلىپلاشتۇرۇپلا قالماي، يولنى ئازادىلەشتۈرگىلى بولىدۇ، بۇ شەھەر تازىلىقى ۋە بازار مۇھىتىغا پايدىلىق، ›› دېدى.
|