باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئىقتىسادىي خەۋەرلەر
ئاپتونوم رايونىمىز شىئەن يەرمەنكىسىدە 21مىليارد 200 مىليون يۈەنلىك كېلىشىم ئىمزالىدى
2008- 04- 14 15:52 شىنجاڭ گېزىتى

      شىئەندە ئېچىلغان 12 – نۆۋەتلىك جۇڭگو شەرقىي – غەربىي قىسىم ھەمكارلىقى ۋە مەبلەغ سېلىش سودا يەرمەنكىسى ئاياغلىشىش ئالدىدا تۇرماقتا. مۇخبىرنىڭ 9 – ئاپرېل ئاپتونوم رايونلۇق خېرىدار چاقىرىش ئىدارىسىنىڭ شىئەن يەرمەنكىسىدىن قىلغان خۇلاسىسىدىن ئىگىلىشىچە، مەبلەغ سېلىش كۆلىمى زور، چېتىلىدىغان دائىرە كەڭ بولغان 1 – كەسىپتىكى تۈرلەر مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ئەھمىيەت بېرىشىگە ئېرىشىپ، بۇ نۆۋەتلىك يەرمەنكىدە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلارنىڭ تۈر ئىمزالىشىدىكى گەۋدىلىك ئالاھىدىلىك بولغان.

     بۇ نۆۋەتلىك يەرمەنكىدە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ خېرىدار چاقىرىپ ئىمزالىغان كېلىشىم سوممىسى تېز كۆپەيگەن. 8 – ئاپرېلغىچە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرى ئىمزالىغان كېلىشىم ئومۇمىي سوممىسى 21 مىليارد 200 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئالدىنقى نۆۋەتلىك شىئەن يەرمەنكىسىدىن% 49 ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە ئاپتونوم رايون سىرتىدىن كىرگۈزۈلگەن مەبلەغ 20 مىليارد 500 مىليون يۈەن بولۇپ، ئالدىنقى نۆۋەتلىك شىئەن يەرمەنكىسىدىن% 53 ئاشقان.

     بۇ نۆۋەتلىك يەرمەنكىدە ئىمزالانغان كېلىشىم تۈرلىرىنىڭ چېتىلىش دائىرىسى كەڭ بولۇپ، 1 – كەسىپتە قېزىلما بايلىقلارنى ئېچىش، ئېنېرگىيە ئېچىش؛ 2 – كەسىپتە قېزىلما بايلىقلارنى پىششىقلاش، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىنچىكە پىششىقلاش، دورىگەرلىك، نېفىت خىمىيە سانائىتى، ماشىنىسازلىق؛ 3 – كەسىپتە سودا ئەشيا ئوبوروتى، ساياھەتچىلىك قاتارلىق ساھەلەردە بىردەك كېلىشىم ئىمزالاندى. ئىمزالانغان كېلىشىم تۈرلىرىدە 2 – كەسىپتىكى تۈرلەر خېلى زور نىسبەتنى ئىگىلىگەن بولۇپ، ئىمزالانغان كېلىشىم ئومۇمىي سوممىسى 14مىليارد 800 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئىمزالانغان ئومۇمىي كېلىشىم سوممىسىنىڭ% 69ىنى ئىگىلىدى. لېكىن 1 – كەسىپتىكى تۈرلەرنىڭ ئېشىشى ئەڭ كۆرۈنەرلىك بولدى. ئالدىنقى نۆۋەتلىك شىئەن يەرمەنكىسىدە ئاپتونوم رايونىمىز 1 – كەسىپتە يەتتە تۈردە كېلىشىم ئىمزالىغان بولۇپ، كېلىشىم سوممىسى 600 مىليون يۈەن بولغانىدى. بۇ نۆۋەتلىك شىئەن يەرمەنكىسىدە 1 – كەسىپتە 37تۈر ئىمزالانغان بولۇپ، كېلىشىم سوممىسى 3مىليارد 700 مىليون يۈەن بولدى.
 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ