|
باج تاپشۇرغۇچىلارنىڭ كۆپ مەنبەلىك باج مەلۇم قىلىش ئۇسۇللىرى كۆپىيىۋاتقان ئەھۋالغا قارىتا، سايباغ رايونلۇق دۆلەتلىك باج ئىدارىسى ئاكتىپ تەدبىر قوللىنىپ، باش تاپشۇرغۇچىلارنىڭ باج بېجىرىش يۈكىنى ھەقىقىي يېنىكلەتتى. يەككە سودا – سانائەتچىلەرگە قارىتا باج ئورگىنى باج تاپشۇرغۇچى تەمىنلىگەن ماتېرىيالغا ئاساسەن، بىۋاسىتە ‹‹باج تىزىملاش جەدۋېلى›› نى بېسىپ بېرىپ، ئىلگىرىكى باج تاپشۇرغۇچىلارنىڭ باجغا ئائىت ماتېرىياللارنى پەسىللىك باج ئىدارىسىگە يەتكۈزۈپ بېرىش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ، توردا باج بېجىرىش، تېلېفوندا باج بېجىرىش قاتارلىق كۆپ مەنبەلىك باج بېجىرىش ئۇسۇلى ئارقىلىق، باجغا ئائىت ئېلېكترونلۇق سان – سىپىرلىق ماتېرىيال يوللايدىغان كارخانا تىپىدىكى باج تاپشۇرغۇچىلارغا قارىتا يىلدا بىر قېتىم باجغا ئائىت ماتېرىيال يەتكۈزۈش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، باج تاپشۇرغۇچىلارنىڭ باج ئىدارىسىگە ماتېرىيال يەتكۈزۈش قېتىم سانىنى ئازايتتى.
|