باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئىجتىمائىي خەۋەرلەر
5–نۆۋەتلىك شىنجاڭ خەلقئارا ساياھەت بايرىمىنىڭ مەزمۇنى تېخىمۇ مول بولىدۇ
2008- 04- 03 10:27 شىنجاڭ گېزىتى

      دۆلەت ساياھەت ئىدارىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تەشكىللىگەن، ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق ھۆكۈمىتى بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان ‹‹شىنجاڭ مەنزىرىسى 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپەر –  سىرلىق سانجىغا يۈرۈش قىلىش›› مەزمۇنىدىكى 5 – نۆۋەتلىك شىنجاڭ خەلقئارا ساياھەت بايرىمى 6 – ئاينىڭ 28 – كۈنى سانجىدا باشلىنىدۇ.

     ‹‹ئولىمپىكنى كۈتۈۋېلىش، يىپەك يولىدىن ئۆتۈش، تەڭرىتاغنى ساياھەت قىلىش››نى ئاساسىي تېما قىلغان بۇ نۆۋەتلىك ساياھەت بايرىمىدىكى ئاساسلىق پائالىيەتلەردىن ‹‹ بۇغدا كۆلى››دىكى داغدۇغىلىق باشلىنىش مۇراسىمى، چوڭ تىپتىكى ناخشا  – ئۇسسۇل كېچىلىكى، مەشھۇر سۇ ئۈزۈش تەنھەرىكەتچىسى جاڭ جيەن باشچىلىقىدىكى بۇغدا كۆلىنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتۈش پائالىيىتى، داڭلىق ساياھەت لىنىيىلىرىنى تونۇشتۇرۇش، خۇيزۇ مىللىي ئۆرپ – ئادەت كۆرگەزمىسى، دۆلەت ئىچى –  سىرتىدىكى 100 كۈچلۈك ساياھەت كوپىراتىپىنىڭ  كېلىشىم تۈزۈش مۇراسىمى ھەم ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى تونۇشتۇرۇش، ساياھەت تۈرلىرى كېڭىشىش قاتارلىقلار بار. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە 3 – نۆۋەتلىك ‹‹بېيتىڭ›› مىللىي ئۆرپ –  ئادەت مەدەنىيەت ساياھەت  بايرىمى،  تۇنجى نۆۋەتلىك  ماناس شىنجاڭ قاشتېشى مەدەنىيەت بايرىمى، سانجى يېزا –  قىشلاق ساياھەت  بايرىمى، 2008 – يىللىق 2 – نۆۋەتلىك جۇڭگو (سانجى)  يېمەكلىك مەدەنىيىتى  بايرىمى، 2008 – يىللىق ئولىمپىك مەشئىلىنى كۈچ ئۇلاپ يەتكۈزۈش پائالىيىتى قاتارلىقلار بار.
 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ