|
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ خەۋىرى. دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكىمىزنىڭ باياناتچىسى جياڭ يۈ 1 – ئاپرېل ‹‹ئامېرىكىنىڭ سىياسىي سەھنىسىدىكى مۇھىم ئەربابلار بېيجىڭ ئو ت م نى بايقۇت قىلىشى مۇمكىن››، دېگەن خەۋەر توغرىسىدا مۇنداق دېدى: ھەرقانداق كىشى دۇنيا خەلقىنىڭ بۇ كاتتا تەنھەرىكەت مۇراسىمىنى ئۆزىنى كۆرسىتىدىغان سىياسىي سەھنە قىلماقچى بولىدىكەن، ئۆزىنى ھاقارەتكە دۇچار قىلىدۇ.
جياڭ يۈ مۇخبىرلارنى قەرەللىك كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: ئو ت م پۈتكۈل دۇنيا خەلقىنىڭ كاتتا تەنھەرىكەت مۇراسىمى، بېيجىڭغا كېلىپ ئو ت م غا قاتناشقانلىق جۇڭگوغا گۇپپاڭچىلىق قىلىش ھېسابلانمايدۇ. بېيجىڭغا ئو ت م نى كۆرۈشكە كېلىدىغان چەت ئەللەرنىڭ سىياسىي سەھنىسىدىكى مۇھىم ئەربابلار ئولىمپىك چوڭ ئائىلىسىنىڭ يىغىلىشىغا قاتنىشىش ئۈچۈن كېلىدۇ، ئۆزىنىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى تەنھەرىكەتچىلەرگە مەدەت، ئىلھام بېرىدۇ. ئىلگىرى ئۆتكۈزۈلگەن ھەرقايسى نۆۋەتلىك ئو ت م لارغىمۇ خەلقئارا سىياسىي سەھنىدىكى بەزى مۇھىم ئەربابلار كەلگەن، بەزىلىرى كەلمىگەن، بۇ ئەسلىدە ناھايىتى نورمال ئىش، بۇ ئىشتىن پايدىلىنىپ ئۆزىنى ئۆزى بازارغا سېلىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق.
جياڭ يۈ مۇنداق دېدى: تەكىتلىمەكچى بولغىنىم، ئەگەر ھەرقانداق كىشى دۇنيا خەلقىنىڭ بۇ كاتتا تەنھەرىكەت مۇراسىمىنى ئۆزىنى كۆرسىتىدىغان سىياسىي سەھنىگە ئايلاندۇرماقچى بولىدىكەن، ئۇنداقتا ئورۇننى خاتا تاللىغان بولىدۇ، ئۆزىنى ھاقارەتكە دۇچار قىلىدۇ، ئو ت م دىن ئايرىلغان تۇرۇقلۇق يەنە قانداق سىياسىي باھانىدىن سۆز ئاچىدۇ؟ بۇ ئولىمپىك چوڭ ئائىلىسىدىن ئۆزى ئايرىلىپ چىققانلىق بولۇپ، زىيانغا ئۇچرايدىغىنى ئۆزىنىڭ ئوبرازى ۋە مەنپەئىتى، خالاس.
جياڭ يۈ ‹‹جۇڭگو بېيجىڭ ئو ت م مەشئىلىنى يەتكۈزۈشنىڭ توسقۇنلۇق ۋە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشىدىن ئەندىشە قىلامدۇ؟›› دېگەن مەسىلىگە جاۋاب بەرگەندە مۇنداق دېدى: ئو ت م نىڭ مۇقەددەس ئوتىنى يەتكۈزۈش بۈگۈندىن باشلاپ دۇنيا مىقياسىدا قانات يايدى. ئو ت م نىڭ مۇقەددەس ئوتى ئولىمپىكنىڭ تىنچلىق، دوستلۇق، ئىناقلىق ئىدىيىسىنى يەتكۈزىدۇ، ئولىمپىك روھىنى ئەۋج ئالدۇرىدۇ. ئو ت م مەشئىلىنى يەتكۈزۈشكە توسقۇنلۇق ۋە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان ھەر قانداق قىلمىش ئولىمپىك نىزامنامىسى ۋە ئولىمپىك روھىغا قىلىنغان ئاشكارا ئىغۋاگەرچىلىك، شۇنداقلا پۈتكۈل دۇنيادىكى تىنچلىقنى ۋە ئولىمپىك ھەرىكىتىنى قىزغىن سۆيىدىغان خەلققە قىلىنغان خىرىس. ئولىمپىكنىڭ پۈتكۈل دۇنيا خەلقىگە مەنسۇپ بولغان مۇقەددەس ئوتىنى ھەرقايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى بىلەن بىللە دۇنيا مىقياسىدا ئوڭۇشلۇق يەتكۈزۈشكە ئىشەنچىمىز بار.
|