باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى
ۋاڭ لېچۈەن ۋاڭ جيەنيۇ بىلەن كۆرۈشتى
2008- 04- 02 10:28 شىنجاڭ گېزىتى

      ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى ۋاڭ لېچۈەن 1 – ئاپرېل كەچتە جۇڭگو كۆچمە ئالاقىچىلىكى گۇرۇھ شىركىتىنىڭ باش لىدىرى ۋاڭ جيەنيۇ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى.

     ۋاڭ لېچۈەن مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو كۆچمە ئالاقىچىلىكىنىڭ شىنجاڭ شىركىتى مۇلازىمەت سەۋىيىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى، تەرەققىيات سۈرئىتى تېز، تىجارەت ئەھۋالى ياخشى بولدى، ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدا تۈرتكىلىك رول ئوينىدى، بۇنى جۇڭگو كۆچمە ئالاقىچىلىكى گۇرۇھ شىركىتىنىڭ ئۇزاقتىن بۇيانقى قوللاپ قۇۋۋەتلىشىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت داۋاملىق ياخشى تەرەققىيات مۇھىتى يارىتىپ، جۇڭگو كۆچمە ئالاقىچىلىكىنىڭ شىنجاڭدىكى تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىدۇ. جۇڭگو كۆچمە ئالاقىچىلىكىنىڭمۇ بۇنىڭدىن كېيىن ئاپتونوم رايونىمىزنى ئىقتىسادىي تەرەققىيات قاتارلىق جەھەتلەردە قوللاش سالمىقىنى داۋاملىق ئاشۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

     ۋاڭ جيەنيۇ مۇنداق دېدى: شىنجاڭ ئىقتىسادىغا مۇلازىمەت قىلىش جۇڭگو كۆچمە ئالاقىچىلىكىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى، بۇنىڭدىن كېيىن، شىنجاڭ بازىرىغا مەبلەغ سېلىش سالمىقىنى داۋاملىق ئاشۇرىمىز.
 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ