|
7-ئاپرىل فرانسىيىنىڭ ‹‹پۇتبول›› ژورنىلى دۇنيادىكى يىللىق كىرىمى ئەڭ يوقۇرى پۇتبول چولپانلىرىنىڭ ئەڭ يېڭى رەت تەرتىپىنى ئېلان قىلدى . ئەنگلىيىنىڭ داڭلىق پۇتبول چولپىنى ، ھازىر ئامېرىكىنىڭ لوس-ئانژىلىس گلاكتىكا كوماندىسىدا توپ تېپىۋاتقان بېكخام 31 مىليون ياۋرولۇق كىرىمى بىلەن دۇنيا بويىچە 1- ئورۇندا تۇردى . ئۇدا ئىككى يىل 1-ئورۇندا تۇرغان برازىلىيىنىڭ پۇتبول چولپىنى ، ھازىر ئىسپانىيىنىڭ بارسىلونا كوماندىسىدا توپ تېپىۋاتقان رونالدىنىئو 24مىليون 100مىڭ ياۋرۇلۇق كىرىمى بىلەن 2-ئورۇندا ، ئارگېنتىنانىڭ داڭلىق پۇتبول چولپىنى ، ھازىر بارسىلونا كوماندىسىدا توپ تېپىۋاتقان مېسسى 23مىليون ياۋرۇلۇق كىرىمى بىلەن 3-ئورۇندا تۇردى .
نۇرغۇن كىشىلەر بېكخام ياۋروپادىكى داڭلىق كوماندىلارنىڭ بىرى بولغان خان جەمەتى مادرىد كوماندىسىدىن ئامېرىكىنىڭ لوس-ئانژىلىس گلاكتىكا كوماندىسىغا ئالماشقاندىن كېيىن ، ئۇنىڭ كىرىمى ئازىيىپ كېتىدۇ ، چۈنكى ئامېرىكىدا پۇتبول قىزغىنلىقى ياۋروپادەك يوقۇرى ئەمەس ، ئامېرىكا پۇتبولچىلىقىمۇ ياۋروپا دۆلەتلىرىگە قارىغاندا ئانچە گۈللەنمىگەن دەپ قاراشقان ئىدى، بىراق بېكخام ئىلگىركىدىن كۆپ پۇل تاپقان .
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىپادىسى ئىزچىل ياخشى بولىۋاتقان برازىلىيىنىڭ داڭلىق پۇتبول چولپىنى ، ھازىر ئىتالىيىنىڭ ACمىلان كوماندىسىدا توپ ئوينايدىغان كاكا بۇ قېتىمقى رەت تەرتىپتە 9-ئورۇندا تۇردى، دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق كۇلۇب كوماندىلىرىنىڭ بىرى بولغان خان جەمەتى مادرىد كوماندىسىدىن بىرىمۇ ماھىر ئالدىنقى ئوننىڭ قاتارىغا كىرەلمىدى.
|