باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئىجتىمائىي خەۋەرلەر
پۇقرالارنىڭ ‹‹دەۋالىشىش›› ھەققى تۆۋەنلىدى
2008- 04- 02 11:11 شىنجاڭ گېزىتى

     مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىز يېقىندا ئالتە تۈرلۈك دەۋالىشىش ھەققىنىڭ ئۆلچىمىنى تەڭشەپتۇ ۋە قېلىپلاشتۇرۇپتۇ، بۇ ئاپتونوم رايونىمىزدا ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ تۇنجى قېتىم دەۋالىشىش ھەققى ئۆلچىمىنى چىقىرىشى ۋە تۈزۈشى بولۇپ، بۇنىڭدىن كېيىن پۇقرالار تۆلەيدىغان ‹‹دەۋالىشىش›› ھەققىنىڭ تۆۋەنلەيدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن.

     ئىگىلىنىشچە، بۇ قېتىمقى ھەق ئۆلچىمىنى تەڭشەش ۋە قېلىپلاشتۇرۇش غەيرىي مال – مۈلۈك دېلوسى تۈرىدىكى دېلولار؛ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا چېتىلىدىغان ھەق – تەلەپ دېلولىرى تۈرىدىكى تالاش – تارتىش قىلىدىغان پۇل ياكى باھا سوممىسى بولمىغان دىلولار ۋە تالاش – تارتىش قىلىدىغان پۇل ياكى باھا سوممىسى بار دېلولار؛ دەۋالاشقۇچى دېلو باشقۇرۇش تەۋەلىك  ھوقۇقى توغرىسىدا باشقىچە قاراشنى ئوتتۇرىغا قويغان، باشقىچە قاراش پۇت تىرەپ تۇرالمىغان دېلولار؛ ئېلتىماس قىلىش ھەققى؛ گۇۋاھچى، باھالىغۇچى، تەرجىمان، ھېسابلىغۇچىلارنىڭ خەلق سوت مەھكىمىسى بەلگىلىگەن قەرەلدە سوتقا چىقىشى جەريانىدا شەكىللەنگەن قاتناش ھەققى، ياتاق ھەققى، تۇرمۇش پۇلى ۋە ئىشتىن قېلىش ياردەم پۇلى؛ دېلو ماتېرىياللىرىنى كۆپەيتىپ بېسىش ھەققىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

     غەيرىي مال – مۈلۈك دېلوسى تۈرىدىكى دېلولارنىڭ ھەق ئېلىش ئۆلچىمى نىكاھدىن ئاجرىشىش دېلولىرىنىڭ ھەق ئېلىش ئۆلچىمى، ئىسىم – فامىلە ھوقۇقى، نام ھوقۇقى، سۈرەت ھوقۇقى، ئىناۋەت ھوقۇقى، شان – شۆھرەت ھوقۇقى ۋە باشقا ئىززەت – ھۆرمەت ھوقۇقىغا دەخلى – تەرۇز قىلىش دېلولىرىنىڭ ھەق ئېلىش ئۆلچىمى،  باشقا غەيرىي مال – مۈلۈك دېلولىرىنىڭ ھەق ئېلىش ئۆلچىمىگە چېتىلىدىكەن.

     نىكاھدىن ئاجرىشىش دېلوسىنىڭ ھەق ئېلىش ئۆلچىمى مۇنداق بولىدىكەن: دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ يۆلەش، ئېچىش خىزمىتىدىكى نۇقتىلىق ناھىيىلەردە ھەر بىر دېلوغا 50 يۈەن، باشقا ناھىيە، شەھەرلەردە 150 يۈەن ئېلىنىدىكەن. مال – مۈلۈك بۆلۈشۈشكە چېتىشلىق بولسا، ‹‹دەۋا ھەققىنى تاپشۇرۇش چارىسى››دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە ئىجرا قىلىنىدىكەن.

   ئىسىم فامىلە ھوقۇقى، نام ھوقۇقى، سۈرەت ھوقۇقى، ئىناۋەت ھوقۇقى، شان – شۆھرەت ھوقۇقى ۋە باشقا ئىززەت – ئابرۇي ھوقۇقىغا دەخلى – تەرۇز يەتكۈزۈش دېلولىرىنىڭ ھەق ئېلىش ئۆلچىمى مۇنداق بولىدىكەن: دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ يۆلەش، ئېچىش خىزمىتىدىكى نۇقتىلىق ناھىيىلەردە ھەربىر دېلوغا 100 يۈەن، باشقا ناھىيە (شەھەر)لەردە 250 يۈەن ئېلىنىدىكەن. زىياننى تۆلەپ بېرىشكە چېتىشلىق بولسا، ‹‹دەۋا  ھەققىنى تاپشۇرۇش چارىسى››دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە ئىجرا قىلىنىدىكەن. باشقا غەيرىي مال – مۈلۈك دېلولىرىنىڭ ھەق ئېلىش ئۆلچىمى مۇنداق بولىدىكەن: دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ يۆلەش، ئېچىش خىزمىتىدىكى نۇقتىلىق ناھىيىلەردە ھەر بىر دىلوغا 50 يۈەن، باشقا ناھىيە(شەھەر) لەردە ھەر بىر دېلوغا 70 يۈەن ئېلىنىدىكەن.

     گۇۋاھچى، باھالىغۇچى، تەرجىمان، ھېسابلىغۇچىلارنىڭ خەلق سوت مەھكىمىسى بېكىتكەن قەرەلدە سوتقا چىقىشى جەريانىدا شەكىللەنگەن قاتناش ھەققى، ياتاق ھەققى، تۇرمۇش پۇلى ۋە ئىشتىن قېلىش ياردەم  پۇلى ئەمەلىي چىقىم قىلىنغاندىن كېيىن تاپشۇرۇلىدىكەن. دېلو ماتېرىياللىرىنى كۆپەيتىپ بېسىش ھەق ئۆلچىمى ئىختىيارى، ھەقلىق بولۇش پرىنسىپى بويىچە بولىدىكەن. مەجبۇرىي ھەق ئېلىشقا بولمايدىكەن.
 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ