|
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ خەۋىرى. دۆلەت تەرەققىيات – ئىسلاھات كومىتېتى يېقىندا، بۇ يىل ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش تەننەرخىنىڭ ئۆسۈشى كۆپرەك بولغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، دېھقانلارنىڭ ئاشلىق تېرىش ئاكتىپلىقىنى ئۆستۈرۈش، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش تەرەققىياتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، دۆلەتنىڭ يېڭى ئاشلىق بازارغا سېلىنغاندىن باشلاپ 2008 – يىلى ئىشلەپچىقىرىلغان شال بىلەن بۇغداينىڭ ئەڭ تۆۋەن سېتىۋېلىش باھاسىنى يەنە بىر قېتىم ئۆستۈرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
تەرەققىيات – ئىسلاھات كومىتېتىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل كىشى مۇنداق دېدى: بۇ يىل ھەر 50 كىلوگرام چىلگە سوقىچاق شال (3 – دەرىجىلىك، تۆۋەندىمۇ شۇنداق)، ئارا ۋە كەنجى سوقىچاق شال، جىڭداۋ شېلىنىڭ ئەڭ تۆۋەن سېتىۋېلىش باھاسى ئايرىم – ئايرىم ھالدا 77 يۈەن، 79 يۈەن، 82 يۈەنگە ئۆستۈرۈلىدۇ، ئۆستۈرۈلگەندىن كېيىنكى ئەڭ تۆۋەن سېتىۋېلىش باھاسى 2007 – يىلىدىكىدىن يەتتە يۈەن يۇقىرى بولىدۇ؛ ئاق بۇغداي، قىزىل بۇغداي، ئارىلاش بۇغداينىڭ ئەڭ تۆۋەن سېتىۋېلىش باھاسى ئايرىم ئايرىم ھالدا 77 يۈەن، 72 يۈەن، 72 يۈەنگە ئۆستۈرۈلىدۇ، ئۆستۈرۈلگەندىن كېيىنكى ئەڭ تۆۋەن سېتىۋېلىش باھاسى 2007 – يىلىدىكىدىن ئايرىم – ئايرىم ھالدا بەش يۈەن، ئۈچ يۈەن، ئۈچ يۈەن يۇقىرى بولىدۇ.
2008 – يىلى ئىشلەپچىقىرىلغان جىڭداۋ شېلىنىڭ ئەڭ تۆۋەن سېتىۋېلىش باھاسىنى ئىجرا قىلىش دائىرىسى خېيلۇڭجياڭ، جىلىن، لياۋنىڭدىن ئىبارەت ئۈچ ئۆلكە بولىدۇ.
ئىسلاھات – تەرەققىيات كومىتېتى 8 – فېۋرال 2008 – يىلى ئىشلەپ چىقىرىلىدىغان شال بىلەن بۇغداينىڭ ئەڭ تۆۋەن سېتىۋېلىش باھاسىنى ئۆستۈرۈش سىياسىتىنى ئېلان قىلغان ئىدى.
|