|
.جۇڭگو ئىجتىمائى پەنلەر ئاكادىمىيىسى ۋە جۇڭگو مۇھىت ئېڭى تۈر گورۇپپىسى يېقىندا بىرلىشىپ ئېلان قىلغان ‹‹ 2007 – يىللىق مەملىكەت بويىچە جامائەتچىلىكنىڭ مۇھىت ئېڭىنى تەكشۈرۈش دوكلاتى›› دا كۆرسىتىلىشىچە، زىيارەت قىلىنغان مال سېتىۋالغۇچىلار ئىچىدە سۇلياۋ خالتا ئىشلەتمەيدىغانلار 22.1 پىرسەنتنى ئىگىلىگەن.
.جۇڭگو سودا سانائەت بانكىسى بىلەن جۇڭگو تور خەۋەرلىشىشى 8 – ئاپرېل بىرلىكتە: مەملىكەت بويىچە ئىناۋەت كارتىسى كەسپى ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرىدىغانلىقىنى، ھەمدە پات ئارىدا بىرلەشمە كارتا مەھسۇلاتى – مۇدەن تور خەۋەرلىشىش كارتىسىنى تارقىتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
.سەھىيە مىنىستىرلىكىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى ماۋ چۈنئەن 8 – ئاپرېل مۇنۇلارنى ئاشكارىلىدى: نۆۋەتتە سەھىيە خىزمىتىدە مۇھىمنىڭ مۇھىمى بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش. داۋالىنىش ئىسلاھاتى لايىھىسى ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىن كىيىن ئېلان قىلىنىدۇ.
.جۇڭگو ئاشپەزلىك جەمئىيىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇلى يېقىندا مۇنداق دەپ قارىدى: كۆڭۈل ئېچىش – ئارام شەكلىدىكى تېز تاماق كەسپىنىڭ بازار يوشۇرۇن كۈچى ناھايىتى زور. بۇ كەسپنىڭ نۆۋەتتىكى تەرەققىياتى دۆلىتىمىز يېمەك – ئىچمەك ئىقتىسادى تەرەققىياتىدىكى مۇھىم نۇقتا بولۇپ قالدى.
.جۇڭگو ئىجتىمائى پەنلەر ئاكادىمىيىسى مۇشۇ ئاينىڭ 7 – كۈنى ئېلان قىلغان ‹‹ 2008 – يىللىق جۇڭگو ئېنىرگىيە مەنبەسى تەرەققىيات دوكلاتى›› كۆك تاشلىق كىتابىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2020 – يىلىغىچە، جۇڭگونىڭ نېفىت ئىستېمالى يەنىلا بىر قەدەر يۇقىرى بولىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە دۆلىتىمىزنىڭ 2010 – يىلىدىكى نېفىت ئىستېمال مىقدارى 407 مىليون توننا، 2020 – يىلىدىكى 563 مىليون توننا بولۇپ، 2006 – يىلىدىكىدىن ئايرىم ھالدا 17.42 پىرسەنت ۋە 62.47 پىرسەنت ئاشىدىكەن.
.خەلق پۇلىنىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا ئايرىۋاشلىنىش ئارىلىق باھاسىدا ئالدىنقى سودا كۈنىدە 7 يۈەن 2 لىلىق باھا بىلەن يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلغاندىن كىيىن، تۈنۈگۈن بەش ئاساسىي نۇقتا ئۆرلەپ، باھا 7 يۈەن 1.5 لىدا مەلۇم قىلىنىپ، يەنە بىر قېتىم يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلىپ، يەتتە يۈەنلىك زور مۇھىم ئۆتكەلگە يېقىنلاپ قالدى. تۈنۈگۈن، بانكىلار ئارا تاشقى پىروۋوت بازىرىدا بىر ئامېرىكا دوللىرى 7 يۈەن 1.5 لىغا، بىر ياۋرو 11 يۈەن 4 پۇڭ 7 لىغا، 100 ياپونىيە يىنى 6 يۈەن 8 مو 3 پۇڭ 8 لىغا، بىر شياڭگاڭ پۇلى 8 مو 9 پۇڭ 9 لىغا، بىر ئەنگىلىيە فوند سىتىرلىڭى 13 يۈەن 9 مو 3 پۇڭ 3 لىغا ئايرىۋاشلاندى.
·ئېلېكتىر ئېنىرگىيە كارخانىلىرى نۆۋەتتە ئاز ئۇچرايدىغان كەڭ كۆلەمدىكى زىيان تارتىش ۋەزىيىتىگە دۇچ كەلمەكتە، مۇشۇ ئاينىڭ 7 – كۈنى جۇڭگو ئېلېكتىر ئېنىرگىيە بىرلەشمىسى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا مۇنداق دىيىلدى: ئېلېكتىر ئېنىرگىيە كارخانىلىرىنىڭ زىيىنى كەسپ زىيىنى ئومۇمىي سوممىسىنىڭ 69.55 پىرسەنتىنى ئىگىلىدى. بۇنىڭ ئىچىدە ئوت ئېلېكتىر كارخانىلىرىنىڭ زىيىنى ھەممىدىن ئېغىر بولدى، يېقىلغۇ تەننەرقى ئاشقانلىقى، يەنى كۆمۈر باھاسى زور دەرىجىدە ئۆرلىگەنلىكتىن، ئوت ئېلېكتىر كارخانىلىرىنىڭ ئالدىنقى ئىككى ئايدىكى پايدىسى ئاران 2 مىليارد 549 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن 75.39 پىرسەنت ئاز بولدى.
·شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىستاتىستىكا ئىدارىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 161 نۇقتىلىق تۈرى تېخنىكا ئۆزگەرتىش تۈرىگە مەبلەغ سېلىش پىلانىغا كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ تۈرلەرگە جەمئى 61 مىليارد 400 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىدىكەن.
·ئۈرۈمچى شەھەرلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى مۇشۇ ئاينىڭ 7 – كۈنى ئۆي – مۈلۈك كارخانىلىرىنىڭ ‹‹ تاۋار ئۆي باھاسى جەدۋىلى››رەسمىيىتىنى بىجىرىشىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك ئۇقتۇرىشىنى ئېلان قىلىپ، ئۆي –مۈلۈك كارخانىلىرىنىڭ بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن مەزمۇن بويىچە جەدۋەل تۈزىشى، ھەمدە جەدۋەلنى تاۋار ئۆي سېتىش نەق مەيدانىنىڭ كۆزگە تاشلىنىدىغان جايىغا چاپلاشنى تەلەپ قىلدى. بۇ، بۇنىڭدىن كىيىن تاۋار ئۆي سېتىشتا باھانىڭ ئېنىق بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئەگەر ئۆي – مۈلۈك كارخانىلىرى تاۋار ئولتۇراق ئۆي ۋە باشقا تاۋار ئۆيلەرنىڭ ئەنگە ئالدۇرۇلغان سېتىلىش باھاسىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسا مۇددەتتىن ئون كۈن بۇرۇن ئۈرۈمچى شەھەرلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىغا قايتىدىن ئەنگە ئالدۇرىدۇ.
.بۇ يىل، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىك سۇغۇرتىسى سۇغۇرتا ھەققى مالىيە ياردىمىنىڭ تۈرى ۋە دائىرىسى كېڭەيتىلىدۇ، مەركەز مالىيەسىنىڭ ياردەم نىسبىتىمۇ كۆرىنەرلىك يۇقىرى كۆتۈرىلىدۇ. ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل، مەركەز مالىيىسى تېرىقچىلىق كەسپىدە قوناق، شال، بۇغداي، كېۋەز قاتارلىقلارغا سۇغۇرتا خىراجىتى ياردىمى بەرگەندىن باشقا، يەنە پۇرچاق، خۇاسېڭ، قىچا قاتارلىق مايلىقدان زىرائەتلىرىگىمۇ سۇغۇرتا ياردىمى بېرىدىكەن؛ باقمىچىلىق كەسپىدە ئىنەك باقمىچىلىقىغا سۇغۇرتا ياردىمى بېرىش كۆپەيتىلگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، مەركەز مالىيىسىنىڭ سۇغۇرتا خىراجىتى ياردەم نىسبىتىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن، تېرىقچىلىق كەسپىگە مەركەز مالىيىسىنىڭ ياردىمى 35 پىرسەنتكە، ئۆلكە، ئاپتونوم رايوننىڭ ياردەم نىسبىتى 25 پىرسەنتكە كۆتۈرۈلگەن؛ باقمىچىلىق كەسپىدە مەركەز مالىيىسىنىڭ ئىنەك باقمىچىلىقى سۇغۇرتىسىغا بېرىدىغان سۇغۇرتا ياردىمى 30 پىرسەنت، ئۆلكە، ئاپتونوم رايوننىڭ 30 پىرسەنت ئىكەن.
.ئۈرۈمچى شەھەرلىك شەھەر تەكشۈرۈش ئەترىتىنىڭ تەكشۈرۈش ماتېرىيالىدا كۆرسىتىلىشىچە، 3 – ئايدا ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئاھالىلار ئىستېمال باھا ئومۇمىي سەۋىيىسى 108.9 پىرسەنت بولۇپ، بۇلتۇرقىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن 8.9 پىرسەنت ئۆرلىگەن. 2 – ئايدىكى بىلەن سېلىشتۇرغاندا 0.9 پوئىنت تۆۋەنلىگەن.
.بۇنىڭدىن كىيىن، باج تاپشۇرغۇچى كارخانىلار ئىنتىرنىت تورىدا باج تاپشۇرۇشنى ئىلتىماس قىلالايدىكەن. ئۈرۈمچى شەھەرلىك يەرلىك باج ئىدارىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ توردا باج تاپشۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىش سىستىمىسى نۆۋەتتە ئاساسىي جەھەتتىن پۈتۈپ بولغان، بۇ يىلنىڭ كىيىنكى يېرىمىدا ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ھەر قايسى باج تاپشۇرغۇچى كارخانىلار باجنى ئىنتىرنىت تورىدا تاپشۇرالايدىكەن.
|