|
مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، 3 – ئاينىڭ 25 – كۈنى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ‹‹2008 – يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى بەلگىلىمىسى››ئېلان قىلىنغان، بۇ يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش بەلگىلىمىسىدە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان ۋاقتى، تۈركۈملەر بويىچە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش، نومۇر قوشۇش سىياسىتى قاتارلىقلار ئىلگىرىكى يىللاردىكى بىلەن ئاساسەن ئوخشاش بولىدىكەن، لېكىن، ئارزۇ تولدۇرۇش، بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغۇچىلارنى جازالاش جەھەتتە ئۆزگىرىش بولىدىكەن.
1 – ئارزۇنى ھازىرچە تەڭداش ئارزۇ قىلىشقا بولمايدىكەن.
مائارىپ مىنىستىرلىكى بۇ يىل ھەر قايسى ئۆلكىلەرنىڭ تەڭداش ئارزۇ بويىچە ئارخىپ چىقىرىشنى قوللىنىشىغا ئىلھام بەردى، ئاپتونوم رايونىمىز ئالىي مائارىپ بايلىقى نىسبەتەن ئاجىز، شارائىت بىر قەدەر ناچار، ۋىلايەتلەر، بولۇپمۇ شەھەر، بازارلار ئوتتۇرىسىدىكى پەرق تەكشى بولماسلىق، ئارزۇ تولدۇرۇش جەدۋېلىنى تور ئارقىلىق يىغىۋېلىشنى يولغا قويۇشتا قىيىنچىلىق كۆپ بولۇش ۋە كۆپ خىل تىلدا ئىمتىھان ئېلىنىشتەك ئامىللارنى ئويلىشىپ، بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزدا ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا 1 – ئارزۇنى تەڭداش ئارزۇ قىلىشنى ئومۇملاشتۇرمىدى. تولۇق كۇرس 0 – تۈركۈم ۋە مەخسۇس كۇرس 0 – تۈركۈمدىكىلەردىن باشقا تۈركۈملەردە 2 – ئارزۇدىن باشلاپ تەڭداش ئارزۇ تەسىس قىلىشقا بولىدىكەن (ئىلگىرىكى يىللاردا 3 – ئارزۇدىن باشلاپ تەڭداش ئارزۇ تەسىس قىلىنغان).
يېزا – بازار دوختۇرلۇقى كەسپىگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانى ئىلگىرىلىگەن ھالدا قېلىپلاشتۇرۇلىدىكەن.
دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىدا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىن باشلاپ مەخسۇس كۇرس قاتلىمى بويىچە تېببىي مائارىپقا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشقا يۈزلىنىش خىزمىتى 2007 – يىلى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان ياخشى ئۈنۈم ھاسىل قىلىنغان. بۇ يىل ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە نازارىتى، مائارىپ نازارىتى بىرلىكتە مۇناسىۋەتلىك ھۆججەت چىقىرىپ، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنى قېلىپلاشتۇرغان: ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئوبيېكتى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېزا نوپۇسىدىكىلەر ھەم 2008 – يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تىزىملاتقانلار، ئۆزلۈكىدىن بۇ كەسىپكە تىزىملاتقان تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزىدىغان ئوقۇغۇچىلار ئىكەن؛ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىغان كەسىپلەر كلىنىكىلىق تېببىي ئىلىم (جۇڭگوچە، غەربچە داۋالاش بىرلەشتۈرۈلگەن، ئۇيغۇر تېبابىتى)نىڭ ئوقۇش مۇددىتى ئۈچ يىل (ئاز سانلىق مىللەت تىلىدا ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلار بىر يىل تەييارلىق سىنىپتا ئوقۇيدۇ) بولۇپ، جەمئىي 900 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدىكەن، شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر تېبابىتى ئالىي كەسپىي تېخنىكومى ئوقۇتۇش خىزمىتىنى ئۈستىگە ئالىدىكەن؛ ئاپتونوم رايون مالىيىسى قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچى سانىغا ئاساسەن، ھەر بىر ئوقۇغۇچىنىڭ بىر يىللىقىغا 3900 يۈەندىن ئوقۇش ھەققى ياردىمى ۋە 800 يۈەندىن ياتاقتا يېتىپ ئوقۇش ھەققى بېرىدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا ، بىر قېتىملىق كومپيۇتېر مەشغۇلاتى ھەققى ئۈچۈن 288 يۈەن ياردەم پۇلى بېرىدىكەن؛ نىشانلىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ۋە نىشانلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتەك قوش نىشانلىق پرىنسىپىنى يولغا قويىدىكەن. بۇ يىل يېزا – بازار دوختۇرلىرى پىلانى ۋە ‹‹قوش تىل›› ئوقۇتقۇچىلىرى سىنىپلىرىغا 0 – تۈركۈمدە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدىكەن.
ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلغۇچىلار قاتتىق جازالىنىدىكەن.
مائارىپ مىنىستىرلىكىنىڭ تەلىپىگە بىنائەن، بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلىرىگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش بەلگىلىمىسىدە بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىش قىلمىشلىرىغا قاتتىق ۋە ئېنىق جازا بېرىش توغرىسىدا ئالاھىدە بەلگىلىمە چىقىرىلغان، بۇنىڭ ئىچىدە بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىش قىلمىشى ئېغىرراق بولغان ئىمتىھان بەرگۈچىنىڭ شۇ يىلدىكى مەملىكەتلىك بىر تۇتاش ئىمتىھاندىكى ھەر قايسى پەندە ئالغان نەتىجىسى بىردەك بىكار قىلىنىدىكەن ھەم كېلەر يىلى بىر تۇتاش ئىمتىھانغا قاتناشتۇرۇلمايدىكەن، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭ قانۇنىي مەسئۇلىيىتى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدىكەن؛ ئالىي، ئوتتۇرا دەرىجىلىك تەربىيىلەش مەكتەپلىرىدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلاردىن ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ بىر تۇتاش ئىمتىھاننىڭ ھەر قايسى پەندىكى نەتىجىسى بىكار قىلىۋېتىلىدىكەن ھەم ئوقۇش پۈتكۈزىدىغان يىلى مەملىكەتلىك بىر تۇتاش ئىمتىھانغا قاتنىشىشقا تىزىملىتىشتىن مەھرۇم قىلىنىدىكەن. ئالىي مائارىپ ئوقۇش تارىخى سالاھىيىتىگە ئىگە ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار بىر تۇتاش ئىمتىھانغا قاتناشسا، ئۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ شۇ يىلدىكى مەملىكەتلىك بىر تۇتاش ئىمتىھانىنىڭ ھەر قايسى پەنلەردىكى نەتىجىسى بىردەك بىكار قىلىنىدىكەن ھەم ئۇلار ‹‹ ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى›› بويىچە قاتتىق بىر تەرەپ قىلىنىدىكەن.
|