|
سودىلاشقۇچىلارنىڭ پايدا قايتۇرىشى قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىدە، 3 – ئاينىڭ 31 – كۈنى، خەلقئارا بازاردا خام نېفىتنىڭ قەرەللىك باھاسى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىدى، بۇنىڭ ئىچىدە نيويورك تاۋار بېرژىسىدا بازار يېپىلغاندا ھەر تۇڭ نېفىتنىڭ قەرەللىك باھاسى 102 ئامېرىكا دوللىرىدنن تۆۋەن باھاغا چۈشۈپ قالدى. بۇ كۈنى، نيويورك تاۋار بېرژىسىدا 5 – ئايدا مال تاپشۇرىلىدىغان ھەر تۇڭ سويۇق خام نېفىتنىڭ قەرەللىك باھاسى ئالدىنقى سودا كۈنىدىكىدىن 4.04 ئامېرىكا دوللىرى تۆۋەنلەپ، بازار 101.58 ئامېرىكا دوللىرىلىق باھادا يېپىلدى. لوندون خەلقئارا نېفىت سودا بېرژىسىدا 5 – ئايدا مال تاپشۇرىلىدىغان ھەر تۇڭ شىمالىي دېڭىز برونت خام نېفىتىنىڭ قەرەللىك باھاسى 3.47 ئامېرىكا دوللىرى تۆۋەنلەپ، بازار 100.3 ئامېرىكا دوللىرىلىق باھادا يېپىلدى. ئۇنىڭدىن باشقا، نيويورك تاۋار بېرژىسىدا 4 – ئايدا مال تاپشۇرىلىدىغان ھەر گالون بىنزىننىڭ قەرەللىك باھاسى10.07 سىنت تۆۋەنلەپ، بازار 2.61 ئامېرىكا دوللىرىلىق باھادا يېپىلدى. 4 – ئايدا مال تاپشۇرىلىدىغان ئىسسىنىشقا ئىشلىتىلىدىغان ھەر گالون ماينىڭ قەرەللىك باھاسى 5.58 سىنت تۆۋەنلەپ، بازار 3.05 ئامېرىكا دوللىرىلىق باھادا يېپىلدى. 5 – ئايدا مال تاپشۇرىلىدىغان ھەر كۇپ ئىنگىلىز چىسى تەبىئى گازنىڭ قەرەللىك باھاسى 30 سىنت تۆۋەنلەپ، بازار 10.10 ئامېرىكا دوللىرىلىق باھادا يېپىلدى.
|