باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئىقتىسادىي خەۋەرلەر
ئىقتىسادىي خەۋەرلەر
2008- 04- 10 11:54 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستاسىسى

     .دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ تەكشۈرىشىدە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل بىرىنچى پەسىلدە ئىستېمالچىلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئىقتىسادى ۋەزىيەتتىن رازى بولۇش دەرىجە كۆرسەتكۈچىسى 90.8 نۇقتا، ئىستېمالچىلارنىڭ ئىقتىسادنىڭ كەلگۈسىگە بولغان مۆلچەر كۆرسەتكۈچى 97.5 نۇقتا بولۇپ، ئالدىنقى پەسىلدىكىدىن بەلگىلىك دەرىجىدە تۆۋەنلىگەن.

     .جۇڭگو ئاكسىيىنى ئەنگە ئېلىپ ھېساب بوغۇش شىركىتى مۇشۇ ئاينىڭ 8 – كۈنى ئېلان قىلغان ھەپتىلىك پاي ھىساباتى ئىستاتىستىكىسىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئۆتكەن ھەپتىدە يېڭىدىن كۆپەيگەن پاي سانى زور دەرىجىدە ئازلىغان بولۇپ، مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ پاي بازىرىغا قاتنىشىش قىزغىنلىقى سىجىل تۆۋەنلىگەن.

     .خەلق پۇلىنىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا ئايرىۋاشلىنىش ئارىلىق باھاسىدا ئۇدا ئىككى كۈن يېڭى  يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلغاندىن كىيىن، 9 – ئاپرېل 7 يۈەن 2.5 لىدا مەلۇم قىلىنىپ، ئالدىنقى سودا كۈنىدىكىدىن 10 ئاساسىي نۇقتا تۆۋەن بولدى. تۈنۈگۈن، بانكىلار ئارا تاشقى پىروۋوت بازىرىدا بىر ئامېرىكا دوللىرى 7 يۈەن 2.5 لىغا، بىر ياۋرو 10 يۈەن 9 مو 9 پۇڭ 10 لىغا، 100 ياپونىيە يىنى 6 يۈەن 8 مو 2 پۇڭ 1 لىغان بىر شياڭگاڭ پۇلى 8 مو 9 پۇڭ 9 لىغان بىر ئەنگىلىيە فوند سىتىرلىڭى 13 يۈەن 7 مو 7 پۇڭ 5 لىغا ئايرىۋاشلاندى.

     .جۇڭگو كوكۇسچىلىق كەسپى جەمئىيىتىدىن ئىگىلىنىشىچە، بۇلتۇردىن ھازىرغا قەدەر، دۆلەت ئىچىدە ئەلا سۈپەتلىك كوكۇس بايلىقى جىددى كەمچىل بولغانلىقتىن، باھاسى ئۈزلۈكسىز ئۆرلىگەن. كوكۇسچىلىق كەسپى جەمئىيىتىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، بۇ يىل دۆلىتىمىزنىڭ كوكۇس ئىمپورت مىقدارى داۋاملىق ئېشىشى مۇمكىن ئىكەن.

    .دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى مۇشۇ ئاينىڭ 8 – كۈنى ئېلان قىلغان مەملىكەت بويىچە كارخانا ۋەزىيىتىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل بىرىنچى پەسىلدە كارخانىچىلارنىڭ ئىشەنچ كۆرسەتكۈچى ئالدىنقى پەسىلدىكى بىلەن ئوخشاش بولۇپ، ئىزچىل تۈردە يۇقىرى ئورۇندا تۇرغان. دېققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، كۆپلىگەن كەسپلەردە كارخانىچىلارنىڭ ئىشەنچ كۆرسەتكۈچى ئۆرلىگەن ياكى ئاساسىي جەھەتتىن ئوخشاش بولغان ئەھۋالدا، ئۆي - مۈلۈك كارخانىچىلىرىنىڭ ئىشەنچ كۆرسەتكۈچى 131.1 نۇقتا بولۇپ، 6.8 نۇقتا تۆۋەنلىگەن.

     ئۈرۈمچى شەھەرلىك سودا ئىدارىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، ئېلېكتىرونلۇق سودا ئىشلىرى ۋە ئېلېكتىرونلۇق ھۆكۈمەت ئىشلىرىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملەشتۈرگەن‹‹ ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقئارا سودا ئىشلىرى ئاممىۋى ئۇچۇر مۇلازىمەت مۇنبىرى›› نىڭ بۇ يىللىق ئۈرۈمچى يەرمەنكىسى ئېچىلىشتىن ئىلگىرى ئىشقا كىرىشتۈرۈلىشىدىن ئۈمىد بار ئىكەن.

 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ