|
ئۈرۈمچى شەھىرى 29 – يانۋاردىن باشلاپ باھاغا ۋاقىتلىق ئارىلىشىش تەدبىرىنى قوللانغاندىن كېيىن، سەككىز كارخانىنىڭ ئالتە خىل تاۋارنىڭ باھاسىنى تەڭشەش نىسبىتى% 4تىن ئاشقاندا، جەزمەن 24 سائەت ئىچىدە ئۈرۈمچى شەھەرلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىغا يازما ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەكلىكىنى بېكىتكەنىدى.
23 – مارت باھا تەڭشەشنى ئەنگە ئالدۇرۇش تۈزۈمى يولغا قويۇلغىنىغا ئىككى ئاي بولدى. ئۈرۈمچى شەھەرلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ئۈرۈمچى دۇڭگوبى ‹‹فۇتەي›› مەھسۇلاتلىرى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى، شىنجاڭ ‹‹تيەنكاڭ›› يېمەكلىك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى، بېييۈەنچۈن (گۇرۇھى) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى بېييۈەنچۈن بازىرى ئۇچۇر مەركىزى، شىنجاڭ ‹‹لىنچىڭ›› مېۋە – كۆكتات چەكلىك شىركىتى، كەررېفور تاللا بازىرى، ‹‹ياخشى يۇرت›› تاللا بازىرى، ‹‹1 – ئىيۇل جياڭيۇ زاۋۇتى››مال سېتىۋېلىش مەركىزى تاللا بازىرى، دوستلۇق گۇرۇھىدىن ئىبارەت باھا تەڭشەشنى ئەنگە ئالدۇرغان سەككىز كارخانىنىڭ باھا تەڭشەشنى ئەنگە ئالدۇرۇش تۈزۈمىنى ئىجرا قىلىش ئەھۋالىنى تەكشۈردى.
تەكشۈرۈشتە، بىر تاللا بازىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تاۋارلىرىنىڭ باھا تەڭشەش خاتىرە ماتېرىيالىنىڭ تولۇق ئەمەسلىكى، بەزى تاۋارلارنىڭ باھاسىنى تەڭشىگەندە ئەنگە ئالدۇرمىغانلىقى؛ بەزى تاۋارلار 2 – ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى ئەنگە ئېلىنغاندىن كېيىن، باھاسىنىڭ ئۆسۈش نىسبىتى% 4تىن ئاشقان بولسىمۇ، بەلگىلىمە بويىچە داۋاملىق ئەنگە ئالدۇرمىغانلىقى؛ يەنە بىر تاللا بازاردا بىر كىلو تۇخۇمنىڭ ھازىرقى باھاسى .7 6 يۈەن ئىكەنلىكى، ئەسلىي ئەنگە ئالدۇرغان باھاسى .3 6 يۈەن بولۇپ، ئۆسۈش نىسبىتى% .3 6كە يەتكەنلىكى؛ يەنە بىر تاللا بازاردا كالا گۆشىنىڭ ئەنگە ئالدۇرغان باھاسى ئالدى پۇت ۋە ئارقا پۇت باھاسى بويىچە ئەنگە ئېلىنغان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە، ئادەتتىكى ۋە سۈپەتلىك كالا گۆشى، دەپ سېتىلغانلىقى بايقالدى.
شىنجاڭ ‹‹لىنچىڭ›› ئاشلىق – ياغ، قوشۇمچە يېمەكلىك بازىرىنى تەكشۈرگەندە، بازاردىكى 70 نەچچە ئۇن، ياغ تىجارەتچىسىنىڭ باھانى ئېنىق يازمىغانلىقى؛ بازار يوللىغان كۈندىلىك يىغىلغان ئۇن ۋە ياغ ئوتتۇرىچە توپ سېتىش باھاسىنىڭ باھا تەڭشەشنى ئەنگە ئالدۇرۇش تۈزۈمىدە تەلەپ قىلىنغان ئەنگە ئالدۇرۇش مەزمۇنىغا ئۇيغۇن كەلمىگەنلىكى بايقالدى.
تەكشۈرگۈچىلەر بېييۈەنچۈن بازىرىدىكى 20 نەچچە ئاشلىق – ياغ تىجارەتچىسىنى تەكشۈرگەندە، بەزى تىجارەتچىلەرنىڭ ساتقان ئاشلىق – ياغقا ئېنىق باھا قويمىغانلىقىنى، تىجارەتچىلەرنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ باھا تاختىسى بولسىمۇ، ۋاقتى ئۆتكەن بولۇپ، ھازىرقى باھا بىلەن پەرقى چوڭلۇقىنى، ‹‹تەڭرىتاغ›› ماركىلىق ئۇن ساتىدىغان بەزى يايمىلاردا باھا ئۇقتۇرۇشى بولسىمۇ، لېكىن، قويغان باھاسىنىڭ ئۇقتۇرۇشتىكى باھادىن يۇقىرى ئىكەنلىكىنى، تەكشۈرگۈچىلەرنى كۆرگەن ھامان قويغان باھاسىنى ئۇقتۇرۇشتىكى باھاغا ئۆزگەرتىۋالغانلىقىنى بايقىدى.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى يۇقىرىقى قىلمىشنى سادىر قىلغانلارنى نەق مەيداندا سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇدى ھەم بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغان ئايرىم تىجارەتچىلەرگە جەرىمانە قويدى.
|