باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى
دالاي گۇرۇھى لاسا زوراۋانلىق ۋەقەسىدىكى پىلانلىغۇچى ۋە قۇتراتقۇچى
2008- 04- 02 10:49 شىنجاڭ گېزىتى

     2008 – يىل 3 – ئاينىڭ 14 – كۈنى، ئاز ساندىكى قانۇنسىز ئۇنسۇرلار شىزاڭنىڭ لاسا شەھىرىدە  ئۇرۇش، چېقىش، بۇلاش، ئوت قويۇشتەك زوراۋانلىق ۋەقەنى سادىر قىلدى، زاڭزۇ، خەنزۇ ئاممىسىدىن 18 كىشىنىڭ بەزىلىرىنى كۆيدۈرۈپ، بەزىلىرىنى چېپىپ ئۆلتۈردى، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە مال – مۈلكىنى ئېغىر زىيانغا ئۇچراتتى. مۇشۇنداق ئېغىر زوراۋانلىق ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، دالاي گۇرۇھى پاكىتنى بۇرمىلاپ، بۇ قېتىمقى ۋەقەنى ‹‹تىنچ ئېتىراز بىلدۈرۈش››، جۇڭگودىكى زاڭزۇلار ‹‹ئۆزى قوزغىغان ھەرىكەت››، دالاي لاما 14 ۋە ‹‹شىزاڭ سەرگەردان ھۆكۈمىتى›› بىلەن مۇناسىۋەتسىز، دېدى. ھالبۇكى نۇرغۇن پاكىتتىن لاسادىكى ئۇرۇش، چېقىش، بۇلاش، ئوت قويۇشتەك زوراۋانلىق ۋەقەنى دالاي گۇرۇھىنىڭ تەشكىللىك، مەقسەتلىك ھالدا كۆڭۈل قويۇپ پىلانلىغانلىقى ۋە قۇتراتقانلىقى مەلۇم بولدى.

     بېيجىڭ ئو ت م غا كاشىلا قىلىپ، ‹‹شىزاڭ مۇستەقىللىقى››دە ماھىيەتلىك بۆسۈش ھاسىل قىلىشقا ئۇرۇنۇش

     دالاي گۇرۇھى 1959 – يىلىدىكى قوراللىق توپىلاڭدا مەغلۇپ بولۇپ قېچىپ كەتكەندىن كېيىن، ھىندىستاننىڭ دارامسالا دېگەن يېرىدە ‹‹شىزاڭ سەرگەردان ھۆكۈمىتى›› نى قۇرۇپ، ‹‹شىزاڭ ياشلار ئۇيۇشمىسى››، ‹‹شىزاڭ ئاياللار جەمئىيىتى›› قاتارلىق تەشكىلاتلارنى ئۇيۇشتۇرۇپ، ئۇزاقتىن بۇيان ۋەتەننى پارچىلاش ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلدى.

     بېيجىڭ 2008 –  يىللىق ئو ت م ئۆتكۈزۈش ھوقۇقىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېرىشكەندىن كېيىن، دالاي گۇرۇھى ‹‹ ئو ت م مەزگىلىدە ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىش››نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئو ت م غا كاشىلا قىلىش ئارقىلىق ‹‹شىزاڭ مۇستەقىللىقى›› ھەرىكىتىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈشكە ئۇرۇندى. 2004 – يىلى 12 – ئايدا، دالاي گۇرۇھى ‹‹2008 ئەركىن شىزاڭ ھەرىكىتى›› خىزمىتى بۆلۈمىنىڭ رەئىسى لودېڭلاڭلىن مۇنداق دېدى: ‹‹پۈتكۈل دۇنيا جۇڭگوغا يېقىندىن دىققەت قىلىدۇ. بۇ جۇڭگو ھۆكۈمىتىگە سىياسىي بېسىم ئىشلىتىشىمىزدىكى تېپىلماس پۇرسەت. ›› 2007 – يىل 2 – ئاينىڭ 7 – كۈنى دالاي گۇرۇھىنىڭ قورچاق پارلامېنت باشلىقى گېماچۈڭپېي  مۇنداق دېدى: ‹‹جۇڭگونىڭ 2008 – يىللىق ئو ت م نى ئۆتكۈزۈشىدىن پايدىلىنىپ ھەرىكەت قوللىنىپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنى 2008 – يىلى ياكى كەلگۈسى ئىككى يىلغىچە شىزاڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا قىستايمىز. ›› 3 – ئاينىڭ 10 – كۈنى ‹‹شىزاڭ ياشلار ئۇيۇشمىسى›› يەنە بايانات ئېلان قىلىپ: ھازىر ئىلگىرىكى مۇستەقىللىق كۈرىشىدە كۆرۈلۈپ باقمىغان مۇھىم پۇرسەتنى، يەنى بۇ يىلقى ئو ت م دىن ئىبارەت بۇ موھىم پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىشىمىز كېرەك، دېدى.

     دالاي گۇرۇھى يېقىنقى ئىككى يىلدا مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدا بېيجىڭ ئو ت م غ بۇزغۇنچىلىق قىلىش غەرىزىدە بىر قاتار ھەرىكەت قوللاندى. 2007– يىلى 4 – ئايدا دالاي گۇرۇھىنىڭ ‹‹ئەركىن شىزاڭ ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى›› جۇمۇلاڭما چوققىسى قوماندانلىق باش شتابىدا ئو ت م  غا بايقۇت قىلىدىغان ‹‹شىزاڭ مۇستەقىللىقى›› لوزۇنكىسىنى كۆتۈرۈپ چىقتى.  2007 –  يىل 5 – ئايدا دالاي گۇرۇھى: 2008 – يىلى 5 – ئايدا ھىندىستاننىڭ دارامسالا دېگەن يېرىدە ‹‹شىزاڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى›› ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى ھەم ئاتالمىش ‹‹شىزاڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى تەشكىللەش ھەيئىتى›› قۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، دالاي گۇرۇھى ‹‹خەلقئارا شىزاڭنى قوللاش تورى›› يەنە چىگرا سىرتىدىكى زاڭزۇلاردىن ‹‹تەنھەرىكەت كوماندىسى››  تەشكىللەپ، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىدىن ئۇلارنىڭ  ‹‹شىزاڭغا ۋاكالىتەن ئو ت م غا قاتنىشىش››ىغا ئىجازەت بېرىشنى تەلەپ قىلدى. ‹‹شىزاڭ ياشلار ئۇيۇشمىسى›› يەنە 2008 – يىلى 4 – ئايدا دارامسالادىن يېڭى دېھلىغىچە ‹‹ھالاكەت مەشئىلى›› يەتكۈزۈش پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرۇشنى قارار قىلدى.

     دالاي گۇرۇھى ‹‹شىزاڭ مۇستەقىللىقى ھەرىكىتى››نىڭ مەسئۇلى مۇنداق دېدى: ‹‹2008 – يىلى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئو ت م خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ جۇڭگو ھۆكۈمىتىگە ئىنسانىي  ھوقۇقنى ياخشىلاپ، دالاي لاما بىلەن سۆزلىشىپ، شىزاڭ مەسىلىسىنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىشىغا دەۋەت قىلىدىغان مۇھىم پۇرسەت. جايلاردىكى زاڭزۇلار جەڭگە ئاتلىنىشى كېرەك. ›› 2008 – يىلى 1 – ئايدا ھىندىستاندىكى جېفېڭ ئىبادەتخانىسىدا دىنىي پائالىيەت ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان مەزگىلدە، دالاي گۇرۇھى چېگرا سىرتىغا چىققان راھىبلارغا ‹‹ لامالارنىڭ كوچىغا چىقىشى››نىڭ سىياسىي ئەھمىيىتىنى تەشۋىق قىلدى. نەچچە ئون لاما دالاينىڭ سۈرىتى ئالدىدا تۇرۇپ: ‹‹قايتىپ بارغاندىن كېيىن >كوچىغا چىقىش< ئارقىلىق جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ شىزاڭدا يولغا قويغان سىياسىتىگە قارشى چىقىمىز››، دەپ قەسەم بەردى.

     زوراۋانلىقنى ئاشكارا تەرغىب قىلىپ، ‹‹شىزاڭ خەلقى چوڭ قوزغىلىڭى ھەرىكىتى››نى پىلانلاش

     شىزاڭ ياشلار ئۇيۇشمىسى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ‹‹پارتلىتىش تېخنىكىسى كۇرسى››نى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر خىل كۇرسلارنى ئۇيۇشتۇردى. 2007 –  يىلى 1 –  ئايدا دالاي گۇرۇھى‹‹ ئەركىن شىزاڭ ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى›› شىمالىي ئامېرىكىدا 8  –  نۆۋەتلىك ‹‹شىزاڭنى ئازاد قىلىش ھەرىكىتى لاگېرى›› ئۇيۇشتۇرۇپ، 450 تايانچنى يېتىشتۈردۇق، دېدى.

     دالاي گۇرۇھى بۇ يىل 2 –  ئاينىڭ ئالدى  –  كەينىدە  چېگرىدىن ئوغرىلىقچە چىقىپ كەتكەن 300 نەچچە زاڭزۇنىڭ ئەھۋالىنى مەخسۇس تەھلىل قىلىپ، ئۇلارنىڭ چېگرىدىكى چازىدىن بۆسۈپ ئۆتۈشى ياكى چېگرىدىن يوشۇرۇن كىرىشىگە تەييارلىق كۆردى.

     3 –  ئاينىڭ 10 –  كۈنى  دالاي گۇرۇھى ئالاھىدە تاللىغان 101 ئەزا دارامسالادىن رەسمىي يولغا چىقىپ، ‹‹شىزاڭ خەلق چوڭ قوزغىلىڭى ھەرىكىتى›› نى باشلىدى.

     لاسادىكى ئۇرۇش، چېقىش، بۇلاش، ئوت قويۇشتەك زوراۋانلىق ۋەقەنى بىر قوللۇق سادىر قىلش ۋە كېڭەيتىش

     10 – مارت دالاي گۇرۇھىنىڭ ئاتالمىش ‹‹شىزاڭنىڭ قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، زوراۋانلىققا قارشى تۇرۇش خاتىرە كۈنى››. 1959 – يىلى 10 – مارت دالاي گۇرۇھى لاسادا ئومۇميۈزلۈك قوراللىق ئىسيان كۆتۈرۈپ ئۇرۇپ، چېقىپ، بۇلاپ، ئوت قويۇپ، قىلمىغان ئەسكىلىكلىرى قالمىغان. توپىلاڭچىلار شىزاڭ ئاپتونوم رايونىنى قۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈش ھەيئىتىنىڭ ئەزاسى، كەنچۈن (تۆتىنچى دەرىجىلىك راھىب ئەمەلدار) پابالا سولاڭجياڭسونى  ئۆلتۈرۈۋەتكەن ھەم ئۇنىڭ جەسىتىنى ئاتقا ئىككى كىلومېتىر سۆرىتىپ ‹‹سازايى قىلغان››. دالاي گۇرۇھىغا نىسبەتەن 10 – مارت ئاممىنى زوراۋانلىققا چاقىرىق قىلىدىغان كۈن ئىدى.

     بۇ يىل 10 – مارت دالاي گۇرۇھى ئادىتى بويىچە ھىندىستاننىڭ دارامسالا دېگەن جايىدا ‹‹شىزاڭنىڭ زوراۋانلىققا قارشى تۇرۇپ، ئىسيان كۆتۈرگەنلىكىنىڭ 49يىللىقى››نى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. دالاي مۇنداق دېدى: جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ‹‹ئۆتكەن نەچچە يىلدا چېگرا ئىچىدىكى زاڭزۇلارنى باستۇرۇشى تېخىمۇ كۈچەيدى››، ‹‹ئۇلار ئىنسانىي ھوقۇقنى خالىغانچە دەپسەندە قىلىپ، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى چەكلىدى››، ‹‹مەن چېگرا ئىچىدىكى زاڭزۇ خەلقىنىڭ سەمىمىي ساداقىتى، جۈرئىتى ۋە ئىرادىسىگە ئاپىرىن ئوقۇيمەن››.

     دالاي گۇرۇھىنىڭ قۇترىتىشى بىلەن بۇ يىل 10 – مارت چۈشتىن كېيىن شىزاڭنىڭ لاسا شەھىرىدىكى ‹‹جېباڭ››ئىبادەتخانىسىنىڭ 300 گە يېقىن راھىبى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك قانۇنى، ئىبادەتخانىنىڭ مۇناسىۋەتلىك باشقۇرۇش تۈزۈمىگە پىسەنت قىلماستىن لاسا شەھىرىگە كىرىپ ۋەقە تۇغدۇرۇشقا ئۇرۇندى. نەچچە كۈن ئۆتكەندىن كىيىن، لاسا شەھىرىدە يەنە بىر ئوچۇم راھىب كوچىغا چىقىپ جېدەل چىقىرىپ، زىددىيەتنى قەستەن كەسكىنلەشتۈرمەكچى بولدى. ھۆكۈمەت خادىملىرى قانۇننى مەدەنىي ئىجرا قىلىشتا چىڭ تۇرغاچقا، قانۇنسىز راھىبلار ئىشنى زورايتىش مەقسىتىگە يېتەلمىدى. بۇنداق ئەھۋالدا زوراۋانلىق كۆرۈلدى. بىر قىسىم توپىلاڭچىلار 14 – مارت لاسا شەھىرىدە ئۇرۇش، چېقىش، بۇلاش، ئوت قويۇشتەك زوراۋانلىقىنى باشلىدى.

     شىزاڭ ياشلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى سىۋاڭ رېنزېن 20 – مارت دارامسالادا ئېچىلغان يىغىندا مۇنداق دېدى: ‹‹زوراۋانلىق دۆلەت ئىچىدىكى زاڭزۇلارنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىش ئېڭىنى  ئويغىتىش، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ شىزاڭ مەسىلىسىگە يۈكسەك كۆڭۈل بۆلۈشىنى قوزغاشتىن ئىبارەت ئالدىن كۆزلەنگەن ئۈنۈمگە ئاساسىي جەھەتتىن ئېرىشتى، بىراق قارشىلىق كۆرسىتىش توختاپ قالمايدۇ. بۇ قېتىمقى ھەرىكەت پەقەت بۇ يىلقى قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتىنىڭ مۇقەددىمىسى، خالاس.››

     لاسادا يۈز بەرگەن زوراۋانلىق ۋەقەسىدىكى مەلۇم جىنايەت گۇماندارى مۇنداق ئىقرار قىلدى: ‹‹شىزاڭ سەرگەردان ھۆكۈمىتى›› نىڭ خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىكى مېنى چېگرا ئىچىدىكى ئىبادەتخانا ۋە جەمئىيەتكە ‹‹شىزاڭ خەلقى چوڭ قوزغىلىڭى ھەرىكىتى››گە ئائىت تەشۋىقات ماتېرىياللىرىنى  تارقىتىشقا بۇيرۇدى. 14 – مارتتىكى ئۇرۇش، چېقىش، بۇلاش، ئوت قويۇشتەك زوراۋانلىق ۋەقە ئۇ تەرەپتىكى سەرگەردان ھۆكۈمەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىكىنىڭ قۇترىتىشى ۋە تەشۋىق قىلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، بىخەتەرلىكنى كۆزدە تۇتۇپ (دالاي گۇرۇھى) مەندىن نامايىش قاتارلىق ھەرىكەتلەرگە بىۋاسىتە قاتناشماستىن پەردە ئارقىسىدا تۇرۇپ قۇترىتىشىمنىلا تەلەپ قىلدى. بۇ جىنايەت گۇماندارى يەنە تۆۋە قىلىپ مۇنداق دېدى: ئۇرۇش، چېقىش، بۇلاش، ئوت قويۇش ھەرگىزمۇ ئۇلار ئېيتقان تىنچ نامايىش ئەمەس، بۇ قېتىم يۈز بەرگەن ۋەقە  ھەرگىزمۇ ئىنسان قىلىدىغان ئىش ئەمەس، زوراۋانلىق تەرغىب قىلىنمىغان بولسا، ئۇرۇش، چېقىش، بۇلاش، ئوت قويۇشتەك ئېغىر زوراۋانلىق ۋەقەسى يۈز بەرمىگەن بولاتتى.

     دالاي گۇرۇھى زوراۋانلىق ھەرىكىتىدىكى جاۋابكارلىقىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ

     لاسادىكى ۋەقەدىن كېيىن سىچۇەننىڭ ئابا زاڭزۇ – چياڭزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى بىلەن گەنسۇنىڭ گەننەن زاڭزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدا ئاز ساندىكى قانۇنسىز لامالار بىلەن جەمئىيەتتىكى قانۇنسىز ئۇنسۇرلارمۇ ئۇرۇش، چېقىش، بۇلاش، ئوت قويۇشتەك زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنى سادىر قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، دالاي گۇرۇھى زوراۋانلىقنىڭ دائىرىسىنى چېگرا سىرتىغا كېڭەيتىپ،  دۆلىتىمىزنىڭ ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فرانسىيە، ھىندىستان قاتارلىق دۆلەتلەردە تۇرۇشلۇق ئون نەچچە باش ئەلچىخانىسى، كونسۇلخانىسىغا زورلۇق بىلەن ھۇجۇم قىلىشقا ئادەم تەشكىللىدى. ‹‹شىزاڭ مۇستەقىللىقى››نى تەرغىب قىلغۇچى ئۇنسۇرلار جۇڭگونىڭ دۆلەت بايرىقىنى كۆيدۈردى، ئەلچىخانا، كونسۇلخانىلارنىڭ تاملىرىنى ئۆرۈپ ئەلچىخانا، كونسۇلخانىلارغا باستۇرۇپ كىردى ۋە ئىچىدىكى ئەسلىھەلەرنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىپ، دۆلىتىمىزنىڭ چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق ئاپپاراتلىرىدىكى خادىملار ۋە ئۇلارنىڭ مال – مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى ئېغىر تەھدىتكە ئۇچراتتى.

     دالاي گۇرۇھى زوراۋانلىق ھەرىكىتىنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى قەستەن بۇرمىلىدى. 14 – مارت دالاي خۇسۇسىي كاتىبات باشقارمىسى ئارقىلىق بايانات ئېلان قىلىپ، لاسادا يۈز بەرگەن زوراۋانلىق ۋەقەسىنى ‹‹تىنچ ئېتىراز بىلدۈرۈش››، دەپ پەردازلىدى.  14 – مارت ‹‹شىزاڭ سەرگەردان ھۆكۈمىتى››مۇ بايانات ئېلان قىلىپ، لاسادا يۈز بەرگەن زوراۋانلىق ۋەقەسىنى زاڭزۇلارنىڭ جۇڭگونىڭ سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش يۈزىسىدىن ئۆتكۈزگەن تىنچلىق نامايىشى، دېدى. دالاي 16 – مارت ئەنگلىيە رادىئو شىركىتى مۇخبىرىنىڭ: ‹‹ئەگەر نامايىشچىلارنى ھەرىكەتتىن توختاشقا بۇيرۇسىڭىز، ئۇلار گېپىڭىزنى ئاڭلامدۇ؟››دېگەن سوئالىغا ئۇ يەنىمۇ قۇتراتقۇلۇق قىلىپ: ‹‹ ئۇلاردىن توختاشنى تەلەپ قىلمايمەن، چۈنكى نۇرغۇن تەلەپنى شىزاڭ خەلقى ئۆزى ئوتتۇرىغا قويغان، ئۇلارنىڭ مۇددىئاسىغا ھۆرمەت قىلىمەن››، دەپ جاۋاب بەردى.

     دالاي ‹‹زوراۋانلىق ۋەقەسى››دىكى جاۋابكارلىقىدىن ھە دەپ باش تارتىۋاتقاندا، ئۇنىڭ گۇرۇھى ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ، زوراۋانلىق ھەرىكىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشكە تەييارلىق كۆردى. ‹‹شىزاڭ ياشلار ئۇيۇشمىسى›› 15 – مارت ھىندىستاننىڭ دارامسالا دېگەن جايىدا مەركىزىي ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ يىغىنىنى ئېچىپ، ‹‹تېزدىن پارتىزانلار ئەترىتى تەشكىللەپ، چېگرىدىن مەخپىي ئۆتۈپ قوراللىق كۈرەش قىلىش››قارارىنى بىردەك ماقۇللىدى. ‹‹شىزاڭ ياشلار ئۇيۇشمىسى›› يەنە خادىم، مەبلەغ، قورال سېتىۋېلىش قاتارلىق ئىشلار توغرىسىدا دەسلەپكى پىلاننى تۈزدى ھەم ئىلگىرى كۆزلەپ قويغان جۇڭگو – نېپال چېگرىسىدىكى چېگرىدىن ئوغرىلىقچە كىرىش يولى ئارقىلىق چېگرىدىن مەخپىي ئۆتۈشنى ئويلاشتى. ‹‹شىزاڭ ياشلار ئۇيۇشمىسى››نىڭ كاتتىبېشى: ‹‹ئۈزۈل – كېسىل غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئاز دېگەندە يەنە 100زاڭزۇنى قۇربان قىلىشقا تەييارلاندۇق›› ، دېدى.

     دالاي گۇرۇھى بۇنىڭدىن 49 يىل ئىلگىرى چىرىك، قالاق، فېئوداللىق قۇللۇق تۈزۈمىنى قوغداش ئۈچۈن، مىللەت ۋە دىن تۇغىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ ئومۇميۈزلۈك قوراللىق توپىلاڭ قوزغىغاندا، ئۈزۈل – كېسىل مەغلۇپ بولغانىدى. 49 يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە دالاي گۇرۇھى جۇڭگونىڭ ئو ت م  ئۆتكۈزۈش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ مىللەت ۋە دىننى دەستەك قىلىپ، زوراۋانلىق ۋەقەلىرى ئارقىلىق زاڭزۇلار رايونلىرىدا قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلىپ، ‹‹شىزاڭنى مۇستەقىل قىلىش ئىشلىرى››دا بۆسۈش قىلىشقا ئۇرۇندى، لېكىن دالاي گۇرۇھى پىلانلىغان ۋە قۇتراتقان زوراۋانلىق كىشىلەر قەلبىگە ياقمايدۇ، ئۇلار زاڭزۇ خەلقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتكۈل جۇڭگو خەلقىنىڭ بىردەك قارشى  تۇرۇشىغا ئۇچراپلا قالماستىن، خەلقئارا جەمئىيەتتىكى ئادىل، ئوبيېكتىپ پوزىتسىيىدىكى كىشىلەرنىڭمۇ ئەيىبلىشىگە ئۇچرىدى.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 30 – مارت تېلېگراممىسى)      

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ