باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئىقتىسادىي خەۋەرلەر
نۆۋەتتە ، دۆلىتىمىزدە ئۆي باھاسىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى قانداق بولۇۋاتىدۇ
2008- 04- 10 11:51 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستاسىسى

     باھار بايرىمىدىن ئىلگىرى، گۇاڭجۇ شەھىرى ۋەنكې ئۆي –زىمىن شىركىتى ئۆي باھاسىنى چۈشۈرىۋىدى، باشقا شەھەرلەردىكى ئۆي –زىمىن شىركەتلىرىمۇ ئۆي باھاسىنى بەس –بەستە چۈشۈردى ھەمدە تېز سېتىش پائالىيەتلىرىنى يولغا قويدى. باھار بايرىمىدىن كېيىن بولسا، ئۆي باھاسى يەنە تۇراقلىشىپ ئەسلى ھالىتىگە قايتقاندەك ھالەت شەكىللەندى. بۇ يىل 4–ئاينىڭ باشلىرىدا، بېيجىڭ شەھەرلىك سىتاتىستىكا ئىدارىسى بۇ يىللىق ئۆي باھاسىغا دائىر سانلىق مەلۇماتلارنى ئېلان قىلدى. بۇ يىل ئالدىنقى ئىككى ئايدا بېيجىڭدا يېڭىدىن سېلىنغان ئولتۇراق ئۆيلەرنىڭ باھا كۆرسەتكۈچى %116.8 كە يېتىپ، ئۆرلەش دەرىجىسى ئالدىنقى ئايلارغاسېلىشتۇرغاندا 0.7 پىرسەنت تۆۋەنلىگەن. بېيجىڭدا يىلدا بىر ئېچىلىدىغان ئۆي –زېمىن سودا يەرمەنكىسى ئېچىلىش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ. ئىزچىل مۇقىم بولۇپ كەلگەن ئۆي –زىمىن باھاسىدا بىردىنلا تۇراقسىزلىشىش ئەھۋالى يۈز بېرىۋاتقان ئەھۋالدا، يىغىن تەشكىللىگۈچىلىرىنى ئەندىشىگە سېلىۋاتقان مەسىلە شۇكى، ئىستىمالچىلار پۇلنى بېسىپ قۇيۇپ، ئۆي باھاسىنىڭ يەنىمۇ چۈشۈشىنى ساقلاپ تۇرىشى كېرەكمۇ ياكى ئۆي –زىمىن سودىگەرلىرى باھا بار، بازار يوق ھالەتكە يۈزلىنەمدۇ؟  

      بېيجىڭنىڭ شەھەر رايۇنىدىكى ئۆي –زىمىن باھا ئۇچۇرلىرىغا نەزىرىمىزنى ئاغدۇرىدىغان بولساق، ئۆي باھاسىدا تۆۋەنلەش بولىدۇ، دىگەن قاراشنى دەلىللەش ئىمكانىيىتى پەقەتلا يوق. مەسىلەن بېيجىڭ شەھىرى چاۋياڭ باغچىسى ئەتراپىغا يېڭىدىن سېلىنغان ئۆيلەرنىڭ ھەر كۋادىرات مېتىرىنىڭ باھاسى 20 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا بولسىمۇ، لېكىن بۇئۆيلەر ئاللىبۇرۇن سېتىلىپ بولۇنغان. بۇ ئۆيلەرنى ساتقۇچى خادىملارنىڭ پوزىتسىيىسىمۇ ئىنتايىن كەسكىن بولۇپ، ئۆي باھاسىدا ئېتىۋار بېرىش دېگەنلەردىن سۆز ئېچىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس. شەھەر رايۇنىدىكى باشقا جايلارغا سېلىنغان ئۆيلەرنىڭ ئەھۋالىمۇ ئوخشاش بولۇپ، باھادا ئاساسەن ئېتىبار بېرىلمەيتتى. بېيجىڭدا ئۆيگە بولغان ئېھتىياجنىڭ بەك كۈچلۈك بولۇشىنىڭ سەۋەبى، بېيجىڭ بېيجىڭلىقلارنىڭلا ئولتۇراق جايى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى دۆلىتىمىزنىڭ پايتەختى، شۇنداقلا خەلقئارا چوڭ شەھەرلەرنىڭ بىرى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بېيجىڭدا پايدىلىنىشقا بولىدىغان يەر بايلىقى ئىنتايىن چەكلىك بولغاچقا ئۆي باھاسىنىڭ يوقىرى بولىشى چۈشىنىشلىك ئەھۋال. گۇاڭجۇنى ئېلىپ ئېيتساق، بۇ جاي ئوخشاشلا ئىنتايىن مۇھىم بولغان سودا رايۇنلىرىنىڭ بىرى بولغانلىقتىن ئۆيگە بولغان ئېھتىياجمۇ يوقىرى. ئۇنداقتا، باھار بايرىمىدىن ئىلگىرى گۇاڭجۇدا ئۆي باھاسىنىڭ چۈشۈشى قانداق ئەھۋال؟ ۋەنكى ئۆي –زىمىن چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دېرىكتورى ئەھۋالنى يوشۇرماي، ئۆي باھاسىنى چۈشۈرۈشتىكى سەۋەبنىڭ مەبلەغ ئوبروتىنى تېزلىتىپ، شىركەتنىڭ نورمال تەرەققىياتىنى ساقلاپ قېلىش ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. 

      چىڭخۇا ئۇنىۋېرستېتى ئىقتىساد پەنلىرى دوكتۇرى فۇ باۋخۇانىڭ قارىشىچە، قىسمەن ئۆي –زىمىن شىركەتلىرىنىڭ ئۆي باھاسىنى چۈشۈرىشى ھەرگىزمۇ بىر شەھەرنىڭ ئۆي باھاسىنىڭ چۈشكەنلىكىگە ۋەكىللىك قىلالمايدىكەن. دۆلەت سىتاتىستىكا ئىدارىسى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، مەملىكەت بويىچە ئۆي باھاسىنىڭ ئۆرلەش نىسبىتى بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا %10.2 بولغان بولسا، بۇ يىل 2 –ئايدا داۋاملىق ئۆرلەپ % 10.9 كە يەتكەن. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۆلىتىمىز يەر قىس ئەھۋالدىمۇ، ھەر خىل ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، ئولتۇراق ئۆي بازىرىنى يەر بىلەن تەمىنلىدى. ئۆي بىلەن تەمىنلەش نىسبىتىمۇ ئىلگىرىكىدىن كۆپەيدىكى، ئۆي باھاسىمۇ ئاساسەن مۇقىم ھالەتتە بولدى. يېقىندىن بۇيان ئۆي باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كىتىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب، يەنىلا ئۆيگە بولغان ئېھتىياجنىڭ بەك كۈچلۈك بولغانلىقىدىن بولدى. بۇلتۇرنى مىسال قىلساق، ئولتۇراق ئۆي قەرز سوممىسى 900 مىليارد يۈەنگە يىتىپ، 2006–يىلدىكىدىن 3 ھەسسە ئاشقان. شاڭخەي شەھىرىنى ئالساق، بۇلتۇر، شەھەر بويىچە تارقىتىلغان ئولتۇراق ئۆي قەرز ئومۇمىي سوممىسى 286 مىليارد 200 مىليون يۈەنگە يىتىپ، 2006–يىلىدىكىدىن 43 مىليارد 500 مىليون يۈەن ئاشقان.

     مۇتەخەسىسلەرنىڭ قارىشىچە، ئۆينىڭ يەر ، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، ئەمگەك كۈچى تەننەرقى ۋە تەمىنلەش بىلەن تەلەپ ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت قاتارلىقلار ئۆي باھاسىنى بەلگىلەيدىغان ئاساسلىق ئامىللار ئىكەن. نۆۋەتتە، باھادا قىسمەن داۋالغۇش ۋە تەڭشەش بولۇۋاتىدۇ، ئومۇمىي يۈزلىنىشتىن قارىغاندا باھا يەنىلا نىسبەتەن يوقىرى، نۆۋەتتە ئۆي باھاسىنىڭ تۈۋەنلىشى بىر ياخشى يۈزلىنىش، بۇ بازارنىڭ ئاكتىپ ئۆزگىرىشكە قاراپ ماڭغانلىقىدىن، تەمىنلەش بىلەن تەلەپ ئوتتۇرىسىدا ياخشى ئۆزگىرىش بولۇۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئەمما، ئۆي باھاسىنىڭ ئۆرلەش بېسىمى بىر مەزگىلگىچە مەۋجۈت بولۇپ تۇرىدىغانلىقتىن ئۆي باھاسىنى ئىزچىل نازارەت قىلىش مۇھىم خىزمەتلەر قاتارىدا چىڭ تۇتۇپ ئىشلىنىشى لازىم.  دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، دۆلەت سىتاتىسكا ئىدارىسىنىڭ ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2–ئايدا مەملىكەت بويىچە 70 چوڭ –ئوتتۇرا شەھەردە ئۆي باھاسى بۇلتۇرقىنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10.9 ئاشقان. چوڭچىڭ، چاڭشا، چېڭدۇ، خاڭجۇ قاتارلىق 13 شەھەردە بولسا ئۆي باھاسى بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن چۈشكەن.

     بۇ يىل 2–ئايدا، مەملىكەت بويىچە 70 نەچچە چوڭ، ئوتتۇرا شەھەردىكى يېڭىدىن سېلىنغان ئولتۇراق ئۆيلەرنىڭ باھاسى بۇلتۇرقىنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %11.8 ئۆرلەپ، ئۆرلەش نىسبىتى 1–ئايغا سېلىشتۇرغاندا 0.4 پىرسەنت تۆۋەنلىگەن. تۈرلىرى بويىچە تەھلىل قىلساق، ئەرزان، قۇلاي ئۆيلەرنىڭ باھاسى %4.8، ئادەتتىكى تاۋار ئۆيلەرنىڭ باھاسى %12.8 ئۆرلىگەن. مەملىكەت بويىچە ئولتۇراق ئۆيلەرنىڭ باھاسى ئەڭ تېز ئۆرلىگەن ئۈچ شەھەرنىڭ بىرىنچىسى ئۈرۈمچى بولۇپ، بۇلتۇرقىنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %24.2 ئۆرلىگەن. ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچىسى نىڭبو بىلەن خەيكو شەھىرى بولۇپ، بۇلتۇرقىنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %18.9 ئۆرلىگەن. شېنجىن، گۇاڭجۇ، شىيامىن، خاڭجۇ قاتارلىق جايلارنىڭ ئۆي باھاسى تۆۋەنلىگەن بولۇپ، تۆۋەنلەش نىسبىتى ئايرىم –ئايرىم ھالدا %2.2 ، %1.7، %0.4 بولغان.
 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ