باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئۈرۈمچى خەۋەرلىرى
دۆڭكۆۋرۈك دۆلەت بېجى شۆبە ئىدارىسى باج يىغىش، باشقۇرۇش سالمىقىنى ئاشۇردى
2008- 04- 14 15:48 شىنجاڭ گېزىتى

     3 – ئايدا ئۈرۈمچى دۆڭكۆۋرۈك دۆلەت بېجى شۆبە ئىدارىسىنىڭ باج خادىملىرى قانۇن بويىچە باج تاپشۇرغۇچىلارنىڭ باج ئىشلىرىنى ئوبدان بىر تەرەپ قىلدى.

     شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازىرى مەملىكەت ئىچى – سىرتىغا  داڭلىق. ئەمما تارىخىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، بۇ رايوندىكى يەككە تىجارەتچىلەردىن باج يىغىش ئىزچىل  قىيىن  بولۇپ كەلگەنىدى. بۇ شۆبە ئىدارە بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، ئالتە باج يىغىش گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، باج تاپشۇرغۇچىلارنى بىر – بىرلەپ تىزىملىدى ۋە ئۇلارنى باج يىغىش، باشقۇرۇش دائىرىسىگە كىرگۈزدى، 3 – ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغا قەدەر، باج ئېلىنمىغان 1200 دىن ئارتۇق باج تاپشۇرغۇچىدىن باج يىغىپ بولدى.

     دۆڭكۆۋرۈك مىللىيلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايون بولۇپ، تىجارەتچىلەرنىڭ كۆپ قىسمى ئازسانلىق مىللەت بولغاچقا، بۇ شۆبە ئىدارە ھەم قانۇن بويىچە باج ئالدى، باشقۇردى، ھەم باج تاپشۇرغۇچىلارغا ئىلمىي مۇلازىمەت قىلىپ، باج تاپشۇرۇش تەشۋىقات ماتېرىياللىرىنى ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە بېسىپ، ئۇلارغا باج سىياسىتىنى تەشۋىق قىلدى. باج يىغىش جەريانىدا بايقالغان ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار مىللىي تىجارەتچىلەردىن ئالىدىغان باجنى تەڭشەپ ۋە ئازايتىپ، ئۇلارغا ئېتىبار بەردى.

     باج خادىملىرى باج يىغىش جەريانىدا يەنە ئومۇمىيەتكە ئەھمىيەت بېرىپ ۋە ئۇنى تونۇپ، ئومۇمىيەتنى كۆزلەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ مۇھىملىقىنى ئاڭلىق تەشۋىق قىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ باشلامچىلىرىدىن بولۇپ، مىللىي بۆلگۈنچىلىك ۋە تېررورلۇققا بايرىقى روشەن ھالدا قارشى تۇردى.
 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ