باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئىقتىسادىي خەۋەرلەر
بۇ يىل 1–پەسىلدە، كارخانىچىلارنىڭ ئىشەنچ كۆرسەتكۈچى داۋاملىق يۇقىرى ئورۇندا تۇرۇپ، ئالدىنقى پەسىلدىكى بىلەن تەڭلەشكەن
2008- 04- 09 12:07 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستاسىسى

          دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى 8 – ئاپرېل ئېلان قىلغان مەملىكەت بويىچە كارخانىلار ۋەزىيىتىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل 1 –پەسىلدە، كارخانىچىلارنىڭ ئىشەنچ كۆرسەتكۈچى داۋاملىق يۇقىرى ئورۇندا تۇرۇپ، ئالدىنقى پەسىلدىكى بىلەن تەڭلەشكەن. تەكشۈرۈشتە كۆرسىتىلىشىچە، 56 پىرسەنت كارخانىچى بۇ يىل ئۆزلىرى تەۋە كەسپكە قارىتا ئۈمىتۋار پوزىتسىيىدە بولغان؛ 61.1 پىرسەنت كارخانىچى بۇ يىل كارخانىسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش تىجارەت ئەھۋالى يەنىلا ياخشى بولىدۇ، دەپ قارىغان. بۇ ھال كۆپ قىسىم كارخانىچىلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋە كەلگۈسىدىكى ماكرولۇق ئىقتىسادى تەرەققىياتقا قارىتا يەنىلا ياخشى قاراشتا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدىكەن.

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ