|
مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، تايلاند پايتەختى باڭكوكتا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان 30 – نۆۋەتلىك ‹‹تايلاند پادىشاھلىقى لوڭقىسى›› خەلقئارا بوكس تەكلىپ مۇسابىقىسى مەيدانىدىن 9 – ئاپرېل خۇش خەۋەر تارالغان : جۇڭگو بوكس كوماندىسى تەركىبىدە مۇسابىقىگە قاتناشقان شىنجاڭلىق بوكس ئەزىمەتلىرىمىزدىن مۇھەممەدتۇرسۇن چوڭ بىلەن قانات ئىسلام 64 ۋە 69 كىلوگراملىقلار ئايرىمىسى بويىچە چېمپىيونلۇققا ئېرىشىپ، ‹‹تايلاند پادىشاھلىقى لوڭقىسى›› نى ئېگىز كۆتۈرگەن.
شىنجاڭ بوكس كوماندىسىنىڭ ترېنېرى ئابدۇشۈكۈر مىجىتنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، دۇنيا بوكس مۇنبىرىدە ‹‹كىچىك تىپتىكى دۇنيا لوڭقىسى بوكس مۇسابىقىسى›› دەپ تەرىپلىنىدىغان ‹‹تايلاند پادىشاھلىقى لوڭقىسى›› خەلقئارا بوكس تەكلىپ مۇسابىقىسى يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىكەن، مۇسابىقىدە دۇنيا بويىچە ئىشتىن سىرتقى بوكس ساھەسىدىكى يۇقىرى سەۋىيىلىك داڭلىق ماھىرلار جەم بولىدىكەن. بۇ قېتىمقى مۇسابىقە جۇڭگو بوكس كوماندىسىدىكىلەر ئۈچۈن ئو ت م دىن بۇرۇنقى مۇھىم بەدەن قىزىتىش، رەقىبلىرىنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەش پۇرسىتى بولغاچقا، مۇسابىقىگە دۆلەت كوماندىسىدىكى ئو ت م گە قاتنىشىدىغان ماھىرلار قاتناشقان. بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە، ئېغىر دەرىجىلىكلەر ئايرىمىسى بويىچە مۇسابىقە تۈرى تەسىس قىلىنمىغاچقا، 91 كىلوگراملىقلار ئايرىمىسى بويىچە ئو ت م گە قاتنىشىدىغان يەنە بىر ماھىرىمىز نىجاد ھۈسەن مۇسابىقىگە قاتنىشالمىغان. بۇ جۇڭگو بوكس كوماندىسىدىكىلەرنىڭ بۇ مۇسابىقىدە تۇنجى قېتىم يېنىك دەرىجىلىكلەر ئايرىمىسى بويىچە چېمپىيون بولۇشى ھېسابلىنىدىكەن.
|