|
لاسادا ‹‹14 – مارت›› ئۇرۇش، چېقىش، بۇلاش، ئوت قويۇشتەك زوراۋانلىق ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، غۇرۇرلۇق ھەرقانداق كىشى: شىزاڭدا ئىجتىمائىي تەرتىپ مۇقىم بولۇۋاتقان، خەلق خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقان چوڭ ياخشى ۋەزىيەتتە، نېمە ئۈچۈن بۇنداق زوراۋانلىق جىنايى قىلمىش يۈز بېرىدۇ؟ زادى كىم كىشىلەرنى بۇنداق زوراۋانلىققا قۇترىتىۋاتىدۇ؟دەپ سورىماي قالمايدۇ.
يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان ج خ قاتارلىق تارماقلارنىڭ دەسلەپكى قەدەمدە تەكشۈرۈپ ئىسپاتلىشى ئارقىلىق قولغا كەلگەن دەلىل، پاكىتلار ‹‹14 – مارت››ۋەقەسىنىڭ ئايرىم، تاسادىپىي يۈز بەرگەن ۋەقە بولماستىن، بەلكى دالاي گۇرۇھى پىلانلىغان، تەشكىللىگەن، قوماندانلىق قىلغان ئاتالمىش ‹‹شىزاڭ خەلقىنىڭ چوڭ قوزغىلاڭ ھەرىكىتى››بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا ئاتالمىش‹‹شىزاڭ خەلقىنىڭ چوڭ قوزغىلاڭ ھەرىكىتى››نىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى ئىكەنلىكىنى تولۇق دەلىللىدى.
پولاتتەك پاكىتلاردىن ‹‹14 – مارت›› ۋەقەسىنى دالاي گۇرۇھى ۋە ئۇنىڭ ‹‹شىزاڭ مۇستەقىللىقى›› كۈچلىرىنىڭ تەشكىللىك، مەقسەتلىك ھالدا كۆڭۈل قويۇپ پىلانلىغانلىقى ۋە قۇتراتقانلىقى ئايان بولدى. مەيلى ئۇلار قانداق نىقاپلانسۇن، مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان بۇ ھەقىقەتنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ.
‹‹شىزاڭ خەلقىنىڭ چوڭ قوزغىلاڭ ھەرىكىتى››نىڭ مەيدانغا كېلىشى
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان جۇڭگو ئىقتىسادى، جەمئىيىتى مۇقىم ھەم تېز تەرەققىي قىلدى، خەلق ئاممىسىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسى ئۈزلۈكسىز ئۆستى، 1 مىليارد 300 مىليون جۇڭگولۇق ئەمەلىيىتى ئارقىلىق دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقان ‹‹جۇڭگو مۆجىزىسى››نى ياراتتى.
2008 – يىل جۇڭگونىڭ ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش، ئىشىكنى ئېچىۋېتىشنى يولغا قويغانلىقىنىڭ 30يىللىقى شۇنىڭدەك بېيجىڭ ئو ت م ئۆتكۈزۈلىدىغان يىل. بۇ خەلقئارالىق كاتتا تەنھەرىكەت يىغىلىشىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشى دۇنيانىڭ نەزەرىنى جۇڭگوغا تېخىمۇ مەركەزلەشتۈردى. چەت ئەلدە سەرگەردان بولۇپ يۈرگىنىگە 40 يىلدىن ئاشقان دالاي گۇرۇھىمۇ جۇڭگوغا ‹‹بەكرەك كۆڭۈل بۆلۈش››كە باشلىدى. ئۇلار بۇنى پۇرسەت، ‹‹ئاخىرقى پۇرسەت›› دەپ بىلىپ، چېگرا ئىچى – سىرتىدا ‹‹شىزاڭ خەلقىنىڭ چوڭ قوزغىلاڭ ھەرىكىتى››نى قوزغاش نىيىتىگە كېلىپ، ‹‹شىزاڭدىكى زاڭزۇلارنى ئويغىتىش، ئۇلارنىڭ ھەرىكىتىنى ماسلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭگودا كرىزىس پەيدا قىلىش›› سۇيىقەستىدە بولدى.
— دالاي گۇرۇھى 2007 – يىلى 5 – ئايدا بېلگىيىنىڭ بىريۇسسېل شەھىرىدە ‹‹5 – نۆۋەتلىك خەلقئارا شىزاڭغا مەدەت بېرىش تەشكىلاتلىرى يىغىنى›› ئاچتى. دالاي ‹‹سەرگەردان ھۆكۈمىتى››نىڭ باشلىقى گېلۇنساڭدۇڭ يىغىنغا قاتناشتى، يىغىندا ‹‹ئىستراتېگىيىلىك پىلان››ماقۇللىنىپ، ‹‹ئو ت م نى بايقۇت قىلىش ھەرىكىتى››پىلانىنى ئىجرا قىلىش قارار قىلىندى.
—ئارقىدىنلا ئامېرىكىدىكى ‹‹شىزاڭ مۇستەقىللىقى›› تەشكىلاتى ‹‹شىزاڭ خەلقىنىڭ چوڭ قوزغىلىڭى›› تەسەۋۋۇرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. دالاي گۇرۇھىنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەر بۇ تەسەۋۋۇرنى تەتقىق قىلىپ پىكىردە بىرلىككە كېلىپ، 2008 – يىلىنى ‹‹شىزاڭ مۇستەقىللىقى ››نى ئىشقا ئاشۇرىدىغان ئاخىرقى پۇرسەت، دەپ قارىدى ۋە ئو ت م دىن ئىلگىرىكى ‹‹پايدىلىق پۇرسەت››تىن پايدىلىنىپ چېگرا ئىچىدىكى زاڭزۇلار رايونىدىكىلەرنى پۈتۈن كۈچ بىلەن سەپەرۋەرلىككە كەلتۈرۈپ، جېدەل چىقرىشقا تەشكىللەشنى قارار قىلدى.
—‹‹شىزاڭ خەلقىنىڭ چوڭ قوزغىلىڭى›› تەسەۋۋۇرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ كونكرېت تەدبىرلىرىنى تۈزۈش ئۈچۈن، ‹‹شىزاڭ ياشلار ئۇيۇشمىسى›› ، ‹‹شىزاڭ ئاياللار جەمئىيىتى››، ‹‹ئەركىن شىزاڭ ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى›› قاتارلىق ‹‹شىزاڭ مۇستەقىللىقى›› تەشكىلاتلىرى 2007 – يىلىنىڭ ئاخىرىدا ھىندىستاندا يىغىن ئېچىپ، ‹‹دالاي لامانىڭ شىزاڭغا قايتىشىغا رۇخسەت قىلىش، جۇڭگولۇقلار شىزاڭدىن چىقىپ كېتىش، بارلىق سىياسىي مەھبۇسنى قويۇپ بېرىش›› قاتارلىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى ھەم: جۇڭگو ھۆكۈمىتى تەلەپلىرىمىزنى قاندۇرمىسا، چېگرا ئىچى – سىرتىدا ‹‹شىزاڭ خەلقىنىڭ چوڭ قوزغىلاڭ ھەرىكىتى››نى قوزغايمىز، دەپ جار سالدى. ئۇلار بۇنىڭ ئۈچۈن، سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن زاڭزۇلار بىلەن چېگرا ئىچىدىكى زاڭزۇلارنىڭ ئالاقىلىشىش تورى ئورنىتىپ، چېگرا ئىچىدە ماس قەدەملىك، بىرلىككە كەلگەن تىركىشىش ھەرىكىتىنى تەشكىللىمەكچى بولدى.
— يەتتە ‹‹شىزاڭ مۇستەقىللىقى›› تەشكىلاتى 2008 – يىلى 4 – يانۋار ۋە 25 – يانۋار ھىندىستاننىڭ يېڭى دېھلىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، ‹‹شىزاڭ خەلقىنىڭ چوڭ قوزغىلاڭ ھەرىكىتى›› تەشەببۇسنامىسىنى ئېلان قىلدى ۋە ئۇنى 100دىن ئارتۇق تور پونكىتىدا تارقاتتى. ئۇلار شىزاڭنىڭ قەدىمدىن تارتىپ جۇڭگو زېمىنى ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت بۇ پاكىتقا كۆز يۇمۇپ: ‹‹شىزاڭ بىلەن جۇڭگو ئوخشاشمايدىغان ئىككى دۆلەت››، ‹‹شىزاڭنىڭ مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولىدىغان ئورنىغا ۋارىسلىق قىلىشزاڭزۇلارنىڭ مۇقەددەس تارىخىي بۇرچى››،دېدى. يەنە: ‹‹20 – ئەسىردە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى شىزاڭغا تاجاۋۇزچىلىق قىلدى››؛ ‹‹دالاي لامانى تېزدىن شىزاڭغا قايتىشقا تەكلىپ قىلىش››، ‹‹كوممۇنىستىك پارتىيە شىزاڭدىن چىقىپ كېتىش››، ‹‹شىزاڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلماي تۇرۇپ جۇڭگونىڭ ئو ت م نى ئۆتكۈزۈشكە سالاھىيىتى توشمايدۇ››، دېگەندەك ئاتالمىش ‹‹تەكلىپلەر››نى ئوتتۇرىغا قويدى ھەم ‹‹شىزاڭنىڭ ئۆزگىچە دىنى ۋە تىل – يېزىقى، ئۆرپ – ئادىتى قاتارلىق مەدەنىيىتى پۈتۈنلەي يوقىلىشتەك كەسكىن پەيىتكە دۇچ كەلمەكتە››، ‹‹2008 – يىلى 10 – مارتتىن باشلاپ كەڭ كۆلەمدىكى ‹شىزاڭ خەلقىنىڭ چوڭ قوزغىلاڭ ھەرىكىتى› نى توختاتمايمىز›› دەپ، بۇ ھەرىكەتنى ‹‹شىزاڭنىڭ ئەركىنلىك كۈرىشى تارىخىدىكى ئۇلۇغ بۇرۇلۇش نۇقتىسى››غا ئايلاندۇرۇشقا ئۇرۇندى.
‹‹شىزاڭ ياشلار ئۇيۇشمىسى›› قاتارلىق تەشكىلاتلار ‹‹شىزاڭ خەلقىنىڭ چوڭ قوزغىلاڭ ھەرىكىتى››نى قوزغاش ئۈچۈن ئىككى قارار كۇرس ئاچقان، ‹‹شىزاڭ خەلق پارلامېنتى››نىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جيارى دوما، ‹‹شىزاڭ ياشلار ئۇيۇشمىسى››نىڭ رەئىسى سىۋاڭ رېنزېڭ قاتارلىقلار كۇرستا دەرس ئۆتۈپ ‹‹شىزاڭ خەلقىنىڭ چوڭ قوزغىلاڭ ھەرىكىتى››نىڭ ئاساسىي مەقسىتى ۋە نىشانىنى تەشۋىق قىلىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنىڭ كونكرېت ئۇسۇللىرىنى ئۆگەتكەن.
دالاي 2008 – يىلى 3 – فېۋرالدىن 10 – فېۋرالغىچە ھىندىستاننىڭ ‹‹جېباڭ›› ئىبادەتخانىسىدا نوم نوملاش، دىنىي مۇراسىمغا رىياسەتچىلىك قىلىش، ‹‹يەمەنەتكە ئەبىشېكە دارما يىغىنى ››قاتارلىق دىنىي پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ: ‹‹شىزاڭ خەلقى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا بولسىمۇ، قەلبى باشقا تەرەپكە مايىل››، دەپ قۇتراتقۇلۇق قىلغان.
دالاي گۇرۇھى يەنە 10 – مارتتىن باشلىنىدىغان چېگرا سىرتىدىن ‹‹شىزاڭغا تىنچ يۈرۈش قىلىش ھەرىكىتى››نى تەشكىللەش؛ دۇنيا مىقياسىدا شىزاڭدىكى زاڭزۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان چوڭ قوزغىلاڭ كۆتۈرۈش، ‹‹پۈتكۈل دۇنيادىكى زاڭزۇلاردىن 10 – مارت كوچىغا چىقىپ نامايىش قىلىپ، ئېتىراز بىلدۈرۈش ھەرىكىتىگە قاتنىشىش››نى تەلەپ قىلىش؛ ‹‹ئەركىنلىك مەشئىلىنى كۈچ ئۇلاپ يەتكۈزۈش››، ‹‹دۇنيا مىقياسىدا مەشئەلنى كۈچ ئۇلاپ يەتكۈزۈش›› ھەم ‹‹دۇنياۋى ھەرىكەت قىلىش كۈنى››قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇش؛ جۇڭگونىڭ چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانا ۋە كونسۇلخانىلىرىغا زەربە بېرىشنى تەشكىللەش، ئاچلىق ئېلان قىلىش ھەم كەڭ كۆلەملىك ئېتىراز بىلدۈرۈشكە ئۇيۇشتۇرۇشنى پىلانلىغان.
ج خ مىنىستىرلىكىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى مۇنداق كۆرسەتتى: دالاي گۇرۇھى قوزغىماقچى بولغان ئاتالمىش ‹‹شىزاڭ خەلقىنىڭ چوڭ قوزغىلاڭ ھەرىكىتى››نىڭ مەقسىتى دۆلىتىمىزنىڭ ئىناق – ئىتتىپاق بولغان ئىجتىمائىي ۋەزىيىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، ئو ت م دىن پايدىلىنىپ دۆلىتىمىز ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىپ، سىياسىي غەرىزىگە يېتىش.
ج خ مىنىستىرلىكىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى مۇنداق كۆرسەتتى: ‹‹ ‹قوزغىلاڭ› دېگەن بۇ سۆزنىڭ تۈپ مەنىسى قوراللىق توپىلاڭ كۆتۈرۈش ئارقىلىق ھاكىمىيەتنى ئاغدۇرۇشتىن ئىبارەت. قانداق دۆلەت مەركىزىي ھۆكۈمەتكە ئىغۋاگەرچىلىك تۇغدۇرىدىغان‹قوزغىلاڭ› غا رۇخسەت قىلىدۇ؟ قانداق ھۆكۈمەت دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇشقا خالىغانچە قۇتراتقۇلۇق قىلىدىغان قىلمىشقا قاراپ تۇرالايدۇ؟.
دالاي ‹‹شىزاڭ خەلقىنىڭ چوڭ قۇزغىلاڭ ھەرىكىتى››دىن ئۆزىنى قاچۇرالمايدۇ
دالاي گۇرۇھىنىڭ كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللىشى ۋە ‹‹رېژىسسور››لۇق قىلىشى ئارقىسىدا ‹‹شىزاڭ مۇستەقىللىقى›› ئۇنسۇرلىرى 10 – مارتتىن باشلاپ چېگرا ئىچى – سىرتىدا بىر قاتار ھەرىكەتلەرنى قوزغىدى.
چېگرا سىرتىدا —
دالاي 10 – مارت ئادەت بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن ‹‹شىزاڭنىڭ زوراۋانلىققا قارشى تۇرۇپ ئىسيان كۆتۈرگەنلىكىنىڭ 49 يىللىقى››نى خاتىرىلەش پائالىيىتىدە: جۇڭگو ھۆكۈمىتى ‹‹ئۆتكەن بىر نەچچە يىلدا چېگرا ئىچىدىكى زاڭزۇلارنى تېخىمۇ قاتتىق باستۇردى››، ‹‹ئىنسانىي ھوقۇقنى ھەدەپ دەپسەندە قىلدى، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى چەكلىدى››، دېدى.
‹‹شىزاڭ ياشلار ئۇيۇشمىسى›› قاتارلىق تەشكىلاتلار شۇ كۈنى ‹‹شىزاڭغا تىنچ يۈرۈش قىلىش ھەرىكىتى››نى باشلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى، تەشكىلات ئەزالىرى ھىندىستاندىكى دارامسالادىن شىزاڭغا قاراپ يولغا چىقتى، كېيىن ھىندىستان ساقچىلىرى تەرىپىدىن توسۇۋېلىندى.
10 – مارت لاسادا زوراۋانلىق ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن تارتىپ ھازىرغىچە ئېلىمىزنىڭ چەت ئەللەردىكى 18 باش ئەلچىخانىسى، كونسۇلخانىسى ‹‹شىزاڭ مۇستەقىللىقى›› ۋە خەلقئارا ‹‹شىزاڭغا ياردەم بېرىش›› تەشكىلاتىدىكىلەرنىڭ زوراۋانلىق ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى.
‹‹شىزاڭ ياشلار ئۇيۇشمىسى›› قاتارلىقلار يەنە 15 – ۋە 20 – مارت ئىككى قېتىم ‹‹شىزاڭغا تىنچ يۈرۈش قىلىش ھەرىكىتى››نى تەشكىللىدى.
چېگرا ئىچىدە—
لاسادىكى ‹‹جېباڭ›› ئىبادەتخانىسىدىكى 300 چە راھىب دۆلەتنىڭ قانۇن – تۈزۈمى ۋە ئىبادەتخانىنىڭ مۇناسىۋەتلىك باشقۇرۇش بەلگىلىمىسىنى كۆزگە ئىلماي، 10 – مارت چۈشتىن كېيىن لاسا شەھەر رايونىغا كىرىپ جېدەل تېرىشقا ئۇرۇندى؛ بىر نەچچە كۈندىن كېيىن لاسادا يەنە بىر ئۇچۇم قانۇنسىز راھىب كۆپ قېتىم كوچىغا چىقىپ جېدەل تېرىشقا ئۇرۇندى؛ بىر قىسىم قانۇنسىز ئۇنسۇر 14 – مارت لاسادا ئۇرۇش، چېقىش، بۇلاش، ئوت قويۇشتەك ئېغىر زوراۋانلىق جىنايى ھەرىكىتىنى سادىر قىلدى.
شىزاڭ، سىچۈەن، چىڭخەي، گەنسۇدىكى تۆت زاڭزۇلار رايونىدا 10 – مارتتىن 25 – مارتقىچە 150 قېتىم ئۇرۇش، چېقىش، بۇلاش، ئوت قويۇشتەك ۋەقە يۈز بەردى، ۋەقە داۋامىدا نۇرغۇن خەلق ساقچىسى، قوراللىق ساقچى قىسىم كوماندىر – جەڭچىسى ۋە ئامما يارىلاندى، قازا قىلدى، نەچچە مىڭ ئېغىز ئۆي كۆيدۈرۈۋېتىلدى.
بۇ يىل 3 – ئايدىن بۇيان چېگرا ئىچى – سىرتىدا يۈز بەرگەن بىر قاتار ‹‹شىزاڭ مۇستەقىللىقى›› ۋەقەلىرى ‹‹شىزاڭ خەلقىنىڭ چوڭ قوزغىلاڭ ھەرىكىتى››نىڭ ‹‹پىلانى››غا ئاساسەن تەشكىللىك، پىلانلىق ئېلىپ بېرىلغان، دېدى ج خ مىنىستىرلىكىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى.
پاكىتلار دالاي گۇرۇھىنىڭ ‹‹شىزاڭ خەلقىنىڭ چوڭ قوزغىلاڭ ھەرىكىتى››نىڭ بىۋاسىتە تەشكىللىگۈچىسى، پىلانلىغۇچىسى، قوماندانلىق قىلغۇچىسى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى:
‹‹ئەركىن شىزاڭ ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى››نىڭ مەسئۇلى كۇرستا كۇرسانتلارغا: دالاي لاما ‹‹چوڭ قوزغىلاڭ››نىڭ مەنىۋى داھىيسى، مەدەتكارى، بۇ قېتىمقى ھەرىكەتنىڭ يېتەكچىسى، دېدى.
لاسادا ‹‹14 – مارت›› زوراۋانلىق ۋەقەسى يۈز بەرگەندە دالاي بايانات ئېلان قىلىپ: ‹‹بۇ قېتىمقى ئېتىراز بىلدۈرۈش شىزاڭ خەلقىنىڭ ھازىرقى ھۆكۈمرانلىق ئۇسۇلىغا بولغان ئۆچمەنلىك كەيپىياتىنىڭ پارتلىشىدۇر››، دېدى. دالاي 16 – مارت مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: ‹‹لاسادىكى ئېتىراز بىلدۈرۈش جۇڭگونىڭ كۆپ يىللاردىن بۇيان شىزاڭدا غەرەزلىك ياكى غەرەزسىز يۈرگۈزگەن مەدەنىيەت جەھەتتە تازىلاش سىياسىتىنىڭ مۇقەررەر نەتىجىسى››، ‹‹جۇڭگو بۇ قېتىمقى ھەرىكەتنى ئارمىيىنى ئىشقا سېلىپ باستۇرغان بولسىمۇ، لاسا ۋە باشقا جايلاردىكى زاڭزۇلارمۇ ئاخىرىغىچە كۈرەش قىلىش ئىرادىسىگە كەلدى››.
دالاي 3 – ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا ‹‹شىزاڭ ياشلار ئۇيۇشمىسى››، ‹‹شىزاڭ ئاياللار جەمئىيىتى››، ‹‹ئەركىن شىزاڭ ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى›› قاتارلىق تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرىنى يىغىپ يىغىن ئېچىپ، زاڭزۇلار رايونىدىكى ۋەزىيەتكە قانداق تاقابىل تۇرۇشنى مۇزاكىرە قىلدى.
پاكىتلار دالاي گۇرۇھىنىڭ لاسادىكى ‹‹14 – مارت›› ئۇرۇش، چېقىش، بۇلاش، ئوت قويۇشتەك زوراۋانلىق جىنايى ھەرىكەت بىلەن بىۋاسىتە چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى دەلىللىدى:
لاسادا زوراۋانلىق ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، ‹‹سەرگەردان ھۆكۈمەت››نىڭ باشلىقى گېلون سادۇڭ دەرھال جىددىي يىغىن ئېچىپ، زاڭزۇلارنىڭ بۇ ‹‹ئىنقىلاب مىۋىسى›› نى يەنىمۇ كېڭەيتىشكە قانداق قۇماندانلىق قىلىشنى مۇزاكىرە قىلىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئۇنى قوللاشنى تەلەپ قىلدى. يىغىندا ‹‹سەرگەردان ھۆكۈمەت››نىڭ ‹‹خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىكى››، ‹‹دىن ۋە مەدەنىيەت مىنىستىرلىكى››، ‹‹دىپلوماتىيە ۋە ئاخبارات مىنىستىرلىكى››، ‹‹مالىيە مىنىستىرلىكى›› قاتارلىق تارماقلىرىنىڭ خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرۇلدى.
دالاي گۇرۇھى ‹‹چوڭ قۇزغىلاڭ ھەرىكىتى››گە قوماندانلىق قىلىش ۋە ئۇنى ماسلاشتۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ئۈچۈن، مارتنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا يەتتە كىشىدىن تەشكىللەنگەن ‹‹شىزاڭ ئىتتىپاق كومىتېتى›› قۇردى، ‹‹شىزاڭ خەلق پارلامىنتى››نىڭ باشلىقى گېما چۈنپېي رەئىسلىكىنى ئۈستىگە ئالدى، بۇ كومىتېت ‹‹شىزاڭ مەركىزىي ھۆكۈمىتى›› ۋە دالاي لاماغا ۋاكالىتەن جايلاردىكى سەرگەردان زاڭزۇلار ۋە ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلارنىڭ دۇنيا مىقياسىدا بىر تۇتاش ھەرىكەت قوزغىشىغا بىۋاسىتە رەھبەرلىك قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
‹‹شىزاڭ سەرگەردان ھۆكۈمىتى›› 22 – مارت ‹‹شىزاڭ خەلقىنىڭ چوڭ قوزغىلاڭ ھەرىكىتى›› توغرىسىدا چېگرا ئىچى – سىرتىدىكى زاڭزۇلارغا بايانات ئېلان قىلىپ: ‹‹بۇ قېتىم شىزاڭدا پارتلىغان تىنچلىق قوزغىلىڭى تولىمۇ ئۇلۇغ، شەرەپلىك شۇنداقلا تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، زاڭزۇ خەلقىنىڭ روھى ۋە جاسارىتىنى تولۇق نامايان قىلدى››، ‹‹بىز زاڭزۇلارنىڭ تېگىشلىك بەختى ئۈچۈن ئۇلۇغ سىياسىي، دىنىي داھىيمىز دالاي لامانىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىش قىلىشىمىز كېرەك››، دەپ تەكىتلىدى.
ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ماتېرىياللىرىغا ئاساسلانغاندا، دالاي گۇرۇھىنىڭ ‹‹خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىكى›› ‹‹شىزاڭ خەلقىنىڭ چوڭ قوزغىلاڭ ھەرىكىتى››نى تەشكىللەش ئۈچۈن مەخسۇس خىراجەت ئاجرىتىپ، چېگرا ئىچىدىكى زاڭزۇلار رايونلىرىدا ھەرىكەت قوزغاشقا ئىشلەتكەن.
دالاي گۇرۇھىنىڭ ‹‹خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىكى›› 11 – مارت كىچىك دائىرىلىك تەقدىرلەش يىغىنى ئېچىپ،‹‹10 – مارت›› ۋەقەسىنى تەشكىللىگۈچىلەر، پىلانلىغۇچىلارنى مۇكاپاتلىدى. بەزى ‹‹ئەمەلدار››لار: ‹‹‹شىزاڭ خەلقىنىڭ چوڭ قوزغىلاڭ ھەرىكىتى›ئەمدىلا باشلاندى، كېيىنكى قەدەمدە ھەرىكەتنى داۋاملىق قانات يايدۇرىمىز››، دېدى.
‹‹سەرگەردان ھۆكۈمەت›› 14 – مارت تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرىنى يىغىپ يىغىن ئېچىپ، ‹‹خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىكى›› نى زاڭزۇلار رايونىدا داۋاملىق ۋەقە توغدۇرۇشقا بۇيرۇدى.
دالاي گۇرۇھى 17 – مارت ‹‹شىزاڭنى جىددىي قۇتقۇزۇش پەۋقۇلئاددە يۇقىرى قاتلام كومىتېتى›› قۇرۇپ، ‹‹خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىكى››نىڭ باشلىقى گېلۇننى ئۇنىڭغا مەسئۇل قىلدى. ئۇنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى شىزاڭدىكى ۋەقەگە قاتناشقان غوللۇق خادىملارنى دارامسالاغا يۆتكەش؛ ئاشكارا ۋەقە تۇغدۇرۇشنى يوشۇرۇن ‹‹دىنىي ھەرىكەت››كە يۈزلەندۈرۈپ، مەركەز بىلەن داۋاملىق تىركىشىش. ج خ مىنىستىرلىكىمىزنىڭ باياناتچىسى مۇنداق دېدى: ‹‹بۇلارنىڭ ھەممىسى ‹شىزاڭ خەلقىنىڭ چوڭ قوزغىلاڭ ھەرىكىتى›نىڭ ئاتالمىش‹قوزغىلاڭ كۆتۈرۈش كۈنى› پىلانىدا ئورۇنلاشتۇرۇلغان شۇنداقلا‹شىزاڭ خەلقىنىڭ چوڭ قوزغىلاڭ ھەرىكىتى›دە بېكىتىلگەن پىلانغا پۈتۈنلەي ئۇيغۇن. پۇلاتتەك پاكىتلار دالاينىڭ ئاتالمىش ‹زوراۋانلىق، بۆلگۈنچىلىك ھەرىكىتىگە قاتناشماسلىق، ئۇنى قوللىماسلىق› دېگەن ئىغۋاسىنىڭ كىشىلەرنى قايمۇقتۇرۇش ئۈچۈن ئېيتىلغان يالغانچىلىق ئىكەنلىكىنى تولۇق دەلىللىدى››.
‹‹14 – مارت›› ۋەقەسى ‹‹شىزاڭ خەلقىنىڭ چوڭ قوزغىلاڭ ھەرىكىتى››نىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى
چېگرا سىرتىدىكى دالاي گۇرۇھى تارقاتقان ‹‹ ‹شىزاڭ خەلقىنىڭ چوڭ قوزغىلاڭ ھەرىكىتى› تەشەببۇسنامىسى››، دالاينىڭ 2008 – يىللىق ‹‹10 – مارت››تىكى سۆزىنىڭ كۆپەيتىلمىسى، دالاي گۇرۇھىنىڭ مىللىي بۆلگۈنچىلىك بىلەن شۇغۇللانغان نەق مەيدان سۈرەتلىرى، دالاي گۇرۇھى ‹‹سەرگەردان ھۆكۈمىتى›› ‹‹خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىكى›› بىلەن ئالاقىلىشىشتىكى كومپيۇتېر ئۈسكۈنىسى ... مانا بۇلار دالاي گۇرۇھى ‹‹14 – مارت›› ئۇرۇش، چېقىش، بۇلاش، ئوت قويۇشتەك زوراۋانلىق ۋەقەسىنى قۇترىتىش، تەشكىللەشكە ئەۋەتكەن غوللۇق ئۇنسۇرنىڭ تۇرالغۇسىنى قانۇن بويىچە ئاختۇرغاندا تېپىلغان پولاتتەك پاكىتلار.
بۇ غوللۇق ئۇنسۇر دالاي گۇرۇھىنىڭ بۇيرۇقىغا بىنائەن مىللىي بۆلگۈنچىلىك ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللانغانلىقى، لاسادىكى ‹‹14 – مارت›› ئۇرۇش، چېقىش، بۇلاش، ئوت قويۇشتەك ئېغىر ۋەقەگە قاتناشقانلىقى ئۈچۈن 15 – مارت جىنايى ئىشلار قانۇنى بويىچە تۇتۇپ تۇرۇلدى.
دەلىل – ئىسپاتلاردىن بۇ غوللۇق ئۇنسۇرنىڭ 2006 – يىلى 11 – ئايدا دالاي گۇرۇھى ‹‹سەرگەردان ھۆكۈمىتى›› ‹‹خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىكى ›› نىڭ مەلۇم ئەمەلدار بىلەن ئالاقە باغلىغانلىقى ھەم ئۇنىڭ يول كۆرسىتىشى بىلەن مىللىي بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرى بىلەن پائال شۇغۇللانغانلىقى مەلۇم بولدى:
— چېگرا ئىچىدە يەر ئاستى ئاخبارات تورى ئورنىتىش. بۇ غوللۇق ئۇنسۇر بۇ ئەمەلدار بىلەن ئالاقە ئورناتقاندىن كېيىن، ئۇنىڭ يول كۆرسىتىشىگە ئاساسەن 12 كىشىنى تاللاپ شىزاڭدا يەر ئاستى مەخپىي ئاخبارات تورى ئورناتقان. ئۇلار يەتكۈزۈلگەن ئۇچۇرنىڭ بىخەتەرلىكى، مەخپىيەتلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ئۆزئارا ئالاقىلەشكەندە باشقا ئىسىم قوللانغان، ئالاقىلىشىش جەريانىدا ياپتا سۆز ئىشلەتكەن، مەسىلەن: ‹‹دالاي›› نى ‹‹تاغا ››، ‹‹قارلىق تاغ شىر بايرىقى›› نى ‹‹يوپكا››، ‹‹تاموژنىدىن چېگرىغا كىرگەن چېگرا سىرتىدىكى راھىب›› نى ‹‹مېھمان›› دەپ ئاتىغان، ۋەھاكازالار.
— ئاخبارات توپلاش. بۇ غوللۇق ئۇنسۇر 2007 – يىلى 3 – ئايدىن 2008 – يىلى 3 – ئايغىچە تېلېفون ياكى ئېلېكترونلۇق پوچتا يوللانمىسى ئارقىلىق بۇ ئەمەلدار بىلەن 36 قېتىم ئالاقىلەشكەن، قارشى تەرەپ ئۇنىڭغا دالاي گۇرۇھىنىڭ چېگرا سىرتىدىكى ھەرىكىتىنى ئۇقتۇرغان، ئاخبارات توپلاش بۇيرۇقى چۈشۈرگەن. بۇ غوللۇق ئۇنسۇر بۇيرۇققا بىنائەن يالغان ئىسىم ۋە ياپتا سۆز قوللىنىپ، تاللىغان 12 ئادىمى بىلەن 200 نەچچە قېتىم ئالاقىلىشىپ، ئاتالمىش ‹‹چېگرا ئىچىدىكى راھىبلارنىڭ دالاينى ئەيىپلەشنى بايقۇت قىلىشى››، ‹‹شىزاڭدا ھايۋانلارنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى››، ‹‹شىزاڭنىڭ ئېكولوگىيىلىك مۇھىتىنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغانلىقى›› قاتارلىق ئەھۋاللار توغرىسىدا ئاخبارات توپلاپ، ئالاقە تورى ئارقىلىق چېگرا سىرتىغا يوللىغان ھەم چېگرا سىرتىدىكى دالاي لامانىڭ پائالىيەتلىرىگە ئائىت ئەھۋاللارنى ئوپتىك دېسكىغا چۈشۈرۈپ، شىزاڭدىكى لاسا قاتارلىق جايلاردا تارقاتقان.
مىللىي بۆلگۈنچىلىك تەشۋىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىش. 2007 – يىلى دالاي گۇرۇھى ئاتالمىش ‹‹شىزاڭغا تىنچ يۈرۈش قىلىش›› ھەرىكىتىنى تەشكىللىگەندە، بۇ غوللۇق ئۇنسۇر دالاي گۇرۇھى ‹‹خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىكى›› نىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە شېرىكلىرى بىلەن دالاي گۇرۇھىغا بىرلىكتە مەدەت بېرىش خېتى يېزىپ، بۇ ئەمەلدارغا تاپشۇرغان. دالاي گۇرۇھى دۆلىتىمىزنىڭ ‹‹دىن ئىشلىرىنى باشقۇرۇش نىزامى›› غا ھۇجۇم قىلغان ماقالىسىنى بۇ ئەمەلدار ئارقىلىق بۇ غوللۇق ئۇنسۇرغا تاپشۇرغان، بۇ غوللۇق ئۇنسۇر ئۇنى كۆپەيتكەندىن كېيىن، لاسادىكى ئۈچ چوڭ ئىبادەتخانىدا تارقاتقان. 2007 – يىلى 10 – ئايدا دالاي گۇرۇھى يەنە ئادەم ئەۋەتىپ، بۇ غوللۇق ئۇنسۇرغا دالاينىڭ ئامېرىكىدا مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئۇچۇر ئوپتىك دىسكىسىنى بەرگەن، بۇ غوللۇق ئۇنسۇر ئۇنى كۆپەيتكەندىن كېيىن، شېرىكلىرىگە ئۇنى جەمئىيەتتە تارقىتىشقا بەرگەن.
لاسادىكى ‹‹14 – مارت ›› ۋەقەسىنىڭ ئالدى – كەينىدە ئۇلارنىڭ ئالاقىسى تېخىمۇ كۆپەيگەن. بۇ مەزگىلدە دالاي گۇرۇھى ‹‹خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىكى›› نىڭ مەلۇم ئەمەلدارى بۇ غوللۇق ئۇنسۇرغا ‹‹ ‹ شىزاڭ خەلقىنىڭ چوڭ قوزغىلاڭ ھەرىكىتى› تەشەببۇسنامىسى›› قاتارلىقلارنى يەتكۈزۈپ بەرگەن، بۇ تايانچ ئۇنسۇر يۇقىرىقى تەشۋىقات بۇيۇملىرىنى كۆپەيتىپ لاسادا تارقاتقان. لاسادا ئۇرۇش، چېقىش، بۇلاش، ئوت قويۇش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، بۇ غوللۇق ئۇنسۇر يەنە ئاخبارات تورى ئارقىلىق تەرەپ – تەرەپتىن ھەرىكەت قىلىپ، ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى دالاي گۇرۇھىغا يەتكۈزۈپ تۇرغان.
‹‹14 – مارت›› ۋەقەسىنى تەشكىللەش، پىلانلاش، قوزغاشقا بىۋاسىتە قاتناشقان بۇ جىنايەت گۇماندارى دالاي گۇرۇھىنىڭ بۇ ئەمەلدارى بىلەن ئالاقە ئورناتقان ھەم ئۇنىڭ يول كۆرسىتىشى، كۈشكۈرتىشى بىلەن مىللىي بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغان جىنايى پاكىتلىرىنى تولۇق ئىقرار قىلدى.
دۆلىتىمىزنىڭ ج خ ئورگانلىرى چېگرا سىرىتىدىكى دالاي گۇرۇھى بىلەن ئالاقىسى بار، ‹‹14 – مارت›› ۋەقەسىنى تەشكىللەش، پىلانلاش، قوزغاشقا قاتناشقان بىر تۈركۈم جىنايەت گۇماندارلىرىنى تۇتۇپ، دالاي گۇرۇھى ‹‹خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىكى››دىكى مۇھىم ئەمەلدارنىڭ چېگرا ئىچىدىكى ھەرىكەت تورىنى دەسلەپكى قەدەمدە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىدى.
پولاتتەك پاكىت ئالدىدا، بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرى بىلەن ئۇزاق مۇددەت شۇغۇللانغان، ‹‹14 – مارت›› ۋەقەسىگە قۇتراتقۇلۇق قىلغان ئاۋاڭلاڭجى بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرى بىلەن 20 نەچچە يىل مەخپىي شۇغۇللانغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى، 1989 يىلى ‹‹جېباڭ ››ئىبادەتخانىسىنىڭ راھىبى بولغان ئاۋاڭلاڭجى لاسادىكى توپىلاڭغا قاتناشقاچقا قانۇن بويىچە جازالانغان. ‹‹14 – مارت›› ۋەقەسىنىڭ ئالدى – كەينىدە ئاۋاڭلاڭجى بىلەن توپىلاڭچىلارنىڭ ‹‹بېرىش – كېلىشى›› ئالاھىدە كۆپەيگەن. ئۇ باشقا توپىلاڭچىلارنىڭ شاھىدلىقىدا، ئاخىرى: ‹‹لاسانىڭ دۈيلوڭدېچىڭ ناھىيىسىدە بەش مىلىچمال دۇكىنىم بار، دۇكاندا ئىشلەيدىغان بۇيوڭ، سوبا قاتارلىق ئالتە كىشى جازا مۇددىتى توشۇپ قويۇپ بېرىلگەنلەر، ئۇلار ئاساسلىقى بۆلگۈنچىلىك بىلەن شۇغۇللانغان››، دەپ ئېتىراپ قىلدى.
ج خ ئورگانلىرى تەھقىقلەش ئارقىلىق ئالاقە تورىنىڭ دالاي گۇرۇھىنىڭ بۇيرۇق چۈشۈرىدىغان مۇھىم يولىغا ئايلانغانلىقىنى، ‹‹ ‹شىزاڭ خەلقىنىڭ چوڭ قوزغىلاڭ ھەرىكىتى› تەشەببۇسنامىسى››، ھەرىكەت پىلانى ۋە بىر قىسىم ھەرىكەتلەرنىڭ تور ئارقىلىق ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى بايقىدى.
بۇنىڭدىن سىرت، دالاي گۇرۇھى چېگرا ئىچىدىكى ‹‹شىزاڭ مۇستەقىللىقى›› ئۇنسۇرلىرى بىلەن باشقا ۋاسىتىلەر ئارقىلىق تىل بىرىكتۈرگەن: ئالدى بىلەن ئالاقىلىشىش قورالى ۋە توردىن پايدىلىنىپ ئاددىي ئالاقىلەشكەن، پۈتۈشكەن ۋاقىتتا ‹‹ئامېرىكا ئاۋازى›› رادىئوسىنىڭ زاڭزۇچە ئاڭلىتىشىدا چېگرا سىرىتىدىكىلەرنىڭ يوليورۇقى، چېگرا ئىچىدىكى ئالاقىدار ئەھۋال قاتارلىقلارنى ياپما سۆز ئارقىلىق يەتكۈزگەن.
دالاي گۇرۇھى زوراۋانلىق ۋەقەسىنىڭ تەسىرىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن، مەخسۇس غوللۇق ئۇنسۇرلارنى چېگرا ئىچىگە يوشۇرۇن ئەۋەتكەن، پىتنە – ئىغىۋا تارقىتىپ، ھەقىقىي ئەھۋالنى ئۇقمايدىغان كىشىلەرنى پۇل بىلەن سېتىۋېلىپ، ئۇلارنى كوچىلارغا چىقىپ، ئۇرۇش، چېقىش، بۇلاش ، ئوت قويۇشقا سالغان. لىنجى رايونىدىكى جوما پۇشايمان قىلىپ مۇنداق دېدى: ‹‹ 15 – مارت چۈشتىن كېيىن 50 نەچچەيلەن شۆشىن كەنتىدە بىرقانچە دۇكاننى بۇلىدۇق، چاقتۇق، مەن تېخى نەچچە يۈز يۈەن تاپتىم. 16 – مارت چۈشتىن كېيىن 60 نەچچەيلەن يەنە شۆشىن كەنتىدىكى ئاچال يولغا توپلاشتۇق، ناتونۇش بىرەيلەن بىزگە ھەرىكەت يۆنىلىشىمىزنى ئېيتىپ بەردى، بىراق ئەمدىلا بىر قانچە كىشىنى ئۇرۇپ تۇرىشىمىزغا تۇتۇۋېلىندۇق››، دېدى.
لاسادىكى ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، چېگرا سىرتىدىكى بۆلگۈنچى كۈچلەر سىچۈەننىڭ گەنزى زاڭزۇ رايونىدىكى ئالاقىلەشكۈچىگە كۆپ قېتىم تېلېفون بېرىپ، ‹‹ۋەقەنى چوڭايتىش››قا قۇتراتقان. دەلىل، پاكىتتىن چېگرا ئىچى – سىرتىدىكى بۆلگۈنچى ئۇنسۇرلارنىڭ يېقىندا گەنزى ۋىلايىتىدە ئەكسىيەتچىل كىتاب، ئوپتىك دېسكا، رەسىم ۋە پىتنە – ئىغىۋا تارقاتقانلىقى، ھەدەپ قۇتراتقۇلۇق قىلغانلىقى، چېگرا ئىچى – سىرتىدىكىلەرنى ئالاقە ئورنىتىشقا ئۈزلۈكسىز ئەۋەتىپ ۋە بۇيرۇپ، گەنزىدە بۆلگۈنچىلىك ۋە بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشنى پىلانلىغانلىقى ھەم قۇتراتقانلىقى مەلۇم بولدى. 2 – ئاينىڭ ئاخىرلىرىدىن بۇيان، چىڭخەي تاموژنىسى ھىندىستاندىن گەنزىدىكى ھەرقايسى ئىبادەتخانا، كەنتلەرگە ئەۋەتىلگەن زور مىقداردىكى ‹‹شىزاڭ مۇستەقىللىقى›› تەشۋىقات بۇيۇملىرىنى قولغا چۈشۈردى. يېقىندا ‹‹شىزاڭ ياشلار ئۇيۇشمىسى›› يەنە گەنزىدە ئۇزاق مۇددەت ‹‹پارتىزانلىق ئۇرۇشى›› نى قانات يايدۇرۇش بۇيرۇقى چۈشۈرگەن.
دەلىل – پاكىتلار زوراۋانلىق ۋەقەسىنىڭ تەشكىللىك سادىر قىلىنغانلىقىنى ئېچىپ بەردى:
لاسادا ‹‹14 – مارت›› زوراۋانلىق ۋەقەسى يۈزبەرگەندە، ئىشىكىگە خادا ئېسىلغان دۇكانلارنىڭ ھەممىسى ئامان قالدى، ئەمما ئىشىكىگە ‹‹چوڭ قوزغىلاڭ››نىڭ ئىنگلىزچە قىسقارتىلمىسى ‹‹T.G.C›› بەلگىسى قويۇلغان دۇكانلار بۇلاڭ – تالاڭ قىلىندى، ھەتتا كۆيدۈرۈۋېتىلدى، ‹‹كىيىم – كېچەك دۇكىنى›› دىكى بەش قىز ئوتتا كۆيۈپ ئۆلدى، توپىلاڭچىلار ئۇياقتىن شەپە بېرىپ قويۇپ بۇ ياقتىن زەربە بېرىپ، تەرەپ – تەرەپتىن ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە ئۇرۇپ، چېقىپ، بۇلاپ، ئوت قويۇپ، بۇزغۇنچىلىق قىلدى. 3 – ئاينىڭ 14 – ۋە 15 – كۈنلىرى گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ شياخې ناھىيىسىدە نامايىش قىلىش، ئۇرۇش، چېقىش قاتارلىق ۋەقەلەر يۈز بەردى، نەق مەيداندىن تارتىلغان سۈرەتكە قارىغاندا، نامايىشچىلار ئىچىدە بىرقانچە يادرولۇق خادىم بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ روشەن بەلگىسى بار ئىكەن. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى بېشىغا قارا لېنتا چىگسە، بەزىلىرى قولىغا قارا لېنتا ئېلىۋالغان، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بېلىكىگە قارا لېنتا چىگىۋالغانلىرىنىڭ بەزىلىرى شوئار توۋلىغان، بەزىلىرى ‹‹قارلىق تاغ شىر بايرىقى›› نى كۆتۈرۈۋالغان، بەزىلىرى كالتەك ئېلىۋالغان.
ھەتتا چەت ئەل ئاخبارات ۋاسىتىلىرىمۇ ۋەقەنىڭ ماھىتىنى تونۇپ يەتتى:
— ئەنگىليە ‹‹مۇھاپىزەتچىلەر›› گېزىتىنىڭ ماقالىسىدە مۇنداق دېيىلدى: ئو ت م يىلى ‹‹ شىزاڭلىق مىللەتچىلەر›› گە ھەرىكىتىنى تېزلىتىش پۇرسىتى يارىتىپ بەردى... دەسلەپتە يۈز بەرگەن نامايىشنىڭ پەيتى، ماسلىشىشچانلىقى ۋە دادىللىق دەرىجىسىدىن قارىغاندا، 1989 – يىلىدىكى ھەرىكەتتىنمۇ ئەتىراپلىق پىلانلانغان. ھازىرغىچە دالاي لاما نامايىشنى توسۇش توغرىسىدا ھېچقانداق تىرىشچانلىق كۆرسەتمىدى.
—‹‹روسىيە سودا مەسلىھەتچىلىك گېزىتى››نىڭ ماقالىسدە مۇنداق دېيىلدى: لاسادا يۈز بەرگەن ۋەقە بەزى كۆزەتكۈچىلەرنى قاتتىق ھەيران قالدۇردى. مۇتەخەسسىسلەر: بۇ سىرتتىكىلەرنىڭ زاڭزۇلار بىلەن جۇڭگۇ ئوتتۇرىسىغا بۆلگۈنچىلىك سېلىش غەرىزىدە كۆڭۈل قويۇپ پىلانلىغان ھەرىكىتى. بۇنىڭدىكى ئاساسلىق مەقسەت كومپارتىيە ھاكىمىيىتى بىلەن شىزاڭلىقلارنىڭ ئۈنۈملۈك سۆزلىشىشىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش، تېخىمۇ كۆپ ئۆچمەنلىك ۋە ناھەقلىق پەيدا قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ جۇڭگو ھۆكۈمىتىنى ئەيىپلىشىنى قولغا كەلتۈرۈش.
بۇ بىر قاتار پاكىت شۇنى تولۇق ئىسپاتلاپ بەردىكى، لاسادا يۈز بەرگەن ئۇرۇش، چېقىش، بۇلاش، ئوت قويۇش ۋەقەسى دالاي گۇرۇھى تەشكىللىگەن ‹‹شىزاڭ خەلقىنىڭ چوڭ قوزغىلاڭ ھەرىكىتى›› نىڭ بىرقىسمى بولۇپ، ئۇنىڭغا دالاي گۇرۇھى ۋە ئۇنىڭ ‹‹شىزاڭ مۇستەقىللىقى›› كۈچلىرى بىر قوللۇق قوماندانلىق قىلغان.
ج خ مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى مۇنداق دېدى: ‹‹دۇنيا خەلقىنىڭ دالاي گۇرۇھى ۋە ئۇنىڭ‹شىزاڭ مۇستەقىللىقى› كۈچلىرى تەشكىللىگەن تۈرلۈك ھەرىكەتلەرگە ئالاھىدە دىققەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز، يالغانچىلىق ھەقىقىي ئەھۋالنى ياپالمايدۇ، ئەمەلىيەت دالاي گۇرۇھىنىڭ ۋەتەننى پارچىلاش سۇيىقەستىنىڭ ھەقىقىي ئەپت – بەشىرىسىنى يەنىمۇ ئېچىپ تاشلايدۇ››.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ ، 1 – ئاپرېل تېلېگراممىسى)
|