|
12 – نۆۋەتلىك جۇڭگو شەرقىي، غەربىي قىسىم ھەمكارلىق ۋە مەبلەغ سېلىش سودا يەرمەنكىسى 5 – ئاپرېل باشلاندى، ئاپتونوم رايونىمىزدىن بارغان ئۆمەكلەر ئۆز ئارتۇقچىلىقى بىلەن دىققەت قوزغىدى. يەرمەنكە زالىدا ئاپتونوم رايونلۇق سودىگەر چاقىرىش ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى ياۋ جيەنشىن: 5 – ئاپرېل چۈشتىن كېيىنگىچە، ئاپتونوم رايونىمىز 150 نەچچە تۈردە توختام ئىمزالىدى، ئومۇمىي سومما 17 مىليارد 700 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇر مۇشۇ يەرمەنكىدە ئىمزالانغان توختام ئومۇمىي سوممىسىدىن ئېشىپ كەتتى، دېدى.
ئازادە يەرمەنكە زالىغا جايلاردىن كەلگەن كۆرگەزمە ئۆمەكلىرى يىغىلغانىدى. قەشقەر كۆرگەزمە ئورنىنىڭ ئالدىدا ‹‹شەنشى›› شېۋىسىدە سۆزلەيدىغان بىر توپ سودىگەر ئۇنى – بۇنى سوراۋاتاتتى. ئۇلار قەشقەر – شەنشى سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسىدىكىلەر باشلاپ كەلگەن سودىگەرلەر ئىكەن. قەشقەردە مەبلەغ سالغان شەنشىلىك سودىگەر چياۋ جىڭخەي: قەشقەرنىڭ مەبلەغ سېلىش مۇھىتى ياخشى، ھۆكۈمەتنىڭ ئىش ئۈنۈمى يۇقىرى، مەن مەبلەغ سالغان مېھمانساراي ۋە ئۆي – زېمىن سودىسىدىن ئوبدان پايدا ئالدىم، دېۋىدى، يېنىدىكى يۇرتدىشى باش لىڭشىتىپ ئۇنىڭ سۆزىنى ماقۇللىدى.
ئىمزالانغان توختاملار ئىچىدە ‹‹چوڭ كارخانىلارنىڭ چوڭ تۈرلەرگە مەبلەغ سېلىشى›› بىر قەدەر گەۋدىلىك بولدى. يەرمەنكە باشلانغان كۈننىڭ ئۆزىدىلا، جېجياڭ ‹‹تۇڭلى›› ئىمپورت – ئېكسپورت شىركىتى غۇلجا ناھىيىسىدە 140 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، يەرلىكنىڭ كرېمنىي كەسپىنى راۋاجلاندۇرماقچى بولدى. جۇڭگو‹‹شىنشىڭ›› چۆيۈن تۇرۇبا گۇرۇھى 160 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ساۋەننىڭ مىس ماتېرىياللىرى تۈرىنى قۇرماقچى بولدى. شاڭخەي ‹‹فۇشىڭ››گۇرۇھى 250 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، تولىنىڭ كانچىلىقىنى راۋاجلاندۇرماقچى، بېيجىڭ ‹‹تەيخاڭ›› ئاساس قېزىلما بايلىقلار شىركىتى 150 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، شىخودىكى خرۇم كانىنىڭ ئوكسىدلانغان شارەك رۇدا تۈرىنى قۇرماقچى بولدى. ئۈرۈمچى – سانجى رايونى 5 – ئاپرېل توختام ئىمزالىغان 46تۈر ئىچىدە ‹‹100 مىليون يۈەنلىك تۈر›› 17گە يەتتى.
مول بايلىق دۆلەت ئىچى – سىرتىدىكى مەبلەغ سالغۇچى سودىگەرلەرنى جەلپ قىلىدىغان ئاساسلىق مەنبە. توختام تۈزۈلگەن تۈرلەر ئىچىدە، نېفىت ۋە تەبىئىي گازنى پىششىقلاش، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى، كۆمۈر بىلەن توكنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش، قېزىلما بايلىقلارنى ئېچىش ۋە تۈجۈپىلەپ پىششىقلاش، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى تۈجۈپىلەپ پىششىقلاش قاتارلىق تۈرلەر ‹‹مۇتلەق باش رول ئالدى››. مورى ئەنجۈدانىنىڭ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا داڭقى بار. گۇاڭدۇڭنىڭ نەنشيۇڭ شەھىرىدىكى مەبلەغ سالغۇچى كارخانا 40 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، مورىدىكى ئەنجۈدان شىركىتىنىڭ مۈلۈك ھوقۇقىنى سېتىۋېلىپ ۋە ئۇنى كېڭەيتىپ قۇرۇپ، بۇ ‹‹تەڭرىتاغ گۆھىرى››نى دۆلەت ئىچى – سىرتىدىكى بازارلارغا سالماقچى بولدى. ھازىر ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەردە ئىگىلىك تىپىنىڭ ئۆزگىرىشى ناھايىتى تېز بولغاچقا، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى ئېھتىياجنى قاندۇرالمايۋاتىدۇ. كۈنەس ناھىيىسى بۇ ياخشى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، يىلىغا 300 مىڭ توننا سېمونت ۋە 300 مىڭ توننا ئۇلترا يۇمشاق پاراشوك ئىشلەپچىقىرىش تۈرىنى قۇرۇپ، مەھسۇلاتىنى ئوتتۇرا ئاسىيا بازارلىرىغا ئۈزۈلدۈرمەي كىرگۈزۈش ئۈچۈن، خۇبېي ئۆلكىسىدىكى ‹‹جىنلۇڭ›› گۇرۇھى شىركىتىنىڭ 50 مىليون يۈەن مەبلىغىنى جەلپ قىلدى.
|