|
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، لاسا خەۋىرى. مۇخبىرنىڭ شىزاڭدىكى مۇناسىۋەتلىك تارماقلاردىن ئىگىلىشىچە، شىزاڭ مالىيىسى چىقىمىنىڭ % 93 – % 94 ى مەركەز مالىيىسىنىڭ يۆتكىمە چىقىمىدىن كەلگەن بولۇپ، بۇ شىزاڭ مالىيىسى چىقىم قىلغان ھەر ئون يۈەننىڭ ئاز دېگەندە توققۇز يۈەنىنىڭ مەركەز مالىيىسىنىڭ يۆتكىمە چىقىمىدىن كەلگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
مەركەز شىزاڭنىڭ تەرەققىياتىغا ئىزچىل تۈردە يېقىندىن ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى، يېقىنقى يىللاردا شىزاڭنى يۆلەش سالمىقىنى يەنىمۇ ئاشۇردى. 2006 – يىلى گوۋۇيۈەن شىزاڭنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش، مۇقىملىقىنى قوغداشقا ئائىت 40 تۈرلۈك ئېتىبار بېرىش سىياسىتى تۈزدى؛ 2007 – يىلى گوۋۇيۈەن يەنە 77 مىليارد يۈەندىن كۈپرەك مەبلەغ ئاجرىتىپ، شىزاڭنىڭ ‹‹11 – بەش يىل››لىق يىرىك پىلانىغا 180 تۈرلۈك يىرىك پىلان تۈرى تەسىس قىلىپ بەردى، بۇنىڭ ئىچىدە شىزاڭنىڭ ئۇل مۇئەسسەسە شارائىتىنى زور دەرىجىدە ياخشىلايدىغان ئالى ئايروپورتى، چىڭخەي – شىزاڭ تۆمۈريول لىنىيىسىنى ئۇزارتىش قاتارلىق مۇھىم قاتناش تۈرلىرى ھەم يېزا – قىشلاقتىكىلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلايدىغان ئىچىدىغان بىخەتەر سۇ قۇرۇلۇشى، توك يوق رايونلارغا توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى، ‹‹ھەممە ئائىلىلەرگە تېلېفون ئورنىتىش›› قۇرۇلۇشى، دېھقان – چارۋىچىلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونلارنىڭ ئۇل مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشى قاتارلىق تۈرلەر بار.
يىرىك پىلان بويىچە، شىزاڭدا 2010 – يىلى توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپى ئوموميۈزلۈك ئومۇملاشتۇرۇلۇپ،بالىلارنىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدا مەكتەپكە كىرىش نىسبىتى% 60 تىن ئاشۇرۇلىدۇ، شىزاڭدىكى ئادەم ۋە چارۋىنىڭ ئىچىدىغان سۇ مەسىلىسى ئاساسىي جەھەتتىن ھەل قىلىنىدۇ، % 80 شتاتلىق كەنتتە تاشيول ياسىلىدۇ.
شىزاڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چىڭلى مۇنداق دېدى: ‹‹2007 – يىلى شىزاڭ يەرلىك مالىيىسىنىڭ ئادەتتىكى خام چوت كىرىمى 2 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن 540 مىليون يۈەن كۆپەيدى. مالىيە چىقىمى جەھەتتە % 93 %94 چىقىمنى مەركەز مالىيىسى بەرگەن بولۇپ، شىزاڭ پەقەت% 6 –%7 نىلا ئۈزى قامدىيالايدۇ››.
جاڭ چىڭلى مۇنداق دېدى: ‹‹شىزاڭ مەركەزنىڭ شىزاڭنى يۆلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇش ۋە چىڭخەي – شىزاڭ تۆمۈريولىدا رەسمىي قاتناش باشلىنىشتەك قىممەتلىك پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ۋە ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ‹1 – كەسىپنىڭ سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈش، 2 – كەسىپنى نۇقتىلىق تۇتۇش، 3 – كەسىپنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇش›تىن ئىبارەت ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش ئىستراتېگىيىسىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، ئىقتىسادنىڭ ھەم ياخشى، ھەم تېز راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگوچە ئالاھىدىلىك، شىزاڭچە خاسلىققا ئىگە تەرەققىيات يولىنى تىرىشىپ ئاچىدۇ››.
‹‹شىزاڭنىڭ مالىيە كۈچىنىڭ ئېشىشى مەركەز مالىيىسىنىڭ شىزاڭنى قوللىغانلىقى ۋە ياردەم بەرگەنلىكىنىڭ نەتىجىسى››، دېدى شىزاڭ ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتىنىڭ نازىرى دىڭ يېشيەن. مەركەز مالىيىسى 2007 – يىلى شىزاڭغا 28 مىليارد 321 مىليون يۈەن ياردەم قىلدى. بۇ 2002 – يىلىدىكى ياردەمنىڭ 216 ھەسسىسىگە تەڭ. شىزاڭ يەرلىك مالىيىسىنىڭ چىقىمى 27 مىليارد 537 مىليون يۈەن بولۇپ، 2002 – يىلىدىكى چىقىمنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە تەڭ. مەركەز 2007 – يىلى ياردەم قىلغان سومما شۇ يىلى شىزاڭ مالىيە چىقىمىنىڭ % 102.8 ىنى ئىگىلەپ، مەملىكەت بويىچە ئەڭ يۇقىرى بولدى. مەركەز مالىيىسى مالىيە – باج سىياسىتى جەھەتتە شىزاڭغا ‹‹كىرىمنى ئۈزىگە تولۇق قالدۇرۇش، ياردەم پۇلىنى تەدرىجىي كۆپەيتىش، مەخسۇس يۆلەش››تىن ئىبارەت مالىيە سىياسىتىنى يولغا قويدى.
شىزاڭ تىنچ يول بىلەن ئازاد بولغاندىن بۇيان، مەركەز مالىيىسى شىزاڭغا تۈزۈلمە جەھەتتىن ياردەم بېرىش سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، شىزاڭنىڭ مالىيە كۈچىنى تەدرىجىي كۈچەيتتى. مەركەز مالىيىسىنىڭ 2007 – يىلىغىچە شىزاڭغا بەرگەن تۈزۈلمە ياردەم سوممىسى 4 مىليارد 480 مىليون يۈەنگە يەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، مەركەز شىزاڭغا قىلىدىغان يۆتكىمە چىقىمنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇردى. 2007 – يىلى شىزاڭ بەھرىمەن بولغان ئادەتتىكى يۆتكىمە چىقىم ، ئاز سانلىق مىللەت رايونى يۆتكىمە چىقىمى، مەخسۇس يۆتكىمە چىقىم ئايرىم – ئايرىم ھالدا 6 مىليارد 54 مىليون يۈەن، 652 مىليون يۈەن ۋە 9 مىليارد 487 مىليون يۈەنگە يەتتى.
ستاتىستىكا قىلىنىشىچە، ئۆتكەن بەش يىلدا مەركەزنىڭ شىزاڭغا بەرگەن تۈرلۈك ياردەم پۇلى 95 مىليارد 12 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئۆتكەن بەش يىلدىكى ياردەمنىڭ 2.42 ھەسسىسىگە توغرا كەلگەن. مەركەزنىڭ شىزاڭغا بېرىدىغان ياردىمى مۇقىم ئاشىدىغان، ئۇزاققىچە ئۈنۈم بېرىدىغان مېخانىزملىق ياردەمگە ئايلاندى.
|