باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>تەنتەربىيە خەۋەرلىرى
ئالتۇن مېدال، سەن نەدە !
2008- 04- 11 10:31 شىنجاڭ گېزىتى

     گالاچ – گۇلۇچ ئېتىلىۋاتقان مۇشتلار، توختىماي يۆتكىلىۋاتقان قەدەملەر، چوڭقۇر تىنىقلار، ئېقىۋاتقان تەرلەر... شىنجاڭ بوكس كوماندىسىنىڭ مەشىق زالىدىكى بۇ كۆرۈنۈشتىن بوكسچىلىرىمىزنىڭ مەشىق قىلىۋاتقانلىقى ياكى رەسمىي مۇسابىقە ئويناۋاتقانلىقىنى  بىلىش تەس ئىدى. ئەمەلىيەتتە، بۇ شىنجاڭ بوكس كوماندىسىدىكى ئەزىمەتلەر بىلەن روسىيە ياشلار بوكس كوماندىسىدىكىلەرنىڭ ئادەتتىكى بىر قېتىملىق مەشىق مۇسابىقىسى بولۇپ، بوكسچىلىرىمىزنىڭ ‹‹ئالتۇن مېدال ئىزدەش›› مۇساپىسىدە چەككەن تالاي جاپا – مۇشەققەتلىرىنىڭ كىچىككىنە بىر ‹‹تامچە››سى ئىدى. 9 – مارتتىن باشلاپ ھېسابلىغاندا، بوكسچىلىرىمىزنىڭ روسىيە ياشلار بوكس كوماندىسىدىكىلەر بىلەن بىللە كۈندە كوللېكتىپ مەشىق قىلىۋاتقانلىقىغا بىر ئاي بولۇپ قالغانىدى، ئالتۇن مېدالنىڭ مۇشۇنداق تالاي جاپا – مۇشەققەت، ئەجىر – مېھنەت، قان – تەرنىڭ كەينىگە يوشۇرۇنغانلىقى ھەممەيلەننىڭ كۆڭلىگە ئايان بولغاچقا، ئادەتتىكى بىر قېتىملىق مەشىق مۇسابىقىسى رەسمىي مۇسابىقىلەرنى بېسىپ چۈشكۈدەك كەسكىنلىشىپ كەتكەنىدى.

     شىنجاڭ بوكس كوماندىسى 1994 – يىلى قۇرۇلغاندىن بۇيانقى 14 يىلدا، بوكسچىلىرىمىز مەملىكەتلىك مۇسابىقىلەردە 60 نەچچە ئالتۇن مېدال ئالدى، ‹‹جۇڭگو بوكس شاھى›› ئابدۇشۈكۈر مىجىت، ئاسىيا چېمپىيونى ئابدۇراخمان ئابلىكىم، ئولىمپىك ئوغلانى قانات ئىسلام قاتارلىق مەملىكىتىمىز بوكس سەھنىلىرىدە كۈچلۈك تەسىر پەيدا قىلغان ئەزىمەتلەر يېتىشىپ چىقتى، بوكس ئەزىمەتلىرىمىز مەملىكەتلىك 8 – نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىن بۇيان، تۆت يىلدا بىر ئۆتكۈزۈلىدىغان بۇ كاتتا تەنھەرىكەت سەھنىسىدە ئۇدا ئۈچ قېتىم ئالتۇن مېدال ئېلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزغا زور شەرەپ كەلتۈردى. بۇ يىل مۇھەممەتتۇرسۇن چوڭ، قانات ئىسلام، نىجات ھۈسەن جاپالىق قان – تەرى بەدىلىگە ئو ت م گە  قاتنىشىش شەرىپىگە ئېرىشىپ، دۇنياۋى كاتتا تەنھەرىكەت سەھنىسىدە، ئاپتونوم رايونىمىز ماھارەت تەنتەربىيىسىنىڭ ئومۇمىي سەۋىيىسىنى نامايان قىلىش، ۋەتەنگە، ھەر مىللەت خەلققە شەرەپ كەلتۈرۈش پۇرسىتىگە مۇشەررەپ بولدى. بىر كوماندىدىكى ئۈچ تەنھەرىكەتچىنىڭ بىراقلا ئولىمپىك ئەزىمەتلىرى قاتارىغا كىرىپ، مەملىكىتىمىزدىن بوكس تۈرىدە ئو ت م  گە قاتنىشىدىغان ئون ساننىڭ ئۈچىنى ئىگىلىيەلىشى مەملىكىتىمىزنىڭ بوكس تارىخىدا تۇنجى ئىش ئىدى. دېمىسىمۇ ئو ت م دا چېمپىيون بولۇش بارلىق تەنھەرىكەتچىلەر، بارلىق تەنتەربىيە خىزمەتچىلىرىنىڭ ئالىي غايىسى ۋە ئۆمۈرلۈك تىرىشىش نىشانى. دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسىمۇ بوكسچىلىرىمىزنىڭ ئەمەلىي ئىقتىدارىغا ئىشىنىپ، قانات ئىسلامنى بۇ نۆۋەتلىك ئو ت م دا جۇڭگو بوكس كوماندىسىدىكى ئالتۇن مېدال ئالىدىغان 2 – نامزاتلىق ئورنىغا قويۇپ، ھەر جەھەتتىكى ماسلاشتۇرۇش خىزمەتلىرىنى ئىشلەشكە كىرىشتى.

      —ئو ت م گە يەنە 100 نەچچە كۈن قالدى، دېدى شىنجاڭ بوكس كوماندىسىنىڭ ترېنېرى ئابدۇشۈكۈر مىجىت، بىز ھازىر ھەممە ئىشنى قايرىپ قويۇپ، بارلىق زېھنىمىز، كۈچ – قۇۋۋىتىمىزنى ئو ت م گە قارىتىپ كېلىۋاتىمىز. بوكسچىلىرىمىز بۇ قېتىم روسىيە ياشلار كوماندىسى بىلەن قىلىدىغان مەشىقنى تۈگەتكەندىن كېيىن، 4 – ئاپرېلدىن 12 – ئاپرېلغىچە تايلاندتا مۇسابىقىگە قاتنىشىپ، دۇنيانىڭ جاي – جايلىرىدىن يىغىلغان كۈچلۈك رەقىبلىرى بىلەن تۇتۇشىدۇ؛ 20 – ئاپرېلدىن 6 – مايغىچە ئامېرىكىدا، 10 – مايدىن 17 – مايغىچە ئۆزبېكىستاندا مەشىق قىلغاندىن كېيىن، 24 – مايدىن 1 – ئىيۇنغىچە تەيۋەندە مۇسابىقىگە قاتنىشىپ، رەقىبىلىرى بىلەن رەسمىي يوسۇندا ئاخىرقى قېتىم تۇتۇشىدۇ؛ 25 – ئىيۇندىن 15 – ئىيۇلغىچە قىرغىزىستاندا مەشىق قىلىپ، ئو ت م گە رەسمىي ‹‹جابدۇنۇپ›› بولىدۇ.
 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ