باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئىقتىسادىي خەۋەرلەر
ئىقتىسادىي خەۋەرلەر
2008- 04- 02 11:48 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستاسىسى

     .دۇنيا بانكىسى ئېلان قىلغان ‹‹ شەرقىي ئاسىيا ئىقتىسادى يېرىم يىللىق دوكلاتى›› دا مۆلچەرلىنىشىچە، بۇيىل دۆلىتىمىز ئىقتىسادى 9.4 پىرسەنت ئېشىشى مۇمكىن ئىكەن.

     · 1 – ئاپرېل يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىكى ئاخبارات ئىشخانىسى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئاخبارات ۋاستىلىرىغا دۆلىتىمىزنىڭ تۇپراقنى ئۆلچەپ ئوغۇتلاش ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى. يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىكى تېرىقچىلىق كەسپىنى باشقۇرۇش مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى چېن مېىڭشەن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: دۆلىتىمىز 2005 – يىلى تۇپراقنى ئۆلچەپ ئوغۇتلاش تۈرىنى يولغا قويغان ئۈچ يىلدىن بۇيان، مەركەز مالىيىسى 1 مىليارد 600 مىليون يۈەن ياردەم مەبلىغى ئورۇنلاشتۇرۇپ، مەملىكەت بويىچە 1 مىڭ 200 ناھىيىدە ئەمەلىي قوللىنىلىشچان تۇپراقنى ئۆلچەپ ئوغۇتلاش تېخنىكىسىنى كېڭەيتتى.

     · جۇڭگو ئاپتوموبىل سانائېتى جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن باشلىقى دوڭ ياڭ يېقىندا مۇنداق دېدى: بۇلتۇر، دۆلىتىمىزنىڭ ئاپتوموبىل تاۋارلىرى ئېكىسپورت سوممىسى تۇنجى قېتىم 40 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ، 40 مىليارد 896 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، 2005 – يىلىدىكىدىن 21 مىليارد 181 مىليون ئامېرىكا دوللىرى كۆپىيىپ، يىللىق ئېشىش نىسبىتى 44.03 پىرسەنت بولدى.

     ·جۇڭگو تاشقى پىروۋوت سودا مەركىزىنىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 1 – ئاپرېل خەلق پۇلىنىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا ئايرىۋاشلىنىش ئارىلىق باھاسى 7 يۈەن 2 پۇڭ 2 لىدا مەلۇم قىلنىپ، ئۇدا ئۈچ كۈن تۆۋەن مەلۇم قىلىنغان. تۈنۈگۈن، بانكىلار ئارا تاشقى پىروۋوت بازىرىدا، بىر ئامېرىكا دوللىرى 7 يۈەن 2 پۇڭ 2 لىغا، بىر ياۋرو 11 يۈەن 7 پۇڭ 6 لىغا، 100 ياپونىيە يىنى 7 يۈەن 3 پۇڭ 4 لىغا، بىر شياڭگاڭ پۇلى 9 مو 2 لىغا، بىر ئەنگىلىيە فوندسىتىرلىڭى 13 يۈەن 9 مو 2 پۇڭ 32 لىغا ئايرىۋاشلاندى.

     ·ئاپتونوم رايونلۇق ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، نۆۋەتتە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېڭىچە سانائەتلىشىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش دەرىجىسى 69.9 پىرسەنت بولۇپ، مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيىسىدىن 16.2 پىرسەنت تۆۋەن ئىكەن، نۆۋەتتە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېڭىچە سانائەتلىشىشى ئوتتۇرا باسقۇچنىڭ تۆۋەن مەزگىلىدە تۇرغان.

     ·ئۈرۈمچى شەھەرلىك قۇرۇلۇش كومىتېتىدىن ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل قىشلىق ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش مەزگىلىدىن باشلاپ، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش ياردەم پۇلىنى ئىدارە، ئورۇن بىر تۇتاش تاپشۇرماي، بەلكى مائاشقا قوشۇپ ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ قولىغا تارقىتىپ بېرىدىغانلىقتىن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى 4 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى يېڭىدىن سېلىنغان بىنالارنىڭ ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش سىستىمىسىدا چوقۇم ئائىلە بويىچە ئىسسىقلىق مىقدارىنى ھىسابلاش ۋە تېمپىراتۇرىنى كونتىرول قىلىش ئۈسكۈنىسى ئورنىتىشنى، ئىسسىقلىقنى مىقدار بويىچە ھىسابلاش ئۆلچىمىگە يەتمىگەن قۇرۇلۇشلارنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزىۋالماسلىق، ئىشلىتىشكە تاپشۇرماسلىقنى تەلەپ قىلغان. 2008 – يىللىق ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش پەسلىگە قەدەر ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئاممىۋى قۇرۇلۇشلارنىڭ ھەممىسى مىقدارلاشتۇرۇپ ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەشكە ئۆزگەرتىلىدىكەن.

 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ