باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى
ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېزا تاش يول قۇرۇلۇشىدا سۈپەت يىلى پائالىيىتى باشلاندى
2008- 04- 03 10:29 شىنجاڭ گېزىتى

     ئۈچ يىل داۋاملىشىدىغان ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېزا تاشيول قۇرۇلۇشى سۈپەت يىلى پائالىيىتى 1 – ئاپرېل ماناس ناھىيىسىنىڭ لەنجۇۋەن بازىرىدا باشلاندى. بۇ پائالىيەتنى يولغا قويۇش ئارقىلىق، ئاپتونوم رايونىمىز يېزا تاشيولىنىڭ ئومۇمىي سۈپىتىنىڭ لاياقەتلىك بولۇش نىسبىتى %95تىن ئاشۇرۇلىدۇ، 2007 – يىلى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئاساسلىق يېزا تاشيولىنىڭ سۈپىتى ئارىلاپ تەكشۈرۈشتە لاياقەتلىك بولۇش نىسبىتى %92 بولدى. سۈپەت كاپالەت سىستېمىسى ئاساسەن ساغلام، ئۈنۈملۈك يۈرگۈزۈلۈپ، زور بىخەتەرلىك ھادىسىسى ئاساسىي جەھەتتىن تىزگىنلىنىپ، سۈپەت توغرىسىدىكى ئەرز، پاش قىلىش ئەھۋالى زور دەرىجىدە ئازلىدى.

     بەش يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېزا تاشيول قۇرۇلۇشىدا زور بۆسۈش بولدى. ئاپتونوم رايون بويىچە يېزا تاشيول قۇرۇلۇشىغا 10مىليارد 75 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىندى، يېزا تاشيول مۇساپىسى 91 مىڭ 997 كىلومېتىرغا يېتىپ، تاشيولنى يېزا – بازارلارغا تۇتاشتۇرۇش نىسبىتى %98.6كە، شتاتلىق كەنتلەرگە تۇتاشتۇرۇش نىسبىتى %73.5كە يەتتى. بىراق يېزا تاشيولى تېز راۋاجلىنىش بىلەن بىللە، جايلاردىكى يېزا تاشيول قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي سۈپىتىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈشكە توغرا كېلىۋاتىدۇ. قۇرۇلۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئاسراشقا سەل قاراش، باشقۇرۇش نىسبەتەن قالاق بولۇشتەك مەسىلىلەر بۇنىڭدىن كېيىنكى يېزا تاشيولىنىڭ ساغلام، سىجىل راۋاجلىنىشىغا بەلگىلىك تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش نازارىتى قاتناش – ترانسپورت مىنىستىرلىكىنىڭ ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، ‹‹يېزا تاشيول قۇرۇلۇش سۈپەت يىلى›› پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، سۈپەتنى نازارەت قىلىش بويىچە تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش ئارقىلىق، يېزا تاشيول قۇرۇلۇشى بازار تەرتىپىنى نۇقتىلىق قېلىپلاشتۇرۇپ، لايىھىلەش ھالقىسىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، يېزا تاشيول قۇرۇلۇشىنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىشنى قارار قىلدى.
 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ